ﺗﯘﺯ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺳﯘﻏﺎ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺗﯘﺯ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﭽﯩﺸﻨﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ . ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻣﯧﯟﻩ ﻳﯘﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﻣﯧﯟﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﻩ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺳﯘﺱ ﺗﯘﺯ ﺳﯜﻳﯩﮕﻪ ﻣﯧﯟﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﭼﯩﻼﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ .
ﻣﺎﻳﻠﯩﻖ ﭼﺎﭺ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﭼﺎﭺ ﭼﯜﺷﯜﺵ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﻳﺎﻍ ﺑﯧﺰﻯ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺷﻼﺭﺩﺍ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﭙﻪﻙ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺶ ، ﺑﺎﺵ ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﻣﺎﻳﻠﯩﺸﯩﺶ ، ﻗﯩﭽﯩﺸﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﭖ ، ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻳﻪﻧﻪ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﯩﮕﯩﻤﯘ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ . ﺗﯘﺯ ﺳﯜﻳﯩﺪﻩ ﺑﺎﺵ ﻳﯘﻳﯘﺵ ﻣﺎﻳﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﭼﺎﭺ ﭼﯜﺷﯜﺵ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﺷﯩﭙﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﭼﺎﭼﺘﺎ ﻛﯧﭙﻪﻙ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ، ﺗﯘﺯ ﺳﯜﻳﯩﺪﻩ ﺑﺎﺵ ﻳﯘﻳﯘﺷﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﻗﺎﻳﺴﯩﻼﺭ ؟
ﺑﺎﺵ ﻳﯘﻳﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ، ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﯘﻕ ﺗﯘﺯﻧﻰ ﺋﯩﻠﻤﺎﻥ ﺳﯘﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ، ﺋﯧﺮﯨﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﺎﺷﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘﺵ ﮬﻪﻡ ﭼﺎﭼﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﭼﯩﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻻﺯﯨﻢ . ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺳﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻳﯩﯟﻩﺗﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﯘﺯ ﺳﯜﻳﻰ ﺗﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﻱ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ، ﺗﯜﻙ ﺧﺎﻟﺘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺭﻭﻟﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭ . ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ ، ﺗﯘﺯ ﺳﯜﻳﻰ ﺑﺎﺵ ﺗﯧﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻏﯩﺪﯨﻘﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﺑﺎﺷﻨﻰ ﺗﯘﺯ ﺳﯜﻳﯩﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﻳﯘﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮﻩﻙ ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﺎﺵ ﺗﯧﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻱ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ، ﭼﺎﭺ ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ ﮬﻪﻡ ﻧﯘﺭﺳﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ، ﭼﺎﭼﺘﺎ ﻛﯧﭙﻪﻙ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ .
تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق بىلىملىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئاستىدىكى ئۈندىدارنى قوشۇپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ