گۆش يېيىش بىلەن يۈرەك كېسىلىنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟
50 نەچچە يىل گۆش يېمىگەن يۈرەك تاشقى كېسەللەر دوختۇرى 102 ياشتىمۇ يەنىلا شۇنداق روھلۇق تۇرغان، 90 نەچچە يېشىدىمۇ تاشقى بۆلۈم ئوپراتسىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلغان.
ئۇ ۋايىرھام (Wareham) پىروفېسسور بولۇپ، ئۇنىڭ سىزگە دەيدىغانلىرى: «گۆشسىز تاماق يېگۈچىنىڭ تۇرمۇش سىرى شۇكى، ئۇنىڭ سەزگۈر كاللىسى ۋە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سالامەتلىكى.»«مەن ئەزەلدىن ھايۋان تۈرىدىكى يېمەكلىك ۋە نەرسىلەرنى ياخشى كۆرۈپ باقمىدىم. شۇڭا مەن ناھايىتى ئاسانلا گۆشسىز تاماق يېگۈچىگە ئايلاندىم.»
بۇ ئىلگىرى 102 ياشلىق ۋايىرھامنىڭ CCTV زىيارىتىدە ئاشكارە ئىپادىلىگەن ئۆزىنىڭ گۆش يېمەيدىغانلىقىغا بولغان ئىپتىخارى. ئۇ گۆش يېمەيدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ساغلام تۇرمۇشى ئۇسۇلى دەپ باھا بەردى.
ۋايىرھام پىروفىسسور يۈرەك تاشقى كېسەللەر دوختۇرى، بۇرۇن نۇرغۇن بىمارنى يۈرەك ئوپېراتسىيەسى قىلغان، ئەسلىدە 74 ياشتىلا پېنسىيەگە چىقىدىغان ۋايىرھام ئۆيگە قايتىپ كۈتۈنىدىغان تۇرمۇشنى رەت قىلغان، ئۇ ئۆزىنى يەنىلا ناھايىتى ساغلام، ئوپېراتسىيەخانىدا تۇرۇپ تېخىمۇ كۆپ جاننى قۇتقۇزالايمەن دەپ قاراپ 95 ياشتا ئاندىن پېنسىيەگە چىققان.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە ۋايىرھام ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىدە دوختۇر بولغان. بىر كۈنى فىلىپپىن ئەتراپىدىكى بىر قوغلىغۇچى پاراخوتتا ئۇنىڭ ئەترەت باشلىقى يارىلانغان، لېكىن ئەينى چاغدا داۋالاش ئەسلىھەلىرى ۋە مېدىتسىنا بىلىمى چەكلىك بولغاچقا، ئەترەت باشلىقى ئاخىرىدا قورساق بوشلۇقى يۇقۇملىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن.
ئەترەت باشلىقىنىڭ ئۆلۈمى ئۇنى بىر ئىش قىلىشقا مەجبۇرلىغان، «مەن لاياقەتلىك يۈرەك تاشقى كېسەللەر دوختۇرى بولۇشقا بەل باغلىدىم.»
1955-يىلى ۋايىرھام لومالىندا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قايتقان، ئۇ يەردە كەسپىي ھاياتىدىكى تۇنجى يۈرەك ئوپېراتسىيەسىنى قىلغان، ئۇ ئامېرىكىنىڭ يۈرەك تاشقى كېسەللەر ئەمەلىيىتىگە ئەڭ بالدۇر قاتناشقان دوختۇرلارنىڭ بىرى.
كېيىن ئۇ لومالىندا داۋالاش مەركىزىدە يېرىم ئۆمۈر ئىشلىدى.
ۋايىرھامنىڭ گۆش يېمەسلىكنى تاللىشى زور دەرىجىدە ئۇنىڭ خىزمىتىگە ئالاقىدار.
ھەر كۈنى نۇرغۇن يۈرەك كېسىلى بىمارى بىلەن ئۇچرىشىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئانالىز قىلغاندا نۇرغۇن بىمارنىڭ بىر ئورتاقلىقى بارلىقىنى بايقىغان: گۆش يېيىشكە ئامراق.
يۈرەك كېسىلىنىڭ گۆش يېيىش بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟
ۋايىرھام نۇرغۇن ماتېرىيال كۆرۈپ ھايۋانات ئاقسىلى خولېستېرىننى كۆپەيتىۋېتىدىغانلىقىنى دەلىللىدى. كېيىن مېدىتسىنا ساھەسىمۇ دەلىللىدى، يېمەكلىكتىكى «قىزىل قان تۆمۈر ئېلىمىنتى (گۆشلەردىن كېلىدۇ)»نىڭ كۆپلەپ سۈمۈرۈلۈشى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرى يۈز بېرىش خەتىرىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇۋېتىدىكەن، قىزىل قان تۆمۈر ئېلېمىنتىنىڭ كۈنلۈك سۈمۈرۈلۈش مىقدارى ھەر بىر مىللىيگرام ئاشقاندا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرى خەتىرى %7 ئاشىدىكەن.
ۋايىرھام ئەڭ باشتا ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن گۆش يېمىگەن، كۈتۈلمىگەندە گۆش يېمىگەنسېرى يېگۈسى كەلمىگەن ھەم گۆش يېمىگەندىن كېيىنكى ۋايىرھام كۈنسايىن ياخشىلانغان. ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشنى كۆرۈپ ئايالىمۇ بۇ سەپكە قوشۇلغان.
گۆش يېمىگەندىن باشقا، ھايۋانلارغا ئالاقىدار بۇيۇملارنىمۇ قەتئىي ئىشلەتمىگەن. ۋايىرھامنىڭ ئۆيىدە ھايۋانلار تېرىسىدىن ياسالغان خۇرۇم سومكا، خۇرۇم ئاياغ دېگەنلەرمۇ قەتئىي يوق.
پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ۋايىرھام 100 ياشتىن ئاشتى، پىراۋىسى تېخىچە بار بولغاچقا 86 ياشلىق ئايالىنى ئېلىپ دائىم سىرتقا ساياھەتكە باردى. ئۇ ھەر كۈنى پەلەمپەيدىن تەكرار چىقىپ چۈشۈپ بەدەن چېنىقتۇرىدۇ، ئۆزى چىم قىرقىيدۇ.
«بوغۇملىرىم ئازراقمۇ ئۇيۇشمايدۇ، قولۇم بەك كۈچلۈك، تەڭپۇڭلۇقۇم ناھايىتى ياخشى، يول ماڭغاندا ھاسا ئىشلەتمىسەممۇ بولىدۇ. ئاساسەن 50 يىلنىڭ ئالدىدىكىدىن پەرقىم يوق.»
ئۇ يۈرىكىنىڭمۇ ناھايىتى ياخشىلىقىنى، 100 ياشلىق بەدىنىنىڭ باشقا قىسىملىرىغا ئوخشاشلا ياخشىلىقىنى ئېيتتى.
كېيىن ئالاقىدار تەتقىقاتچىلارمۇ ۋايىرھامنىڭ تۇرمۇشىنى كۆزىتىپ، ئۇنىڭ تاماكا چەكمەيدىغانلىقى، ھاراق ئىچمەيدىغانلىقى، تۈنىمەيدىغانلىقى، ھەرىكەت قىلىشقا ئامراقلىقى، ھەر كۈنى كۆكتات، مېۋە سالاتى يەپ، مېۋە شەربىتى ئىچىدىغانلىقى، بەزىدە قاتتىق پوستلىق مېۋىلەرنى، پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنى يەيدىغانلىقىنى بايقىدى.
ئۇلار ۋايىرھام پىروفىسسورنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدىكى چوڭ سەۋەب ئۇنىڭ ئوتتۇرا ياش ۋاقتىدىن باشلاپ ھازىرغىچە گۆش يېمىگەنلىكىدىن بولغان دەپ قارىدى.
ۋايىرھام: «كىشىلەر ياشنى ئەقىل بىلەن باغلايدۇ، مېنىڭچە، ئىلمىي ئاساسى يوق. ھازىرمۇ كاللام شۇنداق ئۆتكۈر، ياشلاردىن قىلچە قىلىشمايمەن» دېدى.
ئۇ 102 يېشىدا CCTVنىڭ ئامېرىكىدىكى مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى، ئۇ: «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشۈمدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى، مەن گۆش يېمەسلىكتىن ئىبارەت بۇنداق ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىغا رىئايە قىلدىم. گۆش يېمەسلىكنى باشلىغاندىن تارتىپلا 100 نەچچە ياشقىچە ياشىيالايدىغانلىقىمنى بىلگەنىدىم» دېدى.
ۋايىرھامنىڭ مەخسۇس زىيارىتى دەرھال زىلزىلە پەيدا قىلدى، ئۇنىڭ كۆز قارىشى گۆش يېمەيدىغانلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، ھەتتا نۇرغۇن «گۆشخور» پىدائىيلارمۇ گۆش يېمەيدىغانلار سېپىگە قوشۇلدى.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
قولنى ئەركىن يۇمۇش شەكلىڭىز،قابىلىيىتىڭىزنى سۆزلەپ بېرىدۇ
گىرمانىيەنىڭ قولنى ئەركىن يۇمۇش شەكلىگە ئاساسەن قابىلىيەتنى بىلىش ئۇسۇلى
ئالدى بىلەن قولىڭىزنى ئەركىن يۇمۇپ ، ئاندىن ئۇنىڭ يۇمۇلۇش شەكلىگە قاراڭ :
A. باش بارماق بىگىز بارماقنىڭ ئۈستىدە بولۇش
B. باش بارماق بىگىز ۋە ئوتتۇرا بارماق ئۈستىدە بولۇش
C. باش بارماق بىگىز بارماقنىڭ يان تەرىپىدە بولۇش
D. باش بارماق باشقا بارماقلارنىڭ ئاستىدا بولۇش
سالونىمىزغا 655 رەقىمىنى يوللاپ، جاۋاب مەزمۇننى تاپشۇرۇۋېلىڭ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى، روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55