1.تۇزلانغان بېلىق
تۇزلانغان بېلىقتىكى ئىككى مېتىللىق نىترىت بەدەندە راك پەيدا قىلغۇچى ماددىغا ئايلىنىدۇ. تۇزلانغان تۇخۇم، تۇزلانغان سەي قاتارلىقلارمۇ راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بولۇپ، ئامال بار ئاز يېيىش كېرەك.
2.كاۋاپ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر
كالا گۆشى كاۋىپى، ئۆردەك كاۋىپى، غاز كاۋىپى، چوشقا گۆشى كاۋىپى، قوي گۆشى كاۋىپى قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار كۈچلۈك، كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
3.ئىسلانغان يېمەكلىكلەر
مەسىلەن، سۈرلەنگەن گۆش، ئىسلانغان جىگەر، ئىسلانغان بېلىق، ئىسلانغان دۇفۇ قېقى قاتارلىق بېنزوفۇرىن تەركىبىدىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار قىزىلئۆڭگەچ راكى ۋە ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى يۇقۇرلىتىۋېتىدۇ.
4.مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر
يېمەكلىكلەر مايدا پىشۇرۇلغاندىن كېيىن، راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار كۆپ ھالقىلىق ئاروماتىك گىدروكاربونلار پەيدا بولىدۇ. كۆيۈپ كەتكەندىن كېيىن، بېنزوپىرېن 20 ھەسسە كۆپىيىدۇ. مايدا پىشۇرۇلغان تاۋا كاكچىسى، سېسىق دۇفۇ، مايدا پىشۇرۇلغان ئۇششاق يېمەكلىك، پىلتە قۇيماق قاتارلىقلارنىڭ كۆپىنچىسىدە تەكرار ماي بولغاچقا، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار پەيدا بولىدۇ.
5.كۆكىرىپ قالغان يېمەكلىكلەر
گۈرۈچ، بۇغداي، پۇرچاق، كۆممىقوناق، يەر ياڭىقى قاتارلىق يېمەكلىكلەر ئاسانلا نەملىشىپ، كۆكىرىپ قالىدۇ، زەمبۇرۇغ بىلەن بۇلغانغاندىن كېيىن، راك پەيدا قىلىدىغان زەھەرلىك ئوت ماددىسى سېرىق ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.
6.چىلىغان كۆكتات
بىر كېچە تۇرۇپ قالغان يېسسىۋېلەك ۋە چىلىغان كۆكتات نىترىت ھاسىل قىلىپ، بەدەندە ئامىنى نىترىت ئارقىلىق راك پەيدا قىلغۇچى ماددىغا ئايلىنىدۇ.
7.سىپارى
سىپارى ئېغىز بوشلۇقى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر ئامىل.
8.قايتا-قايتا قاينىغان سۇ
قايتا-قايتا قاينىغان سۇ تەركىبىدە نىترىت بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن راك پەيدا قىلىدىغان ئامىنى نىترىت ھاسىل قىلىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق بىلىملىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئاستىدىكى ئۈندىدارنى قوشۇپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ