كىچىك ۋاقتىمىزدا مودا بولغان كاسسا ھۇكۇلى يوقاپ كەتتىمۇ؟
سىز «كاسسا ھۇكۇلى» ئۇرغۇزۇپ باققانمۇ؟
كاسسا
ھۇكۇلى ئەمەلىيەتتە مۇسكۇل ئىچىگە ئوكۇل قىلىش دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ دورىنى
بىۋاسىتە مۇسكۇل توقۇلمىلىرىغا كىرگۈزۈش ئۇسۇلى بولۇپ، دورىنى تېز سۈرئەتتە
سۈمۈرىدۇ ۋە تارقىتىدۇ.
يېقىندا، «كاسسا ھۇكۇلى نېمە ئۈچۈن يوقاپ
كەتتى» دېگەن تېما تورداشلارنىڭ كاسسا ھۇكۇلىغا بولغان ئەسلىمىسىنى
قوزغىدى: «بىر خەت _ _ قورقۇش! «ئاغرىقتىن قورقۇش، ئۇ ئاغرىققا ھېچنېمە
توغرا كەلمەيدۇ...»
مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى
«ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، بىر نەچچە خىل ئوكۇل سېلىش ئۇسۇلىنىڭ پەرقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.
زىيارەت
قىلىنغان مۇتەخەسىسلەر جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش باش دوختۇرخانىسى
ئۆسمە كېسەللىكلىرى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى كۇڭ
لىڭيۈ؛
دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىكا مەسلىھەتچىسى جاڭ مىنتىڭ؛
ھازىر نېمىشقا «كاسسا ئۇكۇلى» نى ئاسان ئۇرمايدۇ؟
مۇسكۇلغا
ئوكۇل قىلىش بىر خىل مۇتەئەسسىپ، نىسبەتەن بىخەتەر ئوكۇل قىلىش ئۇسۇلى.
مۇسكۇلنىڭ سۈمۈرۈش سۈرئىتى ۋېنادىن كۆپ ئاستا بولغاچقا، مۇسكۇلغا ئوكۇل
قىلغاندا زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.
دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، «كاسا ھۇكۇلى» ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى، بۇ تۆۋەندىكى بىر قانچە سەۋەب بىلەن مۇناسىۋەتلىك:
قىسمەن دورىلار يېڭىلاندى
شۇ
يىلى «كاسا يىڭنىسى» ئارقىلىق ئوكۇل قىلىنىدىغان بەزى دورىلار
شاللىۋېتىلدى، بىر قىسىم پېنىتسىللىن(青霉素)تۈرىدىكى دورىلارنىڭ ئورنىنى ھەر
خىل سېفالوسپورالار ئالدى. سېفالوسپورا (头孢)بىخەتەرلىكى پېنىتسىللىندىن
يۇقىرى، شۇڭا مۇسكۇل ئىچىگە ئوكۇل قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
ئاغرىق سېزىمى بىر قەدەر كۈچلۈك
ساغرا
ھۇكۇلىنىڭ قېلىنلىقى ئۈچ سانتىمېتىر ئەتراپىدىكى تېرە ۋە ماي
توقۇلمىلىرىنى بۆسۈپ ئۆتكەندىلا، ئاندىن مۇسكۇلغا يېتىپ بارالايدۇ. ھوكۇل
سالغاندا يىڭنىنىڭ 3/2 قىسمى تېرىگە سانجىلىدۇ، ئاغرىق سېزىمى نىسبەتەن
كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ساغرىدا قان تومۇرلار ۋە نېرۋىلار ئىنتايىن
مول بولۇپ، ھەر قېتىم ئوكۇل ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن نۇرغۇن بىمارلارنىڭ
ساغرىسىنىڭ يېرىمى ھەم ئۇيۇشۇپ ھەم ئاغرىق ھېس قىلىدۇ.
نېرۋىنى غىدىقلايدۇ
ساغرىنىڭ
ئىچكى تەرىپىدە بىر تال ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى بار، ئەگەر ئوكۇل سېلىش
تېخنىكىسى پىشىپ يېتىلمىگەن ياكى ئۇسۇلى توغرا بولمىغاندا، ئولتۇرغۇچ سۆڭەك
نېرۋىسىنى غىدىقلاپ، نېرۋىنى زەخىملەندۈرۈشى، ھەتتا يول مېڭىشقا تەسىر
يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
ئادەم ئاسانلا ئوسال ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ
كاسسىغا ھوكۇل
سالغاندا بىمار ئىشتىنىنى سېلىشقا توغرا كېلىدۇ، بىر قىسىم نىسبەتەن مەخپىي
بولغان ئەزالار ئاشكارلىنىپ ئادەمنى خىجىلچىلىقتا قويىدۇ. بىراق، «كاسسا
ھۇكۇلى» يوقاپ كەتمىدى. ۋېناغا ئوكۇل قىلىشقا بولمايدىغان ياكى چوقۇم تېرە
ئاستىغا ئوكۇل قىلىدىغان، شۇنداقلا غىدىقلاشچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك ياكى
دورا مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولغان دورىلارنى ئوكۇل قىلىش قاتارلىق
ئەھۋاللاردا، مۇسكۇل ئىچىگە ئوكۇل قىلىش يەنىلا كەم بولسا بولمايدۇ.
كاسىسىغا سانجىش بىلەن بىلىكىگە سانجىشنىڭ قانداق پەرقى بار؟
ئاساسىي
پەرۋىش مەشغۇلاتىدا، دورا كىرگۈزۈلگەن ئورۇننىڭ چوڭقۇرلۇقتىن تېيىزلىققا
قاراپ، مۇسكۇل ئىچىگە ئوكۇل قىلىش، تېرە ئاستىغا ھوكۇل قىلىش، ۋېناغا ئوكۇل
قىلىش، تېرە ئىچىگە ئوكۇل قىلىش دەپ ئايرىلىدۇ.
كىلىنىكىدا، ئوخشاش
بولمىغان دورىلارنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە تەسىر قىلىش تەلىپىگە ئاساسەن، ئوخشاش
بولمىغان ھوكۇل سېلىش ئۇسۇلىنى تاللاش كېرەك.
1. مۇسكۇلغا ئوكۇل قىلىش
مۇسكۇلغا
ئوكۇل قىلىشتا دورا سۇيۇقلۇقى مۇسكۇل توقۇلمىلىرىغا كىرگۈزۈلىدۇ، دورا
توقۇلما سۇيۇقلۇقىدا ئېرىگەندىن كېيىن قان تومۇرلارغا كىرىدۇ، قىسقا ۋاقىت
ئىچىدە بەدەندىكى قان ئايلىنىشقا كىرىپ، پۈتۈن بەدەنگە ۋە كېسەللىك
ئوچىقىغا ئېقىپ بارىدۇ. شۇڭا، ۋېناغا ئوكۇل قىلىشقا بولمايدىغان، لېكىن
تېرە ئاستىغا ئوكۇل قىلىشقا قارىغاندا داۋالاش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ تېز جارى
قىلدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدىغان ياكى غىدىقلاشچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك، دورا
مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولغان دورىلارنى ئوكۇل قىلغاندا، مۇسكۇل ئىچىگە
ئوكۇل قىلىشقا بولىدۇ، كۆپىنچە مۇسكۇل بىر قەدەر قېلىن، چوڭ نېرۋا ۋە چوڭ
قان تومۇرلاردىن يىراقراق ئورۇننى تاللاش كېرەك، شۇڭا، ساغرا چوڭ مۇسكۇلى
ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.
2. تېرە ئاستىغا ئوكۇل قىلىش
تېرە
ئاستىغا ئوكۇل قىلىش تېرىنى تېشىپ ئۆتۈپ، ئاز مىقداردىكى مىكروبسىز دورا
سۇيۇقلۇقى تېرە ئاستى توقۇلمىلىرىغا كىرگۈزۈلىدۇ، ئاساسلىقى ئاز مىقداردىكى
دورىلارنى ئوكۇل قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
دورا بېرىشكە ياكى ئىچىشكە
بولمايدىغان، ئەمما بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشقا
تېگىشلىك دورىلار، مەسىلەن؛ ئىنسۇلىن، ئادرېنالىن قاتارلىق دورىلارغا بۇ
خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولىدۇ. ۋاكسىنا ئەملەشتە كۆپىنچە تېرە ئاستىغا
ئوكۇل قىلىنىدۇ، كۆپىنچە يۇقىرى بىلەك ئۈچ بۇرجەك مۇسكۇلىنىڭ ئاستى
گىرۋىكى، قورساق قىسمى، يوتىنىڭ سىرتقى تەرىپىگە ھوكۇل قىلىنىدۇ.
3. ۋېناغا ئوكۇل قىلىش
ئەگەر
دورىنىڭ قويۇقلۇقى يۇقىرى، غىدىقلاشچانلىقى چوڭ، مىقدارى كۆپ بولسا ياكى
ئىچىشكە، تېرە ئاستىغا، مۇسكۇل ئىچىگە ئوكۇل قىلىشقا بولمايدىغان، لېكىن
دورا ئۈنۈمىنى تېز جارى قىلدۇرۇشقا توغرا كەلسە، كلىنىكىدا ۋېنادىن ئوكۇل
قىلىش تاللىنىدۇ، يەنى ۋېنادىن دورا سۇيۇقلۇقى كىرگۈزۈلىدۇ، كۆپىنچە
سۇيۇقلۇق بېرىش ياكى قان بېرىش، ۋېنادىن ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاش ۋە جىددىي
قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
4. مۇسكۇلغا ھوكۇل قىلىش
مۇسكۇلغا ھوكۇل
قىلىشتا، ئاز مىقداردىكى مىكروبسىز دورا سۇيۇقلۇقى يۈزەكى تېرە بىلەن
ھەقىقىي تېرە ئارىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ، كۆپىنچە بىلەكنىڭ ئىچكى تەرىپى
تاللىنىدۇ، ئادەتتە ھەر خىل دورىلارنىڭ زىيادە سەزگۈرلۈك سىنىقىغا
ئىشلىتىلىپ، زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسىنىڭ بار - يوقلۇقى كۆزىتىلىدۇ.
بۇ ئورۇندا نېرۋا ئاخىرقى ئۇچلىرى مول بولۇپ، ھوكۇل سالغاندا ئاغرىق سېزىمى بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ.
دوختۇر
شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، كېسەل بولسىلا ئاسما ھوكۇل سېلىشنى ئويلىماسلىق، دۇنيا
سەھىيە تەشكىلاتى تەۋسىيە قىلغان «ئىشلەتمىسىمۇ بولىدىغان بولسا
ئىشلەتمەسلىك، ئاز ئىشلەتسىمۇ كۆپ ئىشلەتمەسلىك، ئىچىشكە بولسا مۇسكۇلغا
ھوكۇل سالماسلىق» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.
كۆزنى يۇمۇۋېلىش
ئەكسىچە پىسخىكىلىق يۈكنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ «پىسخولوگىيە ئىلمى»
ژۇرنىلىدىكى بىر پارچە تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، ھوكۇل ئۇرغاندا ياكى قان
ئالغاندا، كۆزنى يۇمۇپ ياكى بېشىنى بۇراپ قارىماسلىق، ئاغرىقنى
يېنىكلىتەلمەيلا قالماستىن يەنە پىسخىكىلىق يۈكنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.
چۈنكى،
كىشىلەر كۆزىنى يۇمۇپ بېشىنى بۇرىغاندا، «تۇيۇقسىز» يىڭنە
سانجىلىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ. بۇ نامەلۇم ۋەھىمە پەيدا قىلىپ، نېرۋىنىڭ
يۈكسەك جىددىيلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بېسىم ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ
چىقىشىنى ئاشۇرۇپ، ئورگانىزمدا تەرلەش، يۈرەك رىتىمى تېزلىشىش، نەپەس
تېزلىشىش قاتارلىق فىزىيولوگىيەلىك ھادىسىلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
ئەكسىچە، بەدەنگە تىكىلىپ قاراشنىڭ، زەخىملىنىشنىڭ يېتىپ كېلىش ۋاقتىنى «جەزملەشتۈرۈپ»، بەلگىلىك ئاغرىق توختىتىش رولىغا ئىگە.
بەزى كىشىلەر «ھوكۇل يىڭنىسىدىن» قورقىدۇ
بىر
قىسىم كىشىلەر يىڭنە كۆرگەندە تېخىمۇ قورقىدۇ. بۇ «ھوكۇل سېلىشتىن قورقۇش
كېسىلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ يىڭنە تۈرىدىكىلەردىن ئالاھىدە قورقۇش روھىي
ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ.
يىڭنىدىن قورقۇشنى ئاساسلىقى 2 خىل سەۋەب كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ:
1. ئوكۇل يىڭنىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەھىمە، باغلانما تەسەۋۋۇر مەسىلەن؛ كىچىك ۋاقتىدىكى ۋەھىمە؛
2. ئاغرىققا ئالاھىدە سەزگۈر كىشىلەر يىڭنىدىن تېخىمۇ ئاسان قورقىدۇ، ئاغرىقنىڭ سەزگۈرلۈك دەرىجىسى ئىرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
بەزى
كىشىلەردە يىڭنىدىن قورقۇش بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، «يىڭنىدىن باش قېيىش»
ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، باش قېيىش، يۈرەك سېلىش، كۆڭلى ئېلىشىش، چىرايى تاتىرىش،
پۈتۈن بەدىنى تەرلەش ھەتتا ئايلىنىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
بۇ خىل كىشىلەر يىڭنىدىن باشقا يەنە، قېرىنداشنىڭ ئۇچى، سىركۇل قاتارلىقلارنىڭ ئۆزىگە سانجىلىپ كېتىشىدىن بەكمۇ قورقىدۇ.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟
قان
تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش
بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ
ئوخشاش بولمايدۇ.
سىز
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىنى قوشۇپ، قان تىپىڭىزغا ماس بولغان
ھەرپلەر A ، B، AB، O دىن تاللاپ سالونغا يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل
قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ئۇلارنىڭ
خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش
ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى
ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى
روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55