كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى «كۆزنەك» ۋاقتىنىڭ پايدىسى
كىلىماكتېرىيە
دەۋرى ھەيز توختاش دەۋرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ ئاياللارنىڭ ئانىلىق ھورمون
سەۋىيىسى ئەڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن مەزگىل ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا،
قىسمەن كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش خەۋپى ئۆرلەيدۇ، بىراق يەنە بەزى
كېسەللىكلەرنىڭ خەتىرىمۇ تۆۋەنلەيدۇ، بۇ ئۆمۈرلۈك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى
ئېلىشتىكى مۇھىم «كۆزنەك» ھېسابلىنىدۇ.
مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى
«ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ بۇ توغرىسىدا ئورتاقلاشتى.
زىيارەتنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسلەر
جەنۇب
تېببىي داشۆسى جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش
دوختۇرخانىسى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى جاڭ لىخۇا؛
بېيجىڭ داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئىچكى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى جاڭ خەيچېڭ؛
ھەيز كېسىلىش دەۋرىدىكى ئەڭ ياخشى ياش ئارىلىقى
كىلىماكتېرىيە
دەۋرى، ھەيز توختاش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغاندىن تارتىپ ئەڭ ئاخىرقى
بىر قېتىملىق ھەيزگىچە بولغان مەزگىلنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە 45 ~ 55
ياشلاردا يۈز بېرىدۇ، داۋاملىشىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى ئوخشاش
بولمايدۇ، مېدىتسىنادا «ھەيز توختاش دەۋرى» دەپ ئاتىلىدۇ.
بەك بالدۇر
بولۇپ كەتسە، يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىغا پايدىسىز بولۇپ، «ياۋروپا يۈرەك
ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك 1 مىليون 400 مىڭدىن ئارتۇق
ئايالنى ئاساس قىلغان تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ھەيزنىڭ بالدۇر توختىشى
يۈرەك زەئىپلىشىش ۋە دالانچە تىترەش خەتىرىنىڭ ئۆرلىشى بىلەن
مۇناسىۋەتلىككەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېشى قانچە كىچىك بولسا، خەتىرى شۇنچە
يۇقىرى بولىدىكەن.
بەك كېيىن بولۇپ كەتسە، سۈت بېزى ساغلاملىقىغا
پايدىسىز بولۇپ، 55 ياشتىن كېيىن ھەيز توختىغان كىشىلەر سۈت بېزى،
بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ساغلاملىقىغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. چۈنكى
بۇ ئورۇنلار ئانىلىق ھورمونغا سەزگۈر بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل ئانىلىق
ھورموننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا، مۇناسىۋەتلىك خەۋپ - خەتەر ئېشىپ كېتىشى
مۇمكىن.
كىلىماكتېرىيە دەۋرىدە تۇخۇمدان ئاجرىتىپ چىقارغان
ستېروئىد ھورمون، بولۇپمۇ ئانىلىق ھورمون سەۋىيىسى تۆۋەنلەپ، ئاياللارنىڭ
ئىقتىدارى نۇرغۇن جىسمانىي ۋە روھىي ئۆزگىرىشلەرنى بىۋاسىتە ھېس قىلىدۇ،
مەسىلەن: ھۆل ئىسسىق، ئوغرى تەر، بەل - دۈمبە ئاغرىش، كەيپىيات داۋالغۇش،
كېچىدە سىيىش كۆپىيىش، ئۇيقۇسىزلىق، جىنسىي يول قۇرغاقلىشىش، تېرە
نېپىزلەش، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش قاتارلىقلار.
3 خىل كېسەللىكنىڭ خەتىرى تۆۋەنلەيدۇ
ئانىلىق
ھورموننىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىدە، كىلىماكتېرىيە دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشى
ئاياللارنى بەزى باش قېتىنچىلىقىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ، مەسىلەن: ھەيز
مەزگىلىدىكى بىئاراملىقنى قايتا باشتىن كەچۈرمىسىمۇ، جىنسىي تۇرمۇشتا
ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللانمىسىمۇ بولىدۇ، يەنە
تۆۋەندىكى ئاۋارىچىلىقلارمۇ ئازىيىدۇ:
قانسىراش خاراكتېرلىك قان ئازلىق تۈزىلىدۇ
پايتەخت
تېببىي داشۆسى قارمىقىدىكى بېيجىڭ تۇغۇت دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما
كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى رۈەن شياڭيەن مۇنداق دېدى: بەزى ئاياللاردا
ھەيز مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولۇش سەۋەبىدىن قان ئازلىق كېلىپ چىقىدۇ. ھەيز
توختىغاندىن كېيىن، ھەر ئايدا مۇقىم قان يوقاش ئەھۋالى يوقايدۇ، ئەگەر
يېمەك - ئىچمەكنى تەڭشەشكە ماسلاشسا، قان چىقىش خاراكتېرلىك قان ئازلىق
تۈزىلىشى مۇمكىن.
ھورمۇنغا بېقىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك خەۋپ - خەتەر تۆۋەنلەيدۇ
بەزى
ئاياللار كېسەللىكلىرى ھورمۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك، مەسىلەن: بالىياتقۇ
ئىچكى پەردىسى غەيرىي ئورۇنلىشىش كېسىلى، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى، بەزى
بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى ۋە سۈت بېزى مەسىلىسى
قاتارلىقلار. ھەيز توختىغاندىن كېيىن ئانىلىق ھورمون سەۋىيىسى تۆۋەنلەپ، بۇ
كېسەللىكلەرنىڭ خەتىرىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ تۆۋەنلىشى مۇمكىن.
باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش قوزغالمايدۇ
دۆلىتىمىزدە
باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى 35 ~ 40 ياش بولۇپ، ئاياللارنىڭ
باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشقا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئەرلەرنىڭكىنىڭ 2.1
ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.
جۇڭنەن داشۆسى شياڭيا دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى
كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ياڭ شياۋسۇ مۇنداق دېدى: ھورمۇننىڭ
ئۆزگىرىشى باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى،
مەسىلەن: ھەيز مەزگىلىدە، ئاياللار ھەيز توختاش مەزگىلىدىن كېيىن باشنىڭ
يېرىمى ئاغرىشنىڭ قوزغىلىش قېتىم سانى تەدرىجىي ئازىيىدۇ ياكى قوزغالمايدۇ.
ھەيز كېسىلىش دەۋرى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ھالقىلىق باسقۇچ
ئانىلىق
ھورمون سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىشىمۇ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، سۆڭەك
شالاڭلىشىش قاتارلىق قىسمەن كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى
ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
لېكىن «سۆگەت يوپۇرمىقىسىمان ئوپېراتسىيە پىچىقى» 2022 -
يىلى بېسىلغان بىر قاتار ماقالىلەردە، كېلىماكتېرىيە دەۋرىدە ئاكتىپ
ھەرىكەتكە كېلىش، مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىلغاپ
تەكشۈرۈشنىڭ بىر پۇرسىتى، بۇ «كۆزنەك مەزگىلى» نى چىڭ تۇتقاندىلا، خەۋپ -
خەتەرنى تۆۋەنلىتىپ، ئاياللارنىڭ ئۆمرىنى تېخىمۇ ئۇزارتقىلى، تېخىمۇ ساغلام
قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارالغان.
يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى
ھەيز
توختاشتىن ئىلگىرى ئەر - ئاياللاردا تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك
كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى 7:1 بولىدۇ. كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىن
كېيىن ئاياللار ئانىلىق ھورموننىڭ قوغدىشىدىن ئايرىلىپ قالسا، يۈرەك قان
تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، سالامەتلىك
تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش.
ھەيز توختاشنىڭ ئالدى - كەينىدە ھەر ئۈچ
ئايدا بىر قېتىم قان بېسىمىنى ئۆلچەش، ھەر يىلى بىر قېتىم قان شېكىرى،
قاندىكى ماي، ئېلېكتروكاردىئوگرامما ۋە يۈرەك ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى
قاتارلىقلارنى ئۆلچەش كېرەك.
يېمەك ئىچمەكنى كونترول قىلىش. بۇ ۋاقىتتا
ئاسانلا سەمىرىپ كېتىدۇ، شۇڭا ماي، تۇز، شېكەرنى ئاز يېيىش، ھەر كۈنى بىر
جىڭ كۆكتات، يېرىم جىڭ مېۋە - چېۋە يېيىش كېرەك.
چوڭقۇر دېڭىز بېلىقى
يەڭ. ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم تاسما بېلىق، سالمون بېلىقى، كۈمۈش ترېسكا
بېلىقى قاتارلىقلارنى يېسە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ تەركىبىدە ئومېگا 3 تىن ئارتۇق
تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى مول بولۇپ، يۈرەك قان تومۇرلىرىنى قوغداش،
كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق.
سۆڭەك شالاڭلىشىش
ئانىلىق
ھورمون سەۋىيىسى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىسە، ئاياللارنىڭ سۆڭەك ماددىسىنىڭ
ئېقىپ كېتىشىنى تېزلىشىپ، مۇسكۇل، بوغۇملارنىڭ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ
چىقىرىدۇ.
ھەر كۈنى 1 ~ 2 ئىستاكان سۈت، بىر دانە تۇخۇم، ئاز دېگەندە
30 مىنۇت كۈن نۇرىغا قاقلىنىغ كېرەك. يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات تەركىبىدىكى
بەسەي، قىچا كۆكىدە كالتسىي مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى؛ مېۋە - كۆكتات
تەركىبىدىكى ۋىتامىن A ،K قاتارلىقلارمۇ سۆڭەك ساقلىقىغا پايدىلىق.
ھەرىكەت
سۆڭەكنى غىدىقلاپ، سۆڭەك مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ. ھەر كۈنى 30 مىنۇتتىن ئارتۇق
ھەرىكەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، مەسىلەن: تېز مېڭىش، يوگا قاتارلىقلار.
زۆرۈر تېپىلغاندا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئانىلىق ھورموننى مۇۋاپىق
تولۇقلاش كېرەك.
ئۇيقۇسىزلىق
كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى
ئۇيقۇسىزلىق ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى
ئانىلىق ھورمون بىلەن ھامىلدارلىق ھورمونى كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ رىتىمىنى
تەڭشەيدۇ ۋە مۇقىملاشتۇرىدۇ. جۇڭخۇا ئالدىنى ئېلىش مېدىتسىناسى جەمئىيىتى
كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ساقلىقنى ساقلاش شۆبە جەمئىيىتى تۆۋەندىكى بىر
قانچە خىل تەڭشەش ئۇسۇلىنى تەۋسىيە قىلىدۇ:
يېمەك ئىچمەكنى تەڭشەش.
تەركىبىدە ۋىتامىن مول بولغان مېۋە - كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىش، مەسىلەن:
پەمىدۇر؛ كوففېئىننىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىش، مەسىلەن: چاي، قەھۋە،
شاكىلات؛ مايدا پىشۇرۇلغان، شېكەرلىك يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك.
جۇڭيى
تېبابىتى بويىچە باشقۇرۇش. مەسىلەن، جۇڭيى دورىسى پۇت يۇيۇش، خۇش پۇراق
بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى، دورىلىق غىزا، دورىلىق ياستۇق قاتارلىقلار.
چېنىقىشنى
داۋاملاشتۇرۇش. ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت، قارشىلىققا قارشى ھەرىكەتنى ئاساس
قىلىپ، تەدرىجىي ئىلگىرىلەش، ئۇخلاشتىن ئىككى سائەت بۇرۇن قاتتىق ھەرىكەت
قىلىشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپرەك
ئاپتاپقا قاقلىنىش كېرەك.
كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشكە ياردەم بېرىدىغان 6 ئىش
50
ياش كىشىلىك ھاياتنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى ئەمەس، بەلكى يېڭى باشلىنىش
نۇقتىسى. تۇرمۇش ئۇسۇلىنى پائال تەڭشەش كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىن ئوڭۇشلۇق
ئۆتۈشكە پايدىلىق.
1. ئازراق ئۆسۈملۈك ئانىلىق ھورمونى يېيىش
پۇرچاق
ئىزوفلاۋون بىر خىل فلاۋون تۈرىدىكى ئۆسۈملۈك خىمىيىلىك ماددىسى بولۇپ،
ئانىلىق ھورمون قۇرۇلمىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۆسۈملۈك ئانىلىق ھورمونى
دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 2023 - يىلى نەشر قىلىنغان «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ
تائاملىرىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى» دا، ھەيز
توختاشتىن ئىلگىرى ئاياللارنىڭ پۇرچاق ئىزوفلاۋونىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ
قىممىتى كۈنىگە 55 مىللىگرام، ھەيز توختىغاندىن كېيىن كۈنىگە 75 مىللىگرام،
ئەڭ يۇقىرى قوبۇل قىلىش مىقدارى كۈنىگە 120 مىللىگرام بولۇش ئوتتۇرىغا
قويۇلغان. تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەردە پۇرچاق ئىزوفلاۋونى مول بولۇپ، مۇۋاپىق
مىقداردا يەپ بەرسە بولىدۇ:
2. ئاقسىل ۋە مېۋە - چېۋە، كۆكتات
بۇ
مەزگىلدىكى يېمەك - ئىچمەك ئەڭ ياخشىسى ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا ئاقسىل،
كۆكتات 300 ~ 500 گىرام، مېۋە - چېۋە 200 ~ 350 گىرام، دانلىق زىرائەت 200
~ 300 گىرام بولۇشى، ئىمكانقەدەر ئىسپىرت قوبۇل قىلىنماسلىقى كېرەك.
3.
قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك يېمەكلىكلەرنى يەپ بېرىش
قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك مېۋە -
كۆكتاتلاردا كاروتىن ۋە كىسانتوفىل مول بولۇپ، تېرىنىڭ قۇرغاقلىقىنى
پەسەيتىپ، سېرىق داغنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يۈرەك قان
تومۇرلىرىنى قوغدايدۇ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، مەسىلەن: سەۋزە، كاۋا،
كۇلى بېھىسى، ئاپېلسىن، مانگو قاتارلىقلار.
4. ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈش
كىلىماكتېرىيە
دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئاياللار يەنىلا پەرزەنتلىرىنىڭ غېمىنى
يەيدۇ، لېكىن پەرزەنتلىرىنىڭ ئاللىقاچان چوڭ بولغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ،
ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بالىلارنىڭ تۇرمۇشىغا زىيادە ئارىلىشىۋالماسلىق
كېرەك.
5. ئالاقە مۇناسىۋىتى
تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، سىرداش
دوستلار يىغىلىشى چوڭ مېڭىنى ئوزۇقلاندۇرىدىكەن، ھەر ھەپتىدە سىرداش
دوستلىرى بىلەن ئىككى قېتىم سىرتقا چىقىدىغان ئاياللارنىڭ ئۆمرى سىرداش
دوستى يوق ئاياللارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدىكەن، ئۈچتىن ئارتۇق
سىرداش دوستلار بىلەن يىغىلىشىنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.
قىسقىسى،
كىلىماكتېرىيە دەۋرى بىر تەبىئىي ھاياتلىق جەريانى بولۇپ، ئۇ بەزى
جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن بىئارام بولۇش، ھەتتا كېسەللىك جەريانىنى
كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنى كونترول قىلغىلى بولمايدۇ، كۆپچىلىك
ئۇنىڭغا ئىلمىي مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. ئاياللار ياخشى روھىي ھالەت بىلەن
يەنە بىر گۈزەل كىشىلىك ھاياتنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟
قان
تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش
بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ
ئوخشاش بولمايدۇ.
سىز
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىنى قوشۇپ، قان تىپىڭىزغا ماس بولغان
ھەرپلەر A ، B، AB، O دىن تاللاپ سالونغا يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل
قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ئۇلارنىڭ
خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش
ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى
ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى
روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55