بۇخىل كۆممىقوناقنى قان شېكىرى يۇقۇرىلارھەرگىز يېمەڭ
كۆممىقوناق
تاماق ئۈستىلىدە دائىم ئۇچرايدىغان بىر خىل قارا ئاشلىق بولۇپ، ھوردا
پىشۇرۇش، قاقلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يېيىشلىك. ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى
يۇقىرى بولغاچقا، «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش يېمەكلىكى» دېگەن چىرايلىق نامى بار.
يەنە بەزى قان شېكىرى يۇقىرى كىشىلەر كۆممىقوناقنى ئاساسلىق يېمەكلىك ئورنىدا قان شېكىرىنى كونترول قىلىشقا ئىشلىتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، بىر خىل كۆممىقوناقنى يېسە قان شېكىرىنى كونترول قىلىشقا پايدىسىز.
مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى
«ھاياتلىق
ۋاقىت گېزىتى» مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلىپ، كۆممىقوناقنىڭ قان
شېكىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ھەم ئۇنى ساغلام ئىستېمال
قىلىشنى ئورتاقلاشتى.
زىيارەتنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسلەر
بېيجىڭ
داشۆسى 1ـ دوختۇرخانىسى كلىنىكىلىق ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ ئوزۇقلۇق
مۇتەخەسسىسى جىڭ لۇلۇ، جۇڭگو رويخەتكە ئېلىنغان ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى،
ئالەم قاتنىشى مەركىزى دوختۇرخانىسى ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ ئوزۇقلۇق دوختۇرى
ما يۆچىڭ؛
جۇڭگو رويخەتكە ئېلىنغان ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى ليۇ؛
كۆممىقوناقنى خاتا يېسە قان شېكىرى ئۆرلەپ كېتىدۇ
نېمە ئۈچۈن كۆممىقوناقنى يەپ بولغاندىن كېيىن قان شېكىرى ئۆرلەپ كېتىدۇ؟
بۇ
كۆممىقوناقنىڭ سورتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تەمى يۇمشاق يېپىشقاق
كۆممىقوناقنىڭ تەركىبىدە بىر قەدەر يۇقىرى تارماق زەنجىرلىك كىراخمال
بولۇپ، ئاسانلا ھەزىم بولۇپ سۈمۈرۈلىدۇ، ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن قان
شېكىرىنىڭ ئۆرلەش سۈرىتى باشقا دانلىق زىرائەتلەرنىڭكىدىن تېز بولىدۇ.
جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى يېمەكلىك ئىلمى ۋە ئوزۇقلۇق قۇرۇلۇشى
ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى فەن جىخۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
يېپىشقاق
كۆممىقوناق تۇمشاق ھەم يېپىشقاق يېمەكلىك بولۇپ، قان شېكىرى رېئاكسىيەسى
ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ، خۇددى نومى گۈرۈچىگە ئوخشاش. بەزىلەر يېپىشقاق
كۆممىقوناقنى قارا ئاشلىق بولغاچقا، قان شېكىرىنى كونترول قىلىشقا ياردەم
بېرىدۇ، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە قارا ئاشلىق تۆۋەن GI قىممىتى (قەنت
ئۆرلەش كۆرسەتكۈچى) گە تەڭ ئەمەس، يېپىشقاق = قان شېكىرى ناھايىتى يۇقىرى
بولىدۇ.
جۇڭگولۇق رويخەتكە ئېلىنغان ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى
گۇ چۈەنلىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېپىشقاق كۆممىقوناققا سېلىشتۇرغاندا،
تاتلىق كۆممىقوناقنىڭ سۇ تەركىبى يۇقىرى، تارماق زەنجىرلىك كىراخمال
تەركىبى ئاز، قان شېكىرىنىڭ ئۆرلەش سۈرئىتى بىر قەدەر ئاستا، قان شېكىرى
يۇقىرىلارغا تېخىمۇ دوستانە. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇدا پىشۇرۇلغان تاتلىق
كۆممىقوناقنىڭ GI قىممىتى 55 بولۇپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك GI يېمەكلىكىگە
تەۋە، دائىم يەيدىغان ئاق مىفەن ( GI قىممىتى 90 بولۇپ، يۇقىرى قەنت
كۆرسەتكۈچىگە تەۋە يېمەكلىك ) تىن خېلىلا تۆۋەن.
خېبېي تېببىي داشۆسى 4
- دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ۋاڭ
فۇجۈن ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: تاتلىق كۆممىقوناقنىڭ ئېرىشچان قەنت مىقدارى
بىر قەدەر يۇقىرى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسمى قومۇش شېكىرى، گلۇكوزا،
فرۇكتوزا بولۇپ، ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئاسانلا قان شېكىرىنى
ئۆرلىتىۋېتىدۇ، شۇڭا دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ قوبۇل قىلىش مىقدارىنى
كونترول قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
قان شېكىرىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن،
دانچىلىرى ئوڭغۇل - دوڭغۇل بولغان كونا كۆممىقوناقلار ئەڭ ياخشى تاللاش
ھېسابلىنىدۇ. كونا كۆممىقوناقنىڭ يىرىك تالا مىقدارى يۇقىرى، ئېرىشچان قەنت
مىقدارى تۆۋەن، سۈمۈرۈلۈشى ئاستا بولۇپ، قان شېكىرىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلەپ
كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. ئەمما كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ، ئادەتتە
بىر قىسىم ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئورنىغا گۈرۈچ، تېرىق، بۇغداي ئۇنى،
ئارىلاشما ئۇن قاتارلىقلارنى قوشۇپ يېسە ھەمدە قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ
يېسە، ئاندىن ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
بىر تال كۆممىقوناقنى ساغلام قوبۇل قىلىش مىزانى
يېڭى
كۆممىقوناق تاتلىق، شىرنىلىك بولۇپ، ۋىتامىن C مىقدارى ئالمىنىڭ تۆت
ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، يېمەكلىك تالاسى گۈرۈچ ئاق ئۇننىڭ ئالتە ـ يەتتە
ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. يېڭى كۆممىقوناقنى بىر قىسىم ئاساسلىق
يېمەكلىكلەرنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەندە، ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئىنچىكە
بولۇشى سەۋەبىدىن ئېقىپ كەتكەن B تۈرىدىكى ۋىتامىنلار ۋە يېمەكلىك
تالالىرىنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەۋزىيەتنىڭ
ئالدىنى ئېلىپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.
تاللاشتا يوپۇرماقنىڭ رەڭگىگە قاراش
خام
كۆممىقوناقنىڭ يوپۇرمىقى كۆك رەڭدە بولسا، كۆممىقوناقنىڭ يېڭى ئىكەنلىكىنى
چۈشەندۈرىدۇ؛ ئەگەر سارغىيىپ قۇرۇپ كەتسە، كۆممىقوناقنىڭ بەك پىشىپ
كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
كۆممىقوناقنى ئاستا چىمدىش يېڭى
كۆممىقوناقنىڭ دېنى ناھايىتى توق بولۇپ، تىرناق بىلەن چىمدىسا سۇ چىقىدۇ.
ئەكسىچە، زىيادە پىشقان كۆممىقوناق ماكچىيىپ كېتىدۇ.
پۇراش
ئەگەر سېسىق پۇراقنى پۇرىسا، سۈپىتى ئۆزگەرگەن بولىدۇ.
قوناقنىڭ تۈرىنى ئېنىق ئايرىش
تاتلىق كۆممىقوناق ئوچۇق سېرىق رەڭدە بولۇپ، دېنى ناھايىتى تەكشى ئۆسكەن، سىلىسا ناھايىتى سىلىق تۇيۇلىدۇ.
يېپىشقاق كۆممىقوناقنىڭ رەڭگى ئاق، كۆممىقوناق دېنىمۇ تەكشى، سىلىق، شەكلى بىر قەدەر چىرايلىق.
ساقلاش
كۆممىقوناقنىڭ
سىرتقى قەۋىتىدىكى قېلىن پوستىنى سويۇۋېتىپ، ئۈچ قەۋەت كۆممىقوناقنىڭ
ئىچكى پوستىنى قالدۇرۇپ، يېڭى پېتى ساقلاش خالتىسى ياكى سۇلياۋ خالتىغا
سېلىپ، ئېغىزىنى ھىم ئېتىپ توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش بۆلۈمچىسىگە سېلىپ
ساقلايمىز. يېگۈڭىز كەلگەندە كۆممىقوناقنى توڭلاتقۇدىن ئېلىپ، سۈزۈك سۇدا
پاكىز چايقىۋەتكەندىن كېيىن بىۋاسىتە پىشۇرسىڭىزلا بولىدۇ.
ئىستېمال قىلىش
نۇرغۇن
كىشىلەر يەپ بولغاندىن كېيىن كۆممىقوناقنىڭ ئۈستىدە نۇرغۇن سۇس سېرىق
رەڭلىك كىچىك بىخلار قالىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە كۆممىقوناقنىڭ ئوزۇقلۇق
قىممىتى ئەڭ يۇقىرى جەۋھىرى بولغان كۆممىقوناقنىڭ تۆرەلمە بىخى.
كۆممىقوناقنىڭ
تۆرەلمە بىخى كۆممىقوناق دېنىدىكى ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى ئورۇن
بولۇپ، گەرچە ئۇنىڭ ئېغىرلىقى كۆممىقوناق دېنىنىڭ ئاران %14 ~ %11 ئىنى
ئىگىلىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكى ماي ئومۇمىي دېنىنىڭ %84 نى، ئاقسىل %22 نى،
مىنېرال ماددىلار %83 نى ئىگىلەيدۇ.
كۆممىقوناق يېگەندە يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتۇش
كۆممىقوناق دېنىنى چايناپ ئېزىپ، تۆرەلمە بىخىنى پاكىز غاجاپ، ئوزۇقلۇقنىڭ ھەممىسىنى يېيىش كېرەك.
تەخمىنەن
بىر كۈندە ئوتتۇراھال چوڭلۇقتىكى (130 گرام) كۆممىقوناقتىن بىرنى يېسىلا
بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇناسىپ ئاساسلىق يېمەكلىكنىڭ قوبۇل
قىلىنىشىنى ئازايتىپ، ئوتتۇراھال چوڭلۇقتىكى ھورنان ياكى يېرىم قاچا گۈرۈچ
تامىقىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، ئېنېرگىيە قوبۇل قىلىش مىقدارىنىڭ ئۆلچەمدىن
ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
ئۈچتە يۇقىرى كىشىلەر ئىستېمال قىلىدىغان كۆممىقوناق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار
كۆممىقوناق،
قوناق ئۇنى، قوناق پارچىسى قاتارلىقلار بار. ھازىر بازاردا سېتىلىۋاتقان
كۆممىقوناقنىڭ تۈرى كۆپ، ئەمما ھەر بىر خىلى كۆپچىلىك ئويلىغاندەك ئۇنداق
ساغلام ئەمەس.
كۆممىقوناق ئۇمىچى
كۆممىقوناق ئۇۋاقلىرى
كۆممىقوناقنىڭ ئارىلاشمىلىرىنى تازىلاش، تۆرەلمىسىنى ئاجرىتىش، ئېزىش
قاتارلىق ئىش تەرتىپلىرى ئارقىلىق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن دانچىسىمان
مەھسۇلات.
مۇكەممەل كۆممىقوناق دېنىغا سېلىشتۇرغاندا،
كۆممىقوناقتا تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، ۋىتامىن E، B تۈرىدىكى ۋىتامىن
قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، ئۇماچ
قاينىتىشقا ماس كېلىدۇ. ئۇ تۆۋەن GI يېمەكلىكلىرىگە تەۋە بولۇپ، قان
شېكىرىنى كونترول قىلىش ئېھتىياجى بار كىشىلەرگە ماس كېلىدۇ، لېكىن
ئىستېمال مىقدارىغا دىققەت قىلىش، بەك يۇمشاق پىشۇرماسلىق كېرەك. دانچە
قانچە چوڭ بولسا پىشۇرۇش شۇنچە تەس، قەنت ئۆرلەش كۆرسەتكۈچى شۇنچە تۆۋەن
بولىدۇ.
كۆممىقوناق ئۇنى
كۆممىقوناق ئۇنىدىن قوناق مومىسى، تاۋا كاكچىسى، كۆممىقوناق ئۈگرىسى قاتارلىقلارنى ياساشقا بولىدۇ.
قوناق
ئۇنى تۆرەلمىسىز قوناق ئۇنى ۋە پۈتۈن قوناق ئۇنى دەپ ئايرىلىدۇ، ئالدى
بىلەن پۈتۈن قوناق ئۇنىنى تاللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئۇنىڭدىن
تەييارلانغان قوناق قوتۇرمىچى، قوناق ئۇنى ئۇمىچى تۆۋەن قەنتلىك يېمەكلىك
بولۇپ، قان شېكىرىگە بولغان تەسىرى بىر قەدەر كىچىك، لېكىن ئىستېمال
مىقدارىنى كونترول قىلىش، بولۇپمۇ ئۇماچ تەييارلاشتا شۇنداق قىلىش كېرەك.
تەييار قوناق ياپراقچىسى
كۆممىقوناق
ياپراقچىسى سىقىپ پىشۇرۇش، يالپاقلاش، قاقلاش قاتارلىق ھۈنەر - سەنئەت
ئارقىلىق ياسىلىدۇ، ئۇنىڭغا يەنە شېكەر، تۇز قاتارلىقلار قوشۇلۇپ تەم
تەڭشىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوزۇقلۇقنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.
ئەڭ ياخشىسى ئەسلى تەمدىكى قوناق ياپراقچىسىنى تاللاش كېرەك، ماتېرىيال
سەپلەش جەدۋىلىدە شېكەر، تۇز يوقىنى.
بازاردىكى كۆممىقوناق ياپراقچىسى،
يۇقىرى تالالىق كۆممىقوناق ياپراقچىسى يۇقىرى قەنتلىك يېمەكلىكلەرگە تەۋە
بولۇپ، قان شېكىرىنىڭ ئىنكاسى بىر قەدەر يۇقىرى، قان شېكىرى يۇقىرى
كىشىلەرگە ماس كەلمەيدۇ.
تەييار كۆممىقوناق ئۇمىچى
كۆممىقوناقنى ئاساسلىق خام ئەشيا قىلىپ، پىشۇرۇش، قۇرۇتۇش، ئېزىش قاتارلىق
ھۈنەر-سەنئەت ئارقىلىق پىششىقلاپ ئىشلەنسە، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى زور
دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرايدۇ، بەزىلىرىگە شېكەر قوشۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتىنى
تېخىمۇ تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئاسان ھەزىم بولىدۇ، ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى
ئاجىز كىشىلەرگە ماس كېلىدۇ. ھەزىم قىلىش ئاسان، تاماقتىن كېيىنكى قان
شېكىرىنىڭ ئىنكاسىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا، قان شېكىرىنى كونترول
قىلىشقا ئېھتىياجلىق كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى يېمەسلىكى كېرەك.
قوناق ئېتىلدۇرمىسى(پاقپاق)
پۈتۈن
كۆممىقوناققا ماي، شېكەر قوشۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئېتىلدۇرۇش ئارقىلىق
ياسىلىدۇ. كۆممىقوناق دېنىدىن قوناق ئېتىلدۇرمىسىغا ئۆزگەرگەندە، يېمەكلىك
تالاسى، مىنېرال ماددىلار بىرقەدەر ياخشى ساقلىنىپ قالىدۇ، لېكىن قىسمەن
ۋىتامىنلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، قەنت، ماي كۆپ ھاللاردا كۆپرەك بولىدۇ،
بەزى قوناق ئېتىلدۇرمىسىغا ئۆسۈملۈك قايمىقى ئىشلىتىلىدۇ، يەنە تەتۈر
تىپلىق ياغ كىسلاتاسى مەسىلىسى كۆرۈلىدۇ. ماي، كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ
مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان مەھسۇلاتلارنى تاللاش، يەنە كىچىك
ئورالمىلارنى تاللاش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ئىستېمال مىقدارىنى تېخىمۇ
ياخشى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.
قوناق ئېتىلدۇرمىسىنىڭ ئىسسىقلىق
مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، كۆپتۈرۈلگەندىن كېيىن قان شېكىرىنىڭ ئىنكاسى
ئۆرلەيدۇ، ئادەتتىكى ساغلام كىشىلەر بۇنى ئاز يېيىشى، ئۈچتە يۇقىرىلار ئەڭ
ياخشىسى يېمەسلىكى كېرەك.
قوناق ئۇنىدا ئادەتتە قوناق ئۇنى
ئاساسلىق خام ئەشيا قىلىنىدۇ، خېمىر يۇغۇرۇش، يالپاقلاش، كېسىش قاتارلىق
ھۈنەرلەر ئارقىلىق ياسىلىدۇ. ئامال بار ساپ قوناق ئۇنىدىن تەييارلىغاننى
تاللاش كېرەك، يەنى ماتېرىيال جەدۋىلىدە پەقەت قوناق ئۇنى ۋە سۇ بولسىلا
كۇپايە.
ساپ قوناق چۆپى، سېمىز، قان شېكىرى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟
قان
تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش
بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ
ئوخشاش بولمايدۇ.
سىز
ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىنى قوشۇپ، قان تىپىڭىزغا ماس بولغان
ھەرپلەر A ، B، AB، O دىن تاللاپ سالونغا يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل
قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ئۇلارنىڭ
خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش
ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى
ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى
روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55