يۈرەككە ئالاھىدە پايدىلىق 8 خىل يېمەكلىك
يۈرەك ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزا بولۇپ، پۈتۈن بەدەنگە قان يەتكۈزۈشكە مەسئۇل بولۇپ، بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. دۆلىتىمىزدە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت سالىدىغان ئاساسلىق كېسەللىك بولۇپ قالدى. شۇڭا، يۈرەك ساغلاملىقىغا دىققەت قىلىپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم.
بۈگۈن كۆپچىلىككە يۈرەككە ئىنتايىن پايدىلىق سەككىز خىل يېمەكلىكنى تونۇشتۇرىمىز، بۇ سەككىز خىل يېمەكلىكنى دائىم يەپ بەرگەندە قان ۋە قاننى راۋانلاشتۇرۇپ، بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق.
«دورا ئارقىلىق قۇۋۋەت تولۇقلاش يېمەكلىك ئارقىلىق قۇۋۋەت تولۇقلاشقا يەتمەيدۇ» دېگەن تەمسىل بار، بۈگۈن كۆپچىلىككە يۈرەككە ئالاھىدە پايدىلىق سەككىز خىل يېمەكلىكنى تونۇشتۇرىمىز، دائىم يەپ بەرگەندە قان ۋە قۇۋۋەت راۋانلىشىپ، تەن ساپاسىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
يۈرەككە پايدىلىق 8 خىل يېمەكلىك
1. قارا مور
قارا مور تەركىبىدە ئۆسۈملۈك يېلىم ماددىسى ۋە تالاسى مول بولۇپ، قان تومۇرلاردىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاشقا ياردەم بېرىپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، قاننىڭ ئېقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تەبىئىي ئۆسۈملۈك خاراكتېرلىك ماددىلار قان تومۇر قېتىشىشنى ئاستىلىتىپ، يۈرەك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، قارا مورنىڭ يەنە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار بولۇپ، ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.
2. بېلىق (بولۇپمۇ سالمون بېلىقى، ماككېرېل بېلىقى)
Omega-3 ياغ كىسلاتاسى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىپ، ئارتېرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۈرەك كېسىلى، سەكتە بولۇپ قېلىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
3. سامساق
سامساق ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق، قاندىكى «ناچار خولېستېرىن» (LDL) نى ئازايتىپ، يۈرەك ساغلاملىقىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
سامساق تەركىبىدىكى سۇلفىدلار ۋە ئاللىتسىن قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قاننىڭ ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، ئارتېرىيە قېتىشىشنى ئازايتىدۇ.
4. سەۋزە
سەۋزە تەركىبىدە β-كاروتېن مول بولۇپ، بىر خىل كۈچلۈك ئۈنۈملۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا، ئۇ بەدەندىكى ئەركىن رادىكاللارنى تازىلاپ، قان تومۇرلارنى قوغداپ، يۈرەك كېسىلىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى ئازايتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سەۋزە تەركىبىدىكى كالىي ئېلېمېنتى قان بېسىمىنى تەڭشەشكە ياردەم بېرىپ، يۇقىرى قان بېسىم ئېلىپ كەلگەن يۈرەكنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ.
5. يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار
پالەك، قىچا، كاللەكبەسەي قاتارلىق يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە يوپۇرماق كىسلاتاسى، كالىي، كالتسىي ۋە تالا مول بولۇپ، قاندىكى ماي ۋە قان بېسىمىنى تەڭشەشكە ياردەم بېرىپ، يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلايدۇ.
فولىك كىسلاتاسى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۈرەك كېسىلىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتىدۇ. كالىي بەدەندىكى ناترىينىڭ مىقدارىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن، ماي مىقدارى تۆۋەن بولۇش ئالاھىدىلىكىمۇ بەدەن ئېغىرلىقىنى يېنىكلىتىپ، يۈرەكنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە پايدىلىق.
6. چىلان
چىلان تەركىبىدە ۋىتامىن C، كالىي ۋە تۆمۈر مول بولۇپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۈرەكنىڭ قان سىقىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.
چىلان يەنە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش، قان تولۇقلاش ۋە قان ئازلىقنى ياخشىلاشقا پايدىلىق، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ.
7. قاتتىق پوستلۇق مېۋە
قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر، مەسىلەن، ياڭاق، ئۆرۈك مېغىزى، مۇقاتىل قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە ۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، تالا، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىپ، قان تومۇرلارنىڭ ساغلاملىقىنى ياخشىلايدۇ.
بولۇپمۇ ياڭاق تەركىبىدە Omega-3 ياغ كىسلاتاسى مول بولۇپ، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتىدۇ.
8. يېشىل چاي
يېشىل چاي تەركىبىدە كاتېخىن ۋە چاي پولىفېنولى مول بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى ناھايىتى كۈچلۈك، بەدەندىكى ئەركىن رادىكاللارنىڭ سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىپ، يۈرەك كېسىلىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتىدۇ.
يېشىل چاي يەنە قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە بولۇپ، قان بېسىمىنى ئۈنۈملۈك تەڭشەپ، يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلايدۇ.
ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان كىشىلەر قىشتا يۈرەكنى قانداق ئاسرىشى كېرەك
1. ئىسسىق ساقلاش بىرىنچى، يۈرەككە سوغۇق ئۆتكۈزۈۋالماسلىق كېرەك
قىشتا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ئەڭ قورقىمىز، سوغۇق قان تومۇرلارنى تارايتىپ، يۈرەك خىزمىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا سىرتقا چىققاندا چوقۇم ئىسسىق كىيىش، بولۇپمۇ باش، قول، پۇت، ئىسسىق ساقلاش كېرەك. ئۆينىمۇ ئىسسىق تۇتۇش، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش، سوغۇقنىڭ يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
2. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، بەدەننى توڭلىتىپ قويماڭ
گەرچە سوغۇق كۈنلەردە سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىشنى خالىمىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە قىشتا مۇۋاپىق مىقداردا ھەرىكەت قىلىش يۈرەككە ناھايىتى پايدىلىق. سەيلە قىلىش، ئاددىي پەي سوزۇش ھەرىكىتى ئىشلەش، تەيجى گۇمپىسى ئويناش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىللىق ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇللاردۇر. پەقەت مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلسىلا، يۈرەك ئىقتىدارىمۇ چېنىقىدۇ.
3. يېمەك-ئىچمەك مايسىز بولۇش، بەك تۇزلۇق بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك
قىش پەسلىدە نۇرغۇن كىشىلەر تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن تۇز تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر قان بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. تۇزلانغان يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئاز يېيىش، يېڭى كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىش، تاماقنىڭ مايسىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. تاماق ئەتكەندە تۇزنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، ساغلاملىق تېخىمۇ مۇھىم.
4. ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش، تۈنىمەسلىك كېرەك
قىش پەسلى كۈندۈزى قىسقا، كېچىسى ئۇزۇن بولۇپ، ئۆزىگە ياخشى ئارام ئېلىش پۇرسىتى بېرىپ، 7-8 سائەت ئۇخلاش كېرەك. يېتەرلىك ئۇيقۇ سىزنىڭ جىسمانىي كۈچىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە يۈرەكنىڭ يۈكىنى تۆۋەنلىتىدۇ. شۇڭا ھەرگىز تۈنىمەسلىك كېرەك، قانۇنىيەتلىك خىزمەت ۋە دەم ئېلىش ئەڭ مۇھىم.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟
قان
تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش
بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ
ئوخشاش بولمايدۇ.
سىز
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىنى قوشۇپ، قان تىپىڭىزغا ماس بولغان
ھەرپلەر A ، B، AB، O دىن تاللاپ سالونغا يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل
قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ئۇلارنىڭ
خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش
ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى
ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى
روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55