تولۇق پىشمىغان گۆش دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %62 ئاشۇرۇۋېتىدىكەن
نۇر تورى تەرجىمىسى:
10-ئاينىڭ 9-كۈنى خەۋەر قىلىنىشىچە، ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى ۋە ئوزۇقشۇناس نۇرىيە دىيانوۋا (Nuria Dianova) تولۇق پىشمىغان گۆشنى دىيابېت بىمارلىرى ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك مەھسۇلات دەپ ئاتىغان. ئۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ قاراشنى ئىپادىلىدى.
دىيانوۋا مۇنداق دېدى: 2023-يىلى ئامېرىكىدا تاماملانغان بىر تۈرلۈك زور كۆلەملىك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تولۇق پىشمىغان گۆشنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %62 ئاشىدىكەن. ئەمما، پەقەت قاتتىق پوستلۇق مېۋە ياكى پۇرچاق قاتارلىق ئۆسۈملۈك مەنبەلىك ئاقسىل مەنبەلىرىنى بىر ئۈلۈش گۆشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئارقىلىقلا، بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى %30 تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرى بۇ بايقاشنى ھېموپروتېئىن تۆمۈرگە يىغىنچاقلىدى. گۆش تەركىبىدىكى ھېموپروتېئىن تۆمۈر، ۇنغان ياغ ۋە خىمىيەلىك چىرىشتىن ساقلاش دورىسى بەدەندە ياللۇغ ۋە ئوكسىدلىنىش سېزىمچانلىقىنى پەيدا قىلىدۇ. دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ جەريانلار ئۆز نۆۋىتىدە ئىچكى ئەزالاردا ماي يىغىلىپ قېلىش، سېمىزلىك، ئىنسۇلىن قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دىيابېت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئەنگلىيەلىك ئوزۇقلۇقشۇناس تىم سپېكتور ھەر كۈنى قارا شاكىلات يەپ، دىيابېت، ئۈچەي راكى ۋە باشقا بىر قىسىم كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكلىپىنى بەرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 20 گىرام بۇ خىل ئۇششاق يېمەكلىك تەركىبىدە ئاز دېگەندىمۇ %70 كاكائو بار بولۇپ، ئۇنىڭ تالا تەركىبى بىر پارچە پۈتۈن بۇغداي بولكىسىنىڭ تالا تەركىبى بىلەن ئوخشاش ئىكەن.
تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق بىلىملىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئاستىدىكى ئۈندىدارنى قوشۇپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ