بۇنداق ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەنلەردىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ!

旅行   2024-11-10 08:03   新疆  

بۇنداق ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەن ئادەم ئاسانلا دىئابېت كېسىلىگەگىرىپتاربولىدۇ!

بەزى كىشىلەر تاماقنى ناھايىتى ئاز يەيدۇ، سالامەتلىككە ئەھمىيەت بېرىدۇ، لېكىن يەنىلا دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ، بۇ بەلكىم ئۇخلاش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئۇخلاش ئادىتى بار كىشىلەر باشقىلارغا قارىغاندا ئاسانلا دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ!

سەككىز سائەت ئۇخلىسىمۇ بولمايدۇ!

ئۇيقىنىڭ قانۇنىيەتسىز بولۇشى دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ھەتتا ئۇخلاش ۋاقتى سەككىز سائەتكە يەتكەنلەرمۇ ئوخشاشلا دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇيقۇنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى ۋە سۈپىتىگە دىققەت قىلغاندىن باشقا ەنە ئۇيقۇنىڭ قانۇنىيىتىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇيقۇسى قانۇنىيەتلىك كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇيقۇسى قانۇنىيەتلىك بولمىغان كىشىلەرنىڭ دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى خېلىلا يۇقىرى بولىدۇ.

بۇنداق ئۇخلايدىغان تۆت خىل ئادەمنى ئۆزگەرتىدىغان ۋاقىت كەلدى!

1. ئۇيقۇسى ئالتە سائەتكە يەتمەيدىغانلار، ئۇيقۇسى يىتەرلىك بولمايدىغان ئادەملەر

2024-يىلى 3-ئايدا «ئامېرىكا مېدىتسىنا جەمئىيىتى ژۇرنىلى. ئىنتېرنېت تورى»دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتقا قارىغاندا دىئابېت كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى ساغلام بولمىغان يېمەك-ئىچمەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇيقۇ بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ھەر كۈنى پەقەت 3-6 سائەتلا ئۇخلايدىغان كىشىلەر ئاسانلا دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ؛ گەرچە ساغلام يېمەك-ئىچمەك دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ لېكىن ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئۇيقۇنىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۈگىتەلمەيدۇ. بەزى كىشىلەر ھەرقانچە ساغلام يېسىمۇ ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىسا ئاسانلا دىئابېت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ قىسقا بولۇشى كۆپ خىل مېخانىزم ئارقىلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن، مەسىلەن، ھۈجەيرە ئىنسۇلىن سەزگۈرلۈكى زىيانغا ئۇچراش قاتارلىقلار.

2. چىراغ يېقىپ ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەر

2022-يىلى «ئامېرىكا پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەتقىقات ئورنى گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، چىراغ يېقىپ ئۇخلاش دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇپلا قالماي يەنە يۈرەك قان تومۇرلىرىمىزنىڭ ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىشى مۇمكىن. بۇ تەتقىقات 20 نەپەر ساغلام قۇرامىغا يەتكەن كىشىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئۇلارنى ئىختىيارىي ھالدا ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلگەن:

بىرىنچى گۇرۇپپا: چىراغنى ياندۇرۇپ ئۇدا 2 كېچە ئۇخلاش؛

ئىككىنچى گۇرۇپپا: قاراڭغۇ مۇھىتتا ئۇدا 2 كېچە ئۇخلاش.

چىراغنى يېقىپ ئۇخلايدىغانلارنىڭ ئەتىسى ئەتىگەندە ئىنسۇلىنغا بولغان قارشىلىقىمۇ كۈچىيىپ، قان شېكىرىنىڭ كونتروللۇقىنى يوقىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق بولغاندا دىئابېت كېسىلىگە تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن.

3. خورەك تارتىشقا ئادەتلەنگەنلەر

ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى (خورەك تارتىش) دىئابېت كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىدىكى مۇستەقىل خەتەرلىك ئامىل بولۇشى مۇمكىن.

ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار دىيابېت كېسەللىكىنىڭ مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئويلىشىشى، بارلىق دىيابېت كېسىلى ۋە مېتابولىزم يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا دىئاگنوز قويۇشتا ئۇيقۇدىكى نەپەس ۋاقىتلىق توختاش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئويلىشىشى كېرەك.

4. كەچ يېتىپ، كېيىن قوپۇشقا ئادەتلەنگەنلەر

بالدۇر يېتىپ، بالدۇر قوپۇشقا ئادەتلەنگەنلەرگە سېلىشتۇرغاندا، كەچ يېتىپ، كېيىن قوپىدىغانلارنىڭ دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %72 يۇقىرى بولىدىكەن. كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ رىتىمى تاشقى دۇنيانىڭ فىزىكىلىق ھالقىلىرى بىلەن ماس قەدەمدە بولمىغاندا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ رىتىمى تەڭپۇڭسىزلىشىدۇ.

ئەڭ ياخشى ئۇخلاش ئۈچۈن بۇ بىر قانچە نۇقتىنى ئەستە تۇتۇش كېرەك!

① ئەڭ ياخشى ئۇخلاش ۋاقتى: 7-8 سائەت

7 سائەت ئۇخلاش ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ، بەك ئۇزۇن ياكى بەك قىسقا ئۇخلاش بەدەننىڭ بىئولوگىيىلىك قېرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

② ئەڭ ياخشى ئۇخلاش ۋاقتى: سائەت 22دىن 23كىچە

تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئەڭ ياخشى ئۇخلاش ۋاقتى سائەت 22دىن 23كىچە بولىدىكەن.

③ ساغلام ئۇخلاش ئادىتى: قانۇنىيەتنى ساقلاپ، مۇقىم ئۇخلاش ئادىتىنى ساقلاش بەدەندىكى جانلىقلارنىڭ قېرىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىشقا پايدىلىق.

تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق بىلىملىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئاستىدىكى ئۈندىدارنى قوشۇپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ


ShongQar机票
雄喀热航空服务中心,机票, 火车票, 旅游 。 24小时服务热线:0991-2305050
 最新文章