چىش ئاغرىقىنى ياخشىلايدىغان ئەپچىل چارىلەر
چىش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر بىر قەدەر كۆپ، بەزى ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، يەنە بەزىلىرى ناچار يېمەك-ئىچمەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەيلى قايسى خىل سەۋەب بولسۇن، بىمارلار ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. ئۇنداقتا چىش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر زادى قايسىلار؟
1. چىش چىرىش كېسىلى
چىش ئەتراپى كېسەللىكى دائىم كۆرۈلىدىغان چىش كېسەللىكى بولۇپ، بۇ خىل كېسەللىك چايناش ئىقتىدارىنى يوقىتىپلا قالماستىن، ئېغىر بولغاندا چىش ئەتراپى يىرىڭلىق ئىششىقى، چىش يىلىكى ياللۇغى ۋە ئېڭەك سۆڭىكى يىلىكى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىپ، چىشنى ئاغرىتىدۇ.
دەسلەپكى مەزگىلدە، بىمارنىڭ ئاغرىق سېزىمى روشەن بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن چىش مىلىكى يىگلەپ تەرەققىي قىلىپ چىشنىڭ ماھىيىتىگە يەتكەندە، زىيادە غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرگە يولۇققان ھامان، ئېغىر چىش ئاغرىقى پەيدا بولىدۇ.
2. جىددىي خاراكتېرلىك چىش يىلىكى ياللۇغى
چىش يىلىكى ياللۇغى ئاساسلىقى چىش ئەتراپى ياللۇغىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، بۇ كېسەل چىش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب.
بۇ خىل كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاغرىق ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىدۇ، ئىسسىق-سوغۇقنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندا، بىماردا قاتتىق ئاغرىق سېزىمى پەيدا بولىدۇ، بولۇپمۇ كېچىدە ئاغرىق سېزىمى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئاغرىقى يەنە باش، بويۇن، قۇلاق قاتارلىق قىسىملارغىچە تارقىلىدۇ.
3. ئەقىل چىش تاجسى ياللۇغى
ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقى ياخشى بولمىغان، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەپ كەتكەن ئەھۋالدا، ئەقىل چىشى ئالاھىدە ئاسانلا ياللۇغلىنىپ قالىدۇ. ئەقىل چىشى ياللۇغلانغاندا، بىمارنىڭ چىش مىلىكى ئاغرىيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاستىنقى جاغ قىسمىدىكى ئەقىل چىشى يۇتقۇنچاق قىسمىغا يېقىن بولغاچقا، يۇتقۇنچاق ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ ئالامەتلەر تاماق يېيىش ۋە گەپ قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئېغىر بولغاندا بىماردا يەنە يۇقىرى قىزىتما، ئېڭەك ئاستىدىكى لىمفا تۈگۈنى ئىششىش، يۈز ئىششىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
يۇقىرىقىلار چىش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان مۇناسىۋەتلىك سەۋەبلەر بولۇپ، سەۋەبىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، بىمارغا كونكرېت سەۋەبكە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئەگەر چىش ئاغرىقى ئىنتايىن ئېغىر بولسا، بىمارغا تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق چىش ئاغرىقىنى ۋاقتىدا پەسەيتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
1) مۇز تېڭىش
چىش ئاغرىقىغا چىدىغىلى بولمىغاندا، بىمار مۇز پارچىسى بىلەن تېڭىپ ئاغرىقنى پەسەيتسە بولىدۇ. ئادەتتە 15 مىنۇتتىن 20 مىنۇتقىچە مۇزلاتسا بولىدۇ، ئاغرىق بىر قەدەر ئېغىر بولسا، تاكى ئاغرىق يوقالغانغا قەدەر مۇزلىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ. سوغۇق ئۆتكۈزگەن جەريانىدىمۇ تېرىنىڭ ئۈششۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىش لازىم.
2) زەنجىۋىلنى چىشلەش
چىش ئاغرىغاندا، زەنجىۋىلدىن ئازراق كېسىپ، ئاغرىغان ئورۇننى چىشلىسە بولىدۇ، ئادەتتە 10-20 مىنۇتقىچە چىشلىسە كۇپايە. بۇ خىل ئۇسۇلنى كۆپ قېتىم قوللىنىشقا بولىدۇ، كەچتە يەنە بىر پارچە زەنجىۋىلنى ئېغىزغا چىشلىسە ئاغرىقنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.
3) تۇز سۈيىدە ئېغىزنى چايقاش
قايناقسۇغا بىر قوشۇق تۇز سېلىپ، تولۇق ئارىلاشتۇرۇپ، تۇزنى ئۈزۈل-كېسىل ئېرىتىمىز، قايناقسۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، تۇز سۈيى بىلەن ئېغىزنى چايقاپ ئاغرىقنى پەسەيتىمىز. تۇز سۈيىنىڭ دېزىنفېكسىيە قىلىش رولى بار، چىش ئاغرىقىنىڭ كۆپىنچىسى چىش باكتېرىيە دېغىنىڭ نېرۋىنى زەخىملەندۈرۈشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا تۇز سۈيى بىلەن ئېغىزنى چايقىغاندا ئاغرىقنى ئۈنۈملۈك پەسەيتكىلى بولىدۇ.
4) چاي خالتىسىنى چىشلەش
يېشىل چاي ياكى قىزىل چاي تەركىبىدە تاننىن كىسلاتاسى بولۇپ، بۇ خىل ماددا ھەم ئىششىقنى ياندۇرىدۇ، ھەم قاننىڭ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىشىغا ياردەم بېرىدۇ. چىشى ئاغرىغانلار چاي يوپۇرمىقى خالتىسىنى سۇغا سېلىپ، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا قىزىتىپ، ئاندىن ئارتۇق سۇنى سىقىپ چىقىرىپ، چاي خالتىسىنى چىشنىڭ ئاغرىغان يېرىگە سانجىپ، ئاغرىقنى پەسەيتىپ، چىش مىلىكىدىكى ئىششىقنى يوقاتسا بولىدۇ.
5. ئاق ھاراققا تۇز قوشۇپ قىزدۇرۇش
مۇۋاپىق مىقداردا ئاق ھاراق ئېلىپ، ئىچىگە ئاز مىقداردا تۇز سېلىپ، تولۇق ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئوچاققا سېلىپ قاينىتىپ سوۋۇتۇپ، ئاندىن بىر يۇتۇم ئىچىپ بەرسە، ئاغرىقنى ئۈنۈملۈك پەسەيتكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوڭ قولنىڭ سول قولنىڭ دۈمبىسىدىكى خېگۇ پەللىسىنى بېسىشىمۇ چىش ئاغرىقىنى مەلۇم دەرىجىدە پەسەيتىش ئۈنۈمىگە ئىگە.
يۇقىرىقىلاردىن مەلۇمكى، چىش ئاغرىقى جىددىي خاراكتېرلىك چىش يىلىكى ياللۇغى، تاج ئەتراپى ياللۇغى، چىش چىرىش كېسىلى قاتارلىق كۆپ خىل سەۋەبلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ سەۋەبلەر ئوخشىمىغان دەرىجىدە چىش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چىش ئاغرىقلىرى كونكرېت سەۋەبكە قارىتا داۋالانغاندىن باشقا، يەنە مۇزلىتىش، تۇز سۈيىدە ئېغىز چايقاش، چاي خالتىسىنى چىشلەش، زەنجىۋىلنى چىشلەش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىمارلار ئادەتتە يېمەك-ئىچمەككىمۇ دىققەت قىلىشى، سوغۇق، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىشى لازىم.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
بەدەن شەكلىڭىز ئالما شەكىللىكمۇ ياكى نەشپۈت شەكىللىكمۇ؟
ئادەم قولدىن ئايرىلالمايدۇ ، قول بارماقلىرىمىز بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنىئاسانلاشتۇرۇشتىكى ۋە ئىشلارنى ئورۇنلاشتىكى قۇرالىمىز . شۇنداقلا بىزنىڭئۈزۈكلەرنى ياراشتۇرۇپ تاقاپ ئۆزىمىزگە زىننەت بەرگۈچى ياردەمچىمىز .
ئۇنداقتا سىز بەش بارمىقىڭىز ئىچىدە قايسى بارمىقىڭىزنى ھەممىدىن بەك ياقتۇرىسىز ؟
A: باشمالتاق ؛
B: كۆرسەتكۈچ بارماق ؛
C : ئوتتۇرا بارماق ؛
D : نامسىز بارماق ؛
E : چىمچىلاق ؛
سالونىمىزغا 698 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
سالون ئىزدەش نامى: eldawa
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55