توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بويۇن ئومۇرتقىسى نېرۋىنى بېسىشقا باشلىغاندا، بەدەننىڭ كۆپ قىسمىدا 4 خىل نورمالسىزلىق كۆرۈلىدۇ، شۇڭا بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاش ئەڭ مۇھىم. ئۇندقاتا سىزدىمۇ بۇرۇن بويۇن ئاغرىش، قېتىپ قېلىش، ھەتتا بىلىكىڭىز ئۇيۇشۇش، باش قېيىش، كۆز قاراڭغۇلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ باققانمۇ؟ قارىماققا كۆزگە چېلىقمايدىغان بۇ ئالامەتلەر بەلكىم بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ سىزگە بەرگەن «قۇتقۇزۇش سىگنالى» بولۇشى مۇمكىن.
بويۇن ئومۇرتقىسى بەدىنىمىزنىڭ «تۈۋرۈكى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشنى تىرەپ تۇرۇپلا قالماي، يەنە چوڭ مېڭە بىلەن بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى نېرۋا ۋە قان تومۇرلارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر بويۇن ئومۇرتقىسىدا مەسىلە كۆرۈلسە، بولۇپمۇ نېرۋىنى بېسىۋالسا، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ نېرۋىنى بېسىۋالغاندىكى دەسلەپكى سىگنالنى چۈشىنىش ھەمدە ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ساغلاملىقىمىزنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم. تۆۋەندە مەن كۆپچىلىككە بويۇن ئومۇرتقىسى نېرۋىنى بېسىۋالغاندا بەدەندە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان 4 خىل بىنورمال سىگنالنى، قانداق قىلغاندا بالدۇر ئالدىنى ئالغىلى، بالدۇر داۋالىغىلى بولىدىغانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن. بىز بىرلىكتە بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداپ، گۈزەل تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنايلى!
1. بويۇن ئاغرىش ۋە قېتىپ قېلىش:
سىز بوينىڭىزنىڭ داۋاملىق ئاغرىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا قېتىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان ۋاقتىڭىزدا، بولۇپمۇ ئۇزۇن ۋاقىت بېشىنى تۆۋەن سېلىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن ياكى ئوخشاش ھالەتنى ساقلىغاندىن كېيىن، بۇ خىل ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بۇ بەلكىم بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ سىزگە «قىزىل چىراغ» سىگنالى بەرگەنلىكىدىن بولۇشى مۇمكىن. يەنى بويۇن ئاغرىقى بويۇن ئومۇرتقىسى قۇرۇلمىسىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، قاتتىقلىق بويۇن مۇسكۇللىرىنىڭ جىددىيلىشىشى ۋە قان ئايلىنىشنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا، بويۇن ئومۇرتقىسىدا نېرۋىنى بېسىۋېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك.
2. يۇقىرىقى مۈچە ئۇيۇشۇش ۋە ماغدۇرسىزلىنىش:
يۇقىرىقى مۈچە ئۇيۇشۇش ۋە ماغدۇرسىزلىنىش بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ نېرۋىنى بېسىشىدىكى يەنە بىر روشەن سىگنال. سىز بەلكىم بىلىكىڭىز، بارمىقىڭىزدا سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۇيۇشۇش، چىڭقىلىش سېزىمى پەيدا بولغانلىقىنى، تۇتۇش كۈچىنىڭ تەدرىجىي ئاجىزلاشقانلىقىنى، ھەتتا كۈندىلىك ئىنچىكە ھەرىكەتلەرنى ئورۇندىيالمايۋاتقانلىقىڭىزنى بايقىشىڭىز مۇمكىن. چۈنكى بويۇن ئومۇرتقىسى نېرۋا يىلتىزىنى بېسىۋېلىپ، يۇقىرىقى مۈچىنىڭ نېرۋا ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. يۇقىرىقى مۈچىدە بۇ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ھامان، تېزدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈپ تەكشۈرتۈپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
3. باش قېيىش، كۆز قاراڭغۇلىشىش:
بويۇن ئومۇرتقىسى ئومۇرتقا ئارتېرىيەسىنى بېسىۋالغاندا، مېڭىگە قان يېتىشمەي، باش قېيىش، كۆز قاراڭغۇلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. سىز بەلكىم تۇيۇقسىز بېشىڭىزنى ئايلاندۇرغاندا ياكى ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا بېشىڭىز قېيىپ، كۆز ئالدىڭىز قاراڭغۇلىشىپ كېتىشى، ھەتتا كۆڭلىڭىز ئېلىشىپ، قۇسۇش قاتارلىق بىئاراملىق ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىشى مۇمكىن. بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى گەرچە قىسقا ۋاقىتلىق بولسىمۇ، لېكىن ھەرگىز بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار بويۇن ئومۇرتقىسى ساغلاملىق مەسىلىسىنىڭ ئېغىر ئاگاھلاندۇرۇشى بولۇشى مۇمكىن.
4. مۇقىم ماڭالماسلىق ۋە يەرنى دەسسىگەندە پاختىنى دەسسىگەندەك تۇيغۇ بولۇش:
بويۇن ئومۇرتقىسى يۇلۇننى بېسىۋالغاندا، مۇقىم ماڭالماسلىق، پۇت-قول ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئېغىر كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. سىز ماڭغاندا يەر يۈزىنىڭ تەكشى ئەمەسلىكىنى، پۇتىڭىزنىڭ پاختىدەك يۇمشاق ئىكەنلىكىنى، ھەتتا بەزىدە تۇيۇقسىز يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن. بۇ ئالامەتلەر يۇلۇننىڭ ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، ئېغىر نېرۋا زەخىملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ نېرۋىنى بېسىشىدىكى «مۇداپىئە تورى»
1) ئولتۇرۇش ۋە تۇرۇش ھالىتى توغرا بولۇشى كېرەك:
توغرا بولغان ئولتۇرۇش ھالىتى ۋە ئۆرە تۇرۇش ھالىتىنى ساقلاش بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ نېرۋىنى بېسىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ھالقا. يانفون، كومپيۇتېر قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرگە ئۇزۇن ۋاقىت بېشىنى تۆۋەن سېلىپ قاراشتىن ساقلىنىش، بويۇننى تەبىئىي تىك تۇتۇش كېرەك. قىياپەتنى قەرەللىك ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ھەر بىر سائەتتە ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىش، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىش كېرەك.
2) بويۇن مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش:
بويۇن مۇسكۇلىنىڭ كۈچىيىشى بويۇن ئومۇرتقىسىنى قوغداشقا پايدىلىق. بەزى ئاددىي بويۇن ھەرىكىتى ئارقىلىق بويۇن مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ، مەسىلەن، بويۇننى ئالدى-كەينىگە، ئوڭ-سولغا بۇراش، مۈرىنى قىسىپ تۇرۇش، باشنى ئارقىغا ياندۇرۇش قاتارلىقلار. بۇ ھەرىكەتلەر بويۇن مۇسكۇللىرىنىڭ جانلىقلىقى ۋە كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ زەخىملىنىش خەۋپىنى ئازايتىدۇ.
3) مۇۋاپىق ياستۇق ۋە ماتراسنى تاللاش:
ياستۇق ۋە ماتراسنى تاللاش بويۇن ئومۇرتقىسى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. ئېگىزلىكى مۇۋاپىق، يۆلەنچۈكى ياخشى بولغان ياستۇقنى، شۇنداقلا يۇمشاق-قاتتىقلىقى مۇۋاپىق بولغان ماتراسنى تاللىغاندا، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ تەبىئىي ئەگرىلىكىنى ساقلاپ، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ كۈچ تەسىرىگە ئۇچراش تەكشى بولماسلىق ئەھۋالىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ نېرۋىنى بېسىشىدىكى «تاقابىل تۇرۇش تاكتىكىسى»
(1) دورا بىلەن داۋالاش:جىددىي خاراكتېرلىك كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەسەيتىش
بويۇن ئومۇرتقىسى نېرۋىنى بېسىۋالغان جىددىي خاراكتېرلىك مەزگىلدە، دورا بىلەن داۋالاش كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەسەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى. ئىچىدىغان ياكى سىرتتىن ئىشلىتىدىغان دورىلار ئارقىلىق بويۇن ئاغرىش، ئۇيۇشۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، دورا بىلەن داۋالاش پەقەت كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ۋاقىتلىق پەسەيتەلەيدۇ، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ نېرۋىنى بېسىۋېلىش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلالمايدۇ.
(2) فىزىكىلىق داۋالاش:سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ
فىزىكىلىق داۋالاش، مەسىلەن، تارتىش، ئۇۋۇلاش، يىڭنە سانجىپ داۋالاش قاتارلىقلار بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، بويۇن مۇسكۇلىنىڭ جىددىيلىكىنى پەسەيتىپ، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. لېكىن فىزىكىلىق داۋالاش كەسپىي دوختۇرلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا مەشغۇلاتنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى سەۋەبىدىن كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
(3) ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش:ئېغىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش
بويۇن ئومۇرتقا نېرۋىسىنى بېسىۋېلىش ئالامەتلىرى ئېغىر، مۇتەئەسسىپ داۋالاش ئۈنۈمى بولمىغان بىمارلارغا نىسبەتەن، ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشنى ئويلىشىش زۆرۈر بولۇشى مۇمكىن. ئوپېراتسىيە ئارقىلىق داۋالاش بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ نېرۋىنى بېسىشىنى بىۋاسىتە تۈگىتىپ، نېرۋىنىڭ نورمال ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. لېكىن ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشنىڭ خەتىرى بىر قەدەر يۇقىرى، ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاش كېرەك.
يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ نېرۋىنى بېسىۋېلىشى سەل قاراشقا بولمايدىغان ساغلاملىق مەسىلىسىدۇر. بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ نېرۋىنى بېسىشىدىكى بىنورمال سىگناللارنى چۈشىنىش، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ۋە ۋاقتىدا داۋالاش ئارقىلىق، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ساغلاملىقىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ھەر بىر ئوتتۇرا ياش، ياشانغان دوستلارنىڭ بويۇن ئومۇرتقىسى ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ساغلام، بەختلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق بىلىملىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئاستىدىكى ئۈندىدارنى قوشۇپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ