ئالتۇننى كۆپ تاقايدىغان ۋە تاقىمايدىغان ئاياللارنىڭ پەرىقى

旅行   2024-11-02 08:25   中国  

ئالتۇننىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان كارامىتى....؟ تىز بىلۋىلىڭ 

ئالتۇننىڭ بەدەنگە بولغان پايدىلىق تەرىپى بەكلا كۆپ. ئادەم بەدىنىگە ئىھتىياجلىق بارچە ئىلمنىتلار ئىچىدە ئالتۇن ئىلمىنتىمۇ نۇرمال ئورگانىزىم فۇنكىسيسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم .

كونىلار«ئالتۇن ئەقىلنى ساپلاشتۇرىدۇ، زىھنىنى ئاچىدۇ»دىگەن. ئادەتتە بىزدە بالا تۇغۇلۇپ 40 كۈنلۈك بولغاندا «قىرقى»دەپ مىھمان چاقىرىدىغان ئادەت بولۇپ مۇشۇ ۋاقىتتا ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى سۇ بار قاچىغا سىلىپ ئاندىن شۇ سۇدا بالىنى يۇيىدىغان ئادەت ھىلىھەم ساقلىنىپ كەلمەكتە .

بۇ ئادەتمۇ ئالتۇننىڭ بەدەنگە بولغان پايدىلىق تەسىرىنى ئاتا -بوۋىلىرىمىز ھىس قىلىپ يەتكەنلىكىنىڭ مىسالى.

ئادەتتە ئاسان ئۇنتۇغاق بولۇپ قالىدىغان، زىھنى قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كىتىدىغان، نىرۋىسى ئاجىز كىشلەر ئالتۇن سۇيىنى ئىستىمال قىلىپ بەرسە ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى تىۋىپلاردىنمۇ ئاڭلىغانتىم .

تەتقىقاتچىلار ئالتۇن ئۈزۈكنىڭ رېماتىزىم كېسەللىكى ۋە سۆڭەك چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. ئۇلار30 نەپەر ئالتۇن ئۈزۈك تاقايدىغان رېماتىزىملىق بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ قول بوغىمىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئالتۇن ئۈزۈك تاقىغان بارماقلارنىڭ بوغۇم سۆڭىكىنىڭ چىرىش ۋە زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ يىنىك ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئالتۇن ئۈزۈك تاقىغان بارماق ئەتراپىدىكى باشقا بوغۇملارغىمۇ پايدىسى بولىدىغانلىغىنى، ئالتۇننىڭ تەسىرى تېرە ياكى لېمفا ئارقىلىق بوغۇم ۋە قوشنا بوغۇملارغا يىتىپ بېرىپ، سۆڭەك چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىغىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.

تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق بىلىملىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئاستىدىكى ئۈندىدارنى قوشۇپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ



ShongQar机票
雄喀热航空服务中心,机票, 火车票, 旅游 。 24小时服务热线:0991-2305050
 最新文章