توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئاق تۇرۇپنىڭ قەنت مىقدارى يۇقىرى ئەمەس، تۆۋەن قەنتلىك يېمەكلىككە تەۋە، شۇڭا پىرىنسىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ.
ئەمما ئاق تۇرۇپنى ئىستېمال قىلىشتا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:
1. جۇڭيى دورىلىرىنى يەپ قان شېكىرىنى تەڭشەۋاتقان دىيابېت بىمارلىرى ئەڭ ياخشىسى يېمەسلىكى كېرەك، ئاق تۇرۇپنىڭ جۇڭيى دورىلىرىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىغان خەتىرى بار.
2. بىر قىسىم قۇۋۋەت تولۇقلاش مەھسۇلاتلىرى (ئادەمگىياھ، غەرب ئادەمگىياھى، قىزىل ئادەمگىياھى) نى يەۋاتقان دىيابېت بىمارلىرى يېسە بولمايدۇ، چۈنكى تۇرۇپنىڭ قۇۋۋەتنى تۆۋەنلىتىش رولى بار.
3. ئاق تۇرۇپ بىلەن سەۋزىنىڭ تەبىئىتى، تەمى ماس كەلمەيدۇ، ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
4. ئاق تۇرۇپنى كىسلاتالىق كۆكتات، مېۋىلەر بىلەن بىللە يېيىشكە بولمايدۇ،بۇنداق بولغاندا قالقانسىمان بەزنىڭ ئىقتىدارىنى تورمۇزلايدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى سالامەتلىككە زىيانلىق.
5. ئاق تۇرۇپنى قېرىنقۇلاق بىلەن بىللە يېيىشكە بولمايدۇ، ئۇلار ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىپ، تېرە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق بىلىملىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئاستىدىكى ئۈندىدارنى قوشۇپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ