تەرەتنى پاكىز تازلىماسلىق گېموروينى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
بوۋاسىر (گېموروي) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ، لېكىن بۇ سەۋەبكە سەل قارىغان بولۇشىمىز مۇمكىن: ئۇ بولسىمۇ سۈرتۈش.
مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى
«ھاياتلىق
ۋاقىت گېزىتى» مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، سۈركىلىشتىن پەيدا بولغان
گېمورويدىن ھوشيار بولۇشنى ئەسكەرتىدۇ ھەمدە «گېموروي» نىڭ ئالدىنى ئېلىش
ئۇسۇلىنى خۇلاسىلەپ چىقىدۇ.
بېيجىڭ جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى مەقئەت - ئۈچەي بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ۋاڭ باۋگۇاڭ؛
پايتەخت
تېببىي داشۆسى شۈەنۋۇ دوختۇرخانىسى ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ
مۇدىر ۋىراچى لياڭ كو؛ جۇڭنەن داشۆسى شياڭيا دوختۇرخانىسى كۈندۈزلۈك
ئوپېراتسىيە مەركىزىنىڭ سېستراسى چۈ خۇڭيىڭ؛
سۈرتۈش كەلتۈرۈپ چىقارغان گېمورويدىن ئېھتىيات قىلىڭ
ئەگەر
تەرەت قىلغاندىن كېيىنكى تازىلاش ئۇسۇلى توغرا بولمىسا، گېموروينى
كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ياكى ئەسلىدە ئۆسۈپ چىققان بوۋاسىر تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ
كېتىشى مۇمكىن.
پاكىز سۈرتۈڭ
مەقئەت پۈرۈلمە كۆپ ئەگەر تەرەتتىن
كېيىن پاكىز تازىلانمىسا، پۈرۈلمىگە يوشۇرۇنغان باكتېرىيەلەر تېرىنى ئۇزاق
مۇددەت غىدىقلاپ، مەقئەتنى قىزىتىپ ئاغرىتىپ، ئاسانلا بوۋاسىرنى كەلتۈرۈپ
چىقىرىدۇ ياكى كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەگەر تەرەتتىن كېيىن دائىم پاكىز بولالمىغاندەك ھېس قىلسا، بۇنى گېموروي كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.
بەك كۈچەپ سۈرتۈش
نۇرغۇن
كىشىلەر بەك كۈچەپ سۈرتىدۇ، قايتا - قايتا كۈچەپ سۈركىگەندە ھەتتا قان
چىقىپ كېتىشى مۇمكىن، بۇ ئەسلىدە ئانچە ئېغىر بولمىغان گېموروينى غىدىقلاپ،
ئاستا - ئاستا ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بەك كۈچەپ كەتكەن ئەھۋالدا مەقئەت
ئەتراپى تېرىسىنى غىدىقلاپ، مەقئەت ئەتراپى تېرىسىنىڭ بىنورمال ئۆسۈشىنى
كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئارتۇقچە تېرە خاراكتېرلىك تاشقى گېموروينى كەلتۈرۈپ
چىقىرىدۇ.
توغرا سۈرتكەندە، تېرىنى پاكىزلاپلا قالماي، يەنە گېموروينىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى پەسەيتىش رولىنى ئوينايدۇ:
ئىككى
قېتىم ياكى كۆپ قېتىم قاتلانغان تازىلىق قەغىزى بىلەن سۈرتۈش، مەقئەت
ئەتراپىدىكى مىكرو قان تومۇرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، «بۇرمىسىمان»
ھالەتتە يېنىك بېسىپ سۈرتسە بولىدۇ. بىر نەچچە قېتىم كۆپرەك ئايلاندۇرۇشقا
دىققەت قىلىش، سىلىق بولۇش كېرەك.
ھاجەتخانىدا ئولتۇرغان ۋاقتى بىر
قەدەر ئۇزۇن كىشىلەرنىڭ مەقئەتىدە ئاسانلا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ،
شۇڭا قەغەز بىلەن كۈچەپ سۈرتۈشكە بولمايدۇ شارائىتى بارلار ھۆل ھاجەتخانا
قەغىزى ئىشلەتسە، غىدىقلىنىش ۋە قىسمەن بىئاراملىقنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ،
تازىلاشمۇ تېخىمۇ ئۈزۈل - كېسىل بولىدۇ. بولسا سۇدا مەقئەتنى يۇيۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
ئىچكى
- تاشقى گېموروي چىشسىمان سىزىق ( مەقئەت نەيچىسىنىڭ تېرىسى بىلەن تۈز
ئۈچەي شىللىق پەردىسىنىڭ تۇتاشقان يېرىدە بىر تال ھەرە چىشىسىمان سىزىق بار
) بويىچە ئايرىلىدۇ، چىشسىمان سىزىقنىڭ ئۈستىدىكى ۋېنا ئەگرى - بۈگرى
كېڭىيىش توپى ئىچكى گېموروي، چىشسىمان سىزىقنىڭ تۆۋىنىدىكى گېموروي تاشقى
گېمورويدۇر؛ قوشۇمچە ئىچكى گېموروي ۋە تاشقى گېموروي ئارىلاش گېمورويدۇر.
تۆۋەندىكى تۇرمۇش ئادىتى ياكى ھەرىكىتى، گېموروينىڭ ئۆسۈشىنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ:
1. بەلنىڭ تۆۋىنىدە بېسىم چوڭ بولۇش
بەلنىڭ
تۆۋىنى زىيادە كۈچەش بوۋاسىر (گېموروي)نىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئاساسلىق
سەۋەب. ئۇزاق تۇرۇش، ئۇزاق ئولتۇرۇش، ئۇزاق زوڭزىيىش، شۇنىڭدەك ئاياللار
ھامىلىدار بولغاندىكى داس بوشلۇقىنىڭ بېسىمى چوڭىيىپ كېتىش، «گېموروي» نىڭ
بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، ئۇنىڭغا قان تولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كېسىلىنى
كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. ھاجەتخانىدا ئولتۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇش
تەرەت
قىلغاندا يانفون ئويناش، گېزىت كۆرۈش دېگەندەكلەر دىققىتىنى چېچىشنى
كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ۋاقىتنى ئۇزارتىپ، قورساق بېسىمى ئېشىپ، ۋېنا
تومۇرىنىڭ قايتىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، مەقئەتنىڭ قىسمەن يېرىگە قان تولۇپ
سۇلۇق ئىششىق، ئاسانلا ۋېنا ئەگرى بۈگرى كېڭىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ
ئاسانلا گېموروي شەكىللىنىدۇ.
3. قەۋزىيەت گېموروينى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ
قەۋزىيەت
بولۇپ قالغاندا، ئورگانىزم چوڭ تەرەتتىكى سۇنى قايتىدىن سۈمۈرۈپ، چوڭ
تەرەتنىڭ ھەجىمىنى كىچىكلىتىدۇ. بۇنداق بولغاندا، چوڭ تەرەت قۇرۇپ
تۈگۈنچەك بولۇپ قېلىپ چىقىرىش تېخىمۇ تەسلىشىپ، گېموروينى كەلتۈرۈپ
چىقىرىدىغان سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ. گېموروي بىمارلىرى چوڭ تەرەت
قىلغاندىكى ئاغرىقتىن قورقىدۇ، چوڭ تەرەت قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ،
بۇنىڭ بىلەن چوڭ تەرەت ئۈچەيدە بەك ئۇزۇن تۇرۇپ قېلىپ، قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ
چىقىرىدۇ ياكى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
4. ئادەتتە يېمەك - ئىچمەك بەك ئاچچىق بولۇش
ئاچچىق
يېيىش بىۋاسىتە گېموروينى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، لېكىن ئاچچىق يېمەكلىكلەر
ۋە ئىسپىرت قاتارلىقلار ئۈچەي شىللىق پەردىسىگە قان تولۇشنى غىدىقلايدۇ، بۇ
گېموروينى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئامىل.
5. ئىزچىل كەينىگە سۆرەپ داۋالاتماسلىق
نۇرغۇن كىشىلەر قەۋزىيەت كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالانمىسا، ئاسانلا ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.
ئەسكەرتىپ
قويۇشقا تېگىشلىكى شۇكى، نۇرغۇن مەقئەت - ئۈچەي كېسەللىكلىرى، مەسىلەن؛
مەقئەت ئاقمىسى، مەقئەت يېرىلىش، مەقئەت ئەتراپى يىرىڭلىق ئىششىقى، يارىلىق
بوغماق ئۈچەي ياللۇغى، تۈز ئۈچەي مونچاق گۆشى، بوغماق ئۈچەي راكى
قاتارلىقلار ئاسانلا گېموروي دەپ خاتا قارىلىپ قالىدۇ، بۇ كېسەللىكلەرنىڭ
كۆپىنچىسىمۇ قىزىرىپ ئىششىپ قالىدۇ، چوڭ تەرەتتىن قان كېلىدۇ، شۇڭا
پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىش، زۆرۈر تېپىلغاندا دوختۇردىن ياردەم سوراش
كېرەك.
مەقئەتنىڭ ساغلاملىقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟
«ئون
ئادەم توققۇز گېموروي» دېگەن بۇ تەمسىل گېموروي ۋەكىللىكىدىكى مەقئەت -
ئۈچەي كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىدىغانلىقىدەك رېئاللىقنى چۈشەندۈرۈپ
بېرىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى كونترول قىلىش ئۈچۈن،
تۇرمۇشتا تۆۋەندىكى بىر قانچە كىچىك ئىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
قانۇنىيەتلىك ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش
چېنىقىشنى
كۈچەيتىپ، ئوخشاش قىياپەتنى داۋاملىق ساقلاشتىن ساقلىنىش كېرەك. بولۇپمۇ
ئۇزاق ئولتۇرىدىغان، ئۇزاق تۇرىدىغان، پائالىيىتى ئاز خىزمەت قىلىدىغان
كىشىلەر تەيجى گۇمپىسى، توپ تۈرى قاتارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە
تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىشى كېرەك.
ئۇزاق ئولتۇرغان كىشىلەر توپى ھەر
45 مىنۇتتا ئورنىدىن تۇرۇپ بەش مىنۇت ھەرىكەت قىلىدۇ. مەقئەتنى كۆتۈرۈش
ھەرىكىتىنى مۇۋاپىق ئىشلەش كېرەك: نەپەس ئالغاندا مەقئەتنى بوشىتىش، نەپەس
ئالغاندا مەقئەتنى چىڭىتىش، تېز بولۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ، بىر مىنۇتتا ئون
نەچچە قېتىم ئىشلەش كېرەك، لېكىن بىر قېتىملىق ھەرىكەتنى 30 - 40 قېتىم،
ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر قېتىمدىن داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
چوڭ تەرەتنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاش
ھەر
كۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ياكى ناشتا قىلىپ بولغاندىن
كېيىن تەرەت قىلىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. كۆپرەك سۇ ئىچىپ بېرىش،
چىڭسەي، پالەك قاتارلىق تالا ماددىسى كۆپ بولغان كۆكتاتلار، شۇنىڭدەك
دانلىق زىرائەتلەر، ياڭيۇ تۈرىدىكىلەر، ياڭاق مېغىزى قاتارلىق
يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بەرگەندە، چوڭ تەرەتنىڭ سىغىمىنى ئاشۇرۇپ،
ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ئاچچىق، غىدىقلايدىغان
يېمەكلىكلەردىن ساقلىنىش، ھاراق - تاماكىدىن يىراق تۇرۇش كېرەك.
ئادەتتە دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىڭ
چارچىغاندىن
كېيىن ئاشقازان - ئۈچەي ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى
ئاستىلاپ، چوڭ تەرەت ئۈچەيدە تۇرۇپ قېلىپ قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛
تۈنەش ئۈچەي ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۈچەينىڭ
يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى قەۋزىيەت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ
چىقىرىدۇ.
بەك سەمىرىپ كېتىشتىن ساقلىنىش
بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش، تۆۋەنكى
مۈچىنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىش ئاسانلا ۋېنا ئەگرى - بۈگرى كېڭىيىش يۈز بېرىپ،
قاننىڭ قايتىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، گېموروينى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى
ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ؛ بەك تويۇپ كەتسە قورساق بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، گېموروينى
قوزغىتىدۇ. ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈشمۇ قورساق بېسىمىنى ئۆرلىتىپ،
گېموروينى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ئىمكانقەدەر زىيادە كۈچەپ كېتىشتىن
ساقلىنىش كېرەك.
ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش
بوۋاسىر كېسىلى بارلار
ئاكتىپلىق بىلەن دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى كەلتۈرۈپ
چىقىرىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
مەسىلەن: دورا ئىچىش، ئولتۇرۇپ يۇيۇنۇش، سىرتتىن سۈرۈش قاتارلىقلار، ئەگەر
كېسەللىك ئالامىتىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلغىلى بولسا، ئوپېراتسىيە قىلىش
ھاجەتسىز. ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى شۇكى، بوۋاسىر ئۆزلۈكىدىن
ساقايمايدۇ، پەقەت ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى
پەسەيتكىلى بولىدۇ. ئەگەر ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلمىغاندا، تۇرمۇش
ئادىتىنى ئۆزگەرتمىگەندە، گېموروي ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرسىمۇ يەنىلا قايتا
قوزغىلىدۇ.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟
قان
تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش
بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ
ئوخشاش بولمايدۇ.
سىز
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىنى قوشۇپ، قان تىپىڭىزغا ماس بولغان
ھەرپلەر A ، B، AB، O دىن تاللاپ سالونغا يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل
قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ئۇلارنىڭ
خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش
ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى
ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى
روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55