تىل گېزىغا قاراپ بەدەندىكى نورمالسىزلىقنى بىلىشكە قانداق قارايسىز؟
1.تىلغا قاراپ كېسەل كۆرسۈتۈشتىن بۇرۇن بىر نەرسە يېمەسلىك، سۇ ئىچمەسلىك كېرەك.
ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە تىلنىڭ رەڭگى قىزىرىپ كېتىدۇ؛ كالا سۈتى، پۇرچاق سۈتى ئىچكەندە تىل گېزى ئاقىرىپ قېلىنلاپ كېتىدۇ؛ ۋىتامىن B2 ئىچكەندە تىل گېزى سېرىق رەڭدە بولىدۇ.
2.تىلنىڭ رەت تەرتىپى:
تىل ئۇچى ـ تىل ئەتراپى ـ تىل ئوتتۇرىسى ـ تىل يىلتىزىنىڭ تەرتىپى بويىچە كۆزىتىش كېرەك. ئالدى بىلەن تىل گەۋدىسىگە، ئاندىن گەزگە، ئاخىرىدا تىل ئاستى تومۇرىغا قاراش كېرەك.
3.تىلنى كۈندۈزى تەبىئىي نۇر ئاستىدا سۈرەتكە تارتقاندا توغرا ھۆكۈم چىقىرىشقا ياردىمى بولىدۇ.
① تىل گېزىدە قارا داغ بولسا: قان تومۇر توسۇلۇش، بالىياتقۇ سوۋۇپ كېتىش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنىڭ ئالامىتى؛
② تىل گېزى سويۇلۇپ چۈشسە: تال ۋە ئاشقازاننىڭ زەخىملەنگەن بولىدۇ؛
③ تىل گېزى ئاقىرىپ كەتسە: بەدەندە سوغۇق يەل ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ؛
④ تىل گېزى سارغىيىپ كەتسە: ھۆل ئىسسىقنىڭ ئىپادىسى، كۆپىنچە ئېغىز پۇرايدۇ ۋە ئېغىز ئاچچىق بولۇپ قالىدۇ؛
⑤ تىل گېزى قارىداپ كەتسە: بەدەننى سوغوق ئېلىپ كېتىش، ئاشقازان ـ ئۈچەينىڭ سوغۇق ھۆللىكى ئېشىپ كېتىشنىڭ ئىپادىسى، كۆپىنچە ئاشقازان ـ ئۈچەيدە مەسىلە بولىدۇ؛
⑥ تىلى سېمىز ۋە يوغان بولسا: بەدەننى سوغۇق ئېلىپ كەتكەن بولىدۇ؛
⑦ تىلنىڭ كەينىدە ئاق گەز بولسا: ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن؛
⑧ تىل ئىششىپ، قىزىرىپ قالسا: ئۆت ياكى ئاشقازان ئاستى بېزىدە چاتاق بولۇشى مۇمكىن.
تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق بىلىملىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئاستىدىكى ئۈندىدارنى قوشۇپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ