توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يۇقىرى قان بېسىم بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك، لېكىن كېسەللىك ئەھۋالى بىر قەدەر يېنىك بولغاندا، بەزى تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، دورا يېمىسىمۇ قان بېسىمىنى كونترول قىلىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
1. يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش قان بېسىمنى كونتىرۇل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى
(1) ناترىينىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىش. ناترىيلىق تۇز قان بېسىمنىڭ ئۆرلىشىدىكى «شېرىك» لەرنىڭ بىرى. بىز ئادەتتە تۇزنى كۆپ يېسەك، بەدەندىكى ناترىي ۋە سۇنىڭ ساقلىنىشىنى ئاشۇرۇپ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا، تۇزلانغان كۆكتات، تۇزلانغان يېمەكلىك، سۈرلەنگەن گۆش قاتارلىق تۇز تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك. كۈندىلىك تۇز قوبۇل قىلىش مىقدارىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، چەكلىك تۇز قوشۇقتىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ھەر كۈنلۈك تۇز مىقدارى بەش گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرگە يوشۇرۇنغان تۇزغا دىققەت قىلىش كېرەك، مەسىلەن، بەرەڭگە قەلەمچىسى، تەييار چۆپ قاتارلىقلار، بۇ يېمەكلىكلەر تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ناترىي تۇزى بولىدۇ.
(2) كالىينىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئاشۇرۇش. كالىي ناترىينىڭ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ. تەركىبىدە كالىي مول بولغان يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، بانان، بەرەڭگە، پالەك، ئاپېلسىن قاتارلىقلارنى كۆپرەك يېيىش كېرەك. ھەر كۈنى مەلۇم مىقداردا كالىي قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش بەدەنگە «سۇ چىقىرىش پومپىسى» بېرىپ، ئارتۇق ناترىي ۋە سۇنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىغانغا ئوخشايدۇ، بۇ ئارقىلىق قان تومۇرلارنىڭ بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ.
(3) ياغنى كونترول قىلىش. يۇقىرى ياغلىق يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشى سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، سېمىزلىك يۇقىرى قان بېسىمنىڭ مۇھىم خەتەرلىك ئامىلى. مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر، ھايۋانات ئىچكى ئەزالىرى، قايماق قاتارلىق تەركىبىدە تويۇنغان ياغ ۋە ترانس ياغ مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك. تويۇنمىغان ياغ تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، زەيتۇن مېيى، بېلىق مېيى، قاتتىق پوستلۇق مېۋە قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بەرسە، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىپ، قان تومۇرلارنى قوغداپ، قان بېسىمغا ۋاسىتىلىك ھالدا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.
2، مۇۋاپىق مىقداردا ھەرىكەت قىلىش
(1) مۇۋاپىق ھەرىكەت ئۇسۇلىنى تاللاش. ھەرىكەت يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ. سەيلە قىلىش، ئاستا يۈگۈرۈش، تەيجى گۇمپىسى، سۇ ئۈزۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ياخشى ھەرىكەت ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. ئەمدىلا ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، سەيلە قىلىشتىن باشلاپ، ھەر كۈنى 30 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملاشتۇرۇپ، ئاندىن ھەرىكەت سىجىللىقى ۋە ۋاقتىنى تەدرىجىي ئاشۇرسا بولىدۇ. ئەگەر بەدەن شارائىتى يار بەرسە، ھەر ھەپتىدە 3-5 قېتىم، ھەر قېتىمدا 20-30 مىنۇت ئاستا يۈگۈرسە بولىدۇ.
(2) ئۇزاق مۇددەت ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش بىردەملىك ئىش ئەمەس، ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ھەر قېتىم ھەرىكەت قىلغاندا، بەدەندىكى قان تومۇرلار كېڭىيىپ، قان ئايلىنىش تېخىمۇ راۋانلىشىپ، يۈرەكنىڭ يۈكى يېنىكلەيدۇ. ئۇزاق مۇددەت ھەرىكەت قىلغاندا، قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكلىقى ياخشىلىنىپ، قان بېسىمى نورمال دائىرىدە تۇراقلىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرىكەت يەنە بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىپ، سېمىزلىكنىڭ قان بېسىمىغا بولغان ناچار تەسىرىنى ئازايتىدۇ.
3، كەيپىياتنى ئازادە تۇتۇش-روھىي بېسىمنى يېنىكلىتىش
(1) ئۇزاق مۇددەت جىددىيلىشىش، تەشۋىشلىنىشتىن ساقلىنىش. ئۇزۇن مۇددەت روھىي جىددىيلىك، تەشۋىشلىنىش، بېسىم ئېشىپ كېتىش قاتارلىق كەيپىيات مەسىلىلىرى قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. خىزمەت بېسىمى ئېغىر بولغاندا ئۆزىنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. مۇزىكا ئاڭلاش، كىنو كۆرۈش، دوستلار بىلەن پاراڭلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كەيپىياتنى بوشاشتۇرغىلى بولىدۇ. كەيپىياتىمىز خۇشال-خۇرام، ئەركىن-ئازادە بولغاندا، بەدەننىڭ جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشى ئازىيىدۇ، قان تومۇرلار زىيادە قىسقىرىش ھالىتىدە تۇرمايدۇ، قان بېسىممۇ تېخىمۇ ئاسان كونترول قىلىنىدۇ.
(2) ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش. ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىمۇ قان بېسىمغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەر كۈنى 7-8 سائەت يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇخلاش جەريانىدا، بەدەن ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، نېرۋا سىستېمىسىمۇ تەڭشىلىدۇ. ئەگەر ئۇزاق مۇددەت تۈنىگەندە، بەدەننىڭ بىيولوگىيەلىك سائىتى قالايمىقانلىشىپ، قان بېسىمىنىڭ داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ياخشى ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش قان بېسىمىنى كونترول قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم.
بۇ ئۈچ ئىشنى ياخشى قىلىش ئارقىلىق، قان بېسىمى يېنىك دەرىجىدە ئۆرلىگەندە، قان بېسىمىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن، ئەگەر قان بېسىمى داۋاملىق ئۆرلىسە ياكى باش قېيىش، باش ئاغرىش قاتارلىق بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، يەنىلا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق بىلىملىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئاستىدىكى ئۈندىدارنى قوشۇپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ