ئۈزمەي 10 كۈن يەڭ ، ئۈچىيىڭىز بىر يىڭىلىنىدۇ

旅行   2024-11-06 08:03   中国  

ئۈچەي بەدىنىمىزدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئەزا، ئادەم بەدىنىنىڭ زەھەر چىقىرىپ تاشلاش ئەزاسى، ئۈچەيدىكى ئەخلەتلەر ھەددىدىن ئارتۇق كۆپ يىغىلىپ كەتسە ئادەم ئاغرىپ قالىدۇ. تۇرمۇش سەۋىيىمىزنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ نۇرغۇن كىشىلەر مايلىق تاماقلارنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، نەتىجىدە ئاسانلا ئاغرىپ قالىدۇ، ئۇنداقتا قايسى يېمەكلىكلەر ئارقىلىق ئۈچەيدىكى ئەخلەتلەرنى تازىلىغىلى بولىدۇ ؟

1. قېرىنقۇلاق (مور) : - نۇرغۇن كىشىلەر قېرىنقۇلاقنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ. قېرىنقۇلاقنى قورىغاندا قازان تېگى بىر خىل مايلىق بولۇپ قالىدۇ، بۇ مايلىق نەرسە ئاقسىل ئەمەس، بەلكى كۆپ قەنتلىك ماددا، بۇنداق ماددا ئادەم بەدىنىدىن سۈمۈرۈلمەيدۇ، لېكىن دائىم ئىستېمال قىلغاندا ئۈچەيدىكى ئەخلەتلەرنى چىقىرىپ تاشلايدۇ، تەرەتنى ھەيدەپ ئۈچەينى ساغلام قىلىدۇ.

2. بەدرەڭ (丝瓜) : - بەدرەڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق ئېلېمېنتلار ئىنتايىن مول، ئىسسىق ياز ۋاقتىدا بەدرەڭ ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى جانلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەرەت ھەيدەش، ئۈچەينىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمىمۇ ئىنتايىن ياخشى.

3. باش پىياز : - باش پىيازنىڭ پۇرىقى سەل كۈچلۈك، بەزىلەر ئۇنىڭ پۇرىقىغا چىداپ تۇرالمايدۇ، باش پىياز تەركىبىدە ئاكتىپلاشتۇرغۇچى تەركىبلەر ئىنتايىن كۆپ، باش پىيازنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا بەدەندىكى ماي مىقدارىنى تۆۋەنلەتكىلى، قان-تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرى تالالىق كۆكتات بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈچەينى تازىلاپ، ئۈچەينىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدۇ.

4. پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر : - پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر تەركىبىدە نۇرغۇنلىغان ئېرىشچان يېمەكلىك تالاسى بار، يېمەكلىكنىڭ ئۈچەينى ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ، ئۈچەي راكى بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر بەدەندىكى ماي مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈچەينى تازىلايدۇ. يۇقىرىقى 4 خىل يېمەكلىكنى داۋاملىق ئىستېمال قىلىپ بېرىشنى ئۇنۇتماڭ.

تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق بىلىملىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئاستىدىكى ئۈندىدارنى قوشۇپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ


ShongQar机票
雄喀热航空服务中心,机票, 火车票, 旅游 。 24小时服务热线:0991-2305050
 最新文章