سۈت بېزى ياللۇغىنى داۋالايدىغان يېمەكلىكلەر

文摘   2024-12-11 19:02   新疆  



لامنارىيەنىڭ سۈت بېزى ئۆسۈشنى داۋالاشتىكى رولى


تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە ، لامندرىيە سۈت بېزى ئۆسۈشنى قوشۇمچە داۋالايدىكەن .  بولۇپمۇ سېمىز ئاياللاردا ئەمچەك چىڭقىلىپ ئاغرىش، تىلنى گەز باغلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە ، لامنارىيە(خەيدەي) ئىستېمال قىلغىنى تۈزۈك . چۈنكى ئۇنىڭ ئەمچەكتىكى تۈگۈنچىلەرنى يوقىتىپ، بەلغەمنى يۇمشىتىش ئۈنۈمى بار .  ئۇنىڭدىن باشقا لامنارىيە تەركىبىدە زور مىقداردا يود بولۇپ،  ھىپوفىز  ئالدى ياپراقچىسى سېرىق تەن ھاسىل قىلغۇچى ھورمۇننى غىدىقلاپ ، تۇخۇمدان پۈۋەكچىلىرىنىڭ سېرىق تەنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئانىلىق ھورمۇننىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ،  تۇخۇمداننىڭ نورمال ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، ئىچكى ئاجراتمىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى يوقىتىپ،  سۈت بېزىنىڭ ئۆسۈش خەۋپىنى ئازايتىدۇ.  سۈت بېزى ئۆسۈشكە سېمىزلىك ۋە ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش قوشۇلۇپ كەلگەن ئاياللار  دائىم خەيدەي ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئىنتايىن چوڭ پايدىسى بار .  


1.قارا كۈنجۈتتىن 10-15 گرام،  ياڭاق مېغىزىدىن 5 تال ، ھەسەلدىن بىر -ئىككى قوشۇق ئېلىپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلىنىدۇ .



2. خام ئارچا يوپۇرمىقىدىن 30 گرام،  ئاپېلسىن ئۇرۇقىدىن 15 گرام،  ياۋا جۇخار گۈلىدىن 15 گرام تەييارلاپ قاينىتىپ ئىچىلىدۇ . 



سۈت بېزى ياللۇغىنى يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش
1- مامكاپ 60 گرام . ئوچقاتتىن 30 گرام .يۇمشاق شال گۈرۈچى50-100 گرام  تەييارلاپ ئاۋۋال ، مامكاپ بىلەن ئۇچقاتنى قاينىتىپ،  تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ شىرنىسىگە يۇمىلاق شال گۈرۈچنى سېلىپ قاينىتىپ، ئوماچ ھالەتكە كەلتۈرىمىز . بۇنىڭ قىزىتمىنى قايتۇرۇش زەھەرنى قايتۇرۇش رولى بار . ئاساسلىق سۈت بېزى ياللۇغى،  بادام بەز ياللۇغى،  ئۆت خالتىسى ياللۇغى،  كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ .



2-ئۈرۈك مېغىزىدىن 3 تال مۇندىلاقتىن 5 گرام ، مۇۋاپىق مىقداردا سېرىق ھاراق تەييارلاپ ئالدى بىلەن ، ئۆرۈك مېغىزىنى ئېزىپ سوقۇپ ، مۇندىلاقنى تالقانلاپ ، ئىككىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ ، كۈندە ئىككى قېتىم سېرىق ھاراق بىلەن ئىچىلىدۇ .  قۇۋۋەتنى تولۇقلاپ ، بەلغەم بوشىتىش ، قىزىتمىنى ياندۇرۇش زەھەر قايتۇرۇش رولىغا ئىگە .  ئاساسلىق سۈت بېزى ياللۇغىغا ئىشلىتىلىدۇ . 


قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى   بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!





يۈزشەكلىڭىز قانداق بولسا ، خاراكتېرىڭىز شۇنداق


ئاياللارنىڭ يۈز شەكلى چوڭ جەھەتتىن چاسا يۈز، گازىر يۈز، يۇمىلاق يۈز ۋە ئۇچلۇق( v شەكىللىك ) يۈز دەپ 4 بۆلىنىدۇ. چىراي مۇتەخەسسىسلىرى بىز ئۈچۈن بۇ 4 خىل يۈز شەكلىدىكى ئاياللارغا  تۆۋەندىكىكدەك چۈشەندۈرۈش بەرگەن.


ئۇنداقتا سىز بۇ يۈز شەكلى ئىچىدىكى قايسىغا تەۋە ئىكەنسىز ؟ شۇنىڭدىن خاراكتېرىڭىزنى بىلىۋېلىڭ .


سالونىمىزغا 125 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.



سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز


ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...

سالون ئىزدەش نامى: eldawa



ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى

kedirle55

Eldawa爱众康
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالۇنى
 最新文章