1. يۇيۇنۇش سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇش
قىش پەسلى سوغۇق بولغاچقا، كۆپىنچە كىشىلەر يۇيۇنىدىغان سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى يۇقىرى قىلىپ تازا بىر يۇيۇنۇپ، بىر كۈنلۈك سوغۇقنى پەسەيتىشكە ئادەتلەنگەن. لېكىن تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولسا تېرە ئاسانلا كۆيۈپ قالىدۇ، بولۇپمۇ تېرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ناھايىتى تۆۋەن بولغاندا، تېخىمۇ ئاسان كۆيۈپ قېلىشىنى ۋە تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىشىنى تېزلىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، زىيادە يۇقىرى تېمپېراتۇرا يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بولۇپمۇ يۈرەك كېسىلى ۋە يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلارنىڭ قان بېسىمى تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ، يۈرەك رىتىمى تېزلىشىپ، يۈرەك ۋە مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى، ھەتتا شوك بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
2. ئويغانغاندىن كېيىن دەرھال ئورنىدىن تۇرۇش
قىش پەسلى يۈرەك ۋە مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىلى، ئويغانغاندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە ئورنىدىن تۇرغاندا، بەدەن تۇرقى خاراكتېرلىك تۆۋەن قان بېسىمنىڭ يۈز بېرىش تاسادىپىيلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېنىك بولغاندا باش قېيىش ياكى چىراي قارىداپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەسلىدە يۈرەك ئىقتىدارى تولۇق بولمىغان، كۆكرەك بوشلۇقىغا سۇ يىغىلىپ قالغان بىمارلار تېز سۈرئەتتە ئورنىدىن تۇرسا ئاسانلا مەيدىسى سىقىلىش، نەپىسى قىسىلىش، يۈرىكى سېلىش قاتارلىق بىئارام بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن، يەنى ئەمدىلا ئويغانغاندا كۆزىنى ئېچىپ كارىۋاتتا 3-5 مىنۇت يېتىش، يېنىك ھالەتتە ئورنىدىن تۇرۇپ 2-3 مىنۇت ئولتۇرۇش، كارىۋات يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇش، ئىككى پۇتىنى ساڭگىلىتىپ بىر-ئىككى مىنۇتتىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىش كېرەك.
3. شارپا بىلەن ئېغىز-بۇرۇننى ئېتىۋېلىش
قىش پەسلى سوغۇق بولغاچقا، كۆپچىلىك شارپا تاقاپ ئىسسىنىشقا ئادەتلەنگەن، ئادەتتە پۈتكۈل قىش پەسلىدە دائىم تازىلاپ تۇرمىسا، چاڭ ـ توزان ۋە باكتېرىيە قاتارلىقلارنى كۆپلەپ سۈمۈرۈۋالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تالالىرى ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇن مۇددەت ماسكا تاقاش، يەنە شارپا بىلەن توسۇش ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا پايدىسىز، سۇ پارلىرىنىڭ تارقىلىشىغا پايدىسىز بولۇپ، نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
4. قاق سەھەردە چېنىقىش
قىش پەسلىدە سەھەردە ئىنتايىن سوغۇق بولۇپ، يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كۆرۈنەرلىك غىدىقلىنىپ تارتىشىپ قېلىپ، يۈرەك-مېڭە قان تومۇر تاسادىپىي ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇلارنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشىدا خاتالىق بار بولۇپ، ئەتىگەندە ھاۋا ساپ بولىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، ئەتىگەندىكى ھاۋا بۇلغىمىلىرى قاتارلىق يىغىلىپ قېلىش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ماس كەلمەيدۇ. ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا، ئەڭ ياخشىسى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 ~ 4 تە ھەرىكەت قىلىڭ، بۇنداق چاغدا ئاستا يۈگۈرۈش ياكى يول مېڭىش ئەڭ مۇۋاپىق، ھەرىكەت قىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم بەدەن قىزىتىشقا دىققەت قىلىڭ، بەك تەرلەپ كەتمەڭ، بولمىسا ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىسىز.
5. توك ئەدىيال ئېچىپ ئۇخلاش
نۇرغۇن كىشىلەر ئۆيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولۇش ياكى ئۆزى سوغۇقتىن قورقۇش سەۋەبىدىن، بولۇپمۇ ياشانغانلار كەچتە ئۇخلىغاندا ئىسسىق ئەدىيالنى قىزىتىپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ ياكى بەدىنى يېنىغا سۇ ئىسسىتىش خالتىسىنى قويۇش ئارقىلىق ئىسسىنىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئاسانلا قىسمەن ئورۇن كۆيۈپ يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بولۇپمۇ دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىكى نېرۋا كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ سەۋەبى تۈپەيلىدىن سېزىمى ئېنىق بولمايدۇ، ئاسانلا كۆيۈپ يارىلىنىدۇ، بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ.
6. قىش پەسلىدە دېرىزىنى ئېچىشنى ياخشى كۆرمەسلىك
قىش پەسلى سوغۇق، بولۇپمۇ شىمالدىكى سوغۇق ھاۋا كۆپ، سوغۇق شامال گۈركىرەپ تۇرىدۇ، كۆپچىلىك ئىشىك-دېرىزىلەرنى چىڭ تاقاپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئادەم ئۆيدە ئاسانلا ئېغىز قۇرۇش، تىل قۇرۇش، يۇتقۇنچاق ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ھەر كۈنى ئىشىك-دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، بولۇپمۇ ھاۋا سۈپىتى بىر قەدەر ياخشى بولغاندا، ھەر قېتىمدا 20 ~ 30 مىنۇت ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك.
7. ۋاقتىدا سۇ تولۇقلىماسلىق
كۆپچىلىك ئىسسىق ئۆيدە تۇرغاندا، سىرتقا ناھايىتى ئاز چىقىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، ناھايىتى ئاز تەرلەيدۇ، يوشۇرۇن ئېڭىدا سۇ ئىچىش بىرقەدەر ئاز بولىدۇ، لېكىن بۇ ئادەم بەدىنى سەرپ قىلىدىغان سۇنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەگەر سۇنى ئاز ئىچسە قان قويۇقلىشىپ، ئاسانلا قان نۆكچىسى شەكىللىنىپ قېلىپ، ئاسانلا ھەر خىل يۈرەك ۋە مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا قانچە سوغۇق بولسا شۇنچە كۆپ سۇ ئىچىش كېرەك.
تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق بىلىملىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئاستىدىكى ئۈندىدارنى قوشۇپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ