ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ 3خىل چوڭ ئالامەتلىرى چوقۇم بىلۋىلىڭ

旅行   2024-11-16 08:02   新疆  

ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﻳﯜﺭﻣﯩﺴﻪﻣﻤﯘ ﮪﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﺵ ﺑﻪﻛﻼ ﺗﻪﺱ، ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻤﯩﺴﯩﻼ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻗﺎﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ.

ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﯞﻩ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﻤﯩﺰ؟ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻻﻣﻪﺕ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ ﺑﯚﺯﻩﻙ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺩﻩﺭﮪﺎﻝ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ.

ﺑﯩﺮﯨﭽﻨﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻻﻣﻪﺕ : ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﻗﯩﭽﯩﺸﯩﺶ

ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﻪﺷﻜﻪﻧﺪﻩ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﻩ ﻗﯩﭽﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﻛﯚﺭﯨﻠﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻙ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺑﻪﻛﻼ ﻗﯩﭽﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﭽﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﯕﺎﻳﻠﯩﻘﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻻﭖ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺕ ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺴﯩﻤﯘ ﺷﯩﭙﺎ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﻗﯩﭽﯩﺸﯩﺶ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﺵ، ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻼ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ.

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻻﻣﻪﺕ : ﻗﺎﻥ ﺋﺎﺯﻟﯩﻖ

ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﯩﺸﯩﺶ ﻗﺎﻥ ﺋﺎﺯﻟﯩﻘﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ، ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﺪﺍ ﻗﺎﻥ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺑﯩﻠﻪﻙ، ﺋﺎﻟﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﻗﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﯩﺴﻪ، ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﺵ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﯩﺸﯩﺸﻜﻪ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺩﻭﺭﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ.

ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻣﯩﻞ : ﺗﯚﺕ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺋﯩﺸﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ

ﺑﯚﺭﻩﻛﺘﻪ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘﻻﺭ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯞﯦﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﻩ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ، ﭘﯘﺗﻰ، ﻗﻮﻝ-ﺑﯧﻠﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺸﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.

ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﭖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ.

ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﯩﺸﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯚﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ.

1.ﺗﯘﺯﻟﯘﻕ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﻳﯧﻴﯩﺶ

ﺗﯘﺯﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯞﯦﺘﯩﺪﯗ، ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘﺯ ﻳﯧﺴﻪ ﻛﯚﭖ ﻳﯧﮕﻪﻥ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ؟ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻗﻮﺭﺍﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﮪﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﮔﺮﺍﻣﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯜﭺ ﮔﺮﺍﻣﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺗﯘﺯﻧﻰ ﺳﻪﻱ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

2. ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﯩﻨﻰ ﻗﯩﺴﯩﯟﯦﻠﯩﺶ

ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻗﯩﺴﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻨﻰ ﻗﯩﺴﯩﯟﯦﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﻜﺮﻭﺑﻼﺭ ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼﭖ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﻰ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ. ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺳﯜﻳﺪﯛﻛﻨﻰ ﻗﯩﺴﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﺭﺍ ﺑﺎﺭﺍ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

3. ﺳﯘﻧﻰ ﺋﺎﺯ ﺋﯩﭽﯩﺶ

ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭﺩﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺳﯘﻧﻰ ﺋﺎﺯ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﻰ ﺳﯘﺳﯩﺰﻻﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺗﻮﻣﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ، ﺳﯘﻧﻰ ﺋﺎﺯ ﺋﯩﭽﯩﺸﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺸﺘﯩﻨﻤﯘ ﺑﻪﻙ ﺋﯧﻐﯩﺮ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺳﯘﻧﻰ ﺋﺎﺯ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﺑﯚﺭﻩﻛﻜﻪ ﺗﺎﺵ ﭼﯜﺷﯜﺷﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.

ﺷﯘﯕﺎ، ﮪﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﯩﺶ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻳﺎﺯﻟﯩﻘﻰ ﻛﯚﭖ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ.

ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﺘﺎ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺶ، ﺗﺎﭘﺎﻧﻨﻰ ﺋﯘﯞﯗﻻﺵ، ﭘﻪﻟﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﯞﯗﻻﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﺳﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق بىلىملىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئاستىدىكى ئۈندىدارنى قوشۇپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ


ShongQar机票
雄喀热航空服务中心,机票, 火车票, 旅游 。 24小时服务热线:0991-2305050
 最新文章