نۇر تورى تەرجىمىسى:
دىيابېت بىمارلىرى قان شېكىرىنى تۇراقلاشتۇرۇپ ئۆلچەمگە يەتكۈزگەندىلا، ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئەمما، بەزى دىيابېت بىمارلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، قان شېكىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئىنتايىن قىيىن، ھەتتا قان شېكىرى ئۆرلەپ كېتىش ياكى داۋالغۇش بەك چوڭ بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا تۆۋەندە بىز تۇرمۇشتا قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىشكە ئائىت بىر نەچچە تۇرمۇش ساۋاتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمىز.
دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى قانداق قىلغاندا قاندىكى قەنت مىقدارىنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ؟
1. ئىلمىي ئۇسۇلدا دورا ئىشلىتىش.
كۆپ قىسىم دىيابېت بىمارلىرى قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش دورىسىنى ئۆمۈر بويى ئىستېمال قىلىشى ياكى ئىنسۇلىننى ئوكۇل قىلىپ سېلىشى، چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا دورا ئىشلىتىشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دورا مىقدارىنى خالىغانچە ئۆزگەرتمەسلىكى ياكى دورىنى تۇيۇقسىز توختاتماسلىقى، شۇنداقلا ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش دورىسىنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەسلىكى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا دىيابېت بىمارلىرى قان شېكىرىنى دائىم كۆزىتىپ تۇرۇشى، قان شېكىرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دورا ئىشلىتىش لايىھەسىنى تەڭشەپ ئىستېمال قېلىشى كېرەك.
2. يېمەك-ئىچمەكنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.
دىيابېت بىمارلىرى يېمەك-ئىچمەكنىڭ كۆپ خىللىشىشىغا دىققەت قىلىپ، گۆش ۋە يىرىك زىرائەتلەرنى ياخشى ماسلاشتۇرۇپ، ھەر بىر ئادەم ھەر كۈنى 500 گىرام كۆكتات ئىستېمال قىلىشى لازىم. بۇنىڭ ئىچىدە چېچەكسەي، پەمىدۇر، كۆكمۇچ، پالەك قاتارلىقلار قان شېكىرىنى كونترول قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان بولۇپ، يەنە كىشىلەرگە مۇئەييەن تويۇش تۇيغۇسى بېرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا دىيابېت بىمارلىرى شېكەر ۋە تويۇنغان ياغ كىسلاتاسى قوشۇلغان يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. مەسىلەن تاتلىق ئىچىملىك، تورت ۋە ئەتكەن چاي قاتارلىقلار، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا پىشۇرغان بېلىق گۆشى، تۇخۇم، ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت ۋە قۇش گۆشىدىن ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلغا ئېرىشكىلى بولۇشتىن سىرت، يەنە قان شېكىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ.
4. ھاراق ئىچمەسلىك.
دىيابېت بىمارلىرى قەتئىي ھاراق ئىچمەسلىكى ھەم قان شېكىرىنىڭ داۋالغۇشىنىڭ بەك چوڭ بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. ئەگەر مەلۇم ئامىللار تۈپەيلىدىن ھاراق ئىچىشكە توغرا كەلسە، ئىسپىرتنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى كونترول قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاز-ئازدىن ئاستا ئىچىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئاچ قورساق ھاراق ئىچىشكە ھەرگىز بولمايدۇ، بولۇپمۇ ئىنسۇلىن ئىشلەتكەن بىمارلاردا ئاچ قورساق ھاراق ئىچكەندە قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كېتىش، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن.
4. تاماق يېيىش تەرتىپىنى تەڭشەش.
دىيابېت بىمارلىرىغا ماس كېلىدىغان غىزالىنىش تەرتىپى ئالدى بىلەن قايناق سۇ ياكى سۇيۇق-سەلەڭ شورپا ئىچىش، ئاندىن كۆكتات ۋە مايسىز گۆش ئىستېمال قىلىش، ئەڭ ئاخىرىدا ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ بەك كۆپ بولۇپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
5. مۇۋاپىق مىقداردا مېۋە يېيىش.
قان شېكىرىنى كونترول قىلىپ مۇقىملاشتۇرۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا، مايمۇن شاپتۇلى، ئالما، بۆلجۈرگەن ۋە گىلاس قاتارلىق تۆۋەن قەنتلىك مېۋىلەرنى تاللاپ، ئىككى ۋاخ تاماق ئارىلىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاز مىقداردا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، قان شېكىرى يۇقىرى ۋاقىتتا مېۋە يېيىشكە بولمايدۇ.
6. مۇۋاپىق ھەرىكەت.
ھەر كۈنى 30 مىنۇتتىن ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، بىر ھەپتىدە 4 ~ 5 قېتىم ھەرىكەت قىلىش، ۋېلىسىپىت مىنىش، تېز مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش، پەي توپ ئويناش ۋە ئوكسىگېنلىق گىمناستىكا ئويناش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا مۇسكۇللارنى كۆپەيتىپ، گىلۇكوزىدىن پايدىلىنىپ، قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. بىراق قاتتىق ھەرىكەت قىلىشقا بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەرىكەتنىڭ ئالدى-كەينىدە بەدەن قىزىتىش ۋە سوزۇلۇشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
7. كەيپىيات مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك.
ئۈمىدسىزلىك، تەشۋىشلىنىش، قورقۇش ياكى خامۇشلۇق قاتارلىق سەلبىي كەيپىياتلار قەنت ھورمونىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئاشۇرۇپ، قان شېكىرىنىڭ داۋالغۇشىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ، شۇڭا دىيابېت بىمارلىرى كەيپىياتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، باشقىلارغا دەردىنى تۆكۈش ياكى ھەرىكەت قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ناچار كەيپىياتنى يوقىتىشى كېرەك.يۇقىرىقى بىر نەچچە نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن سىرت، دىيابېت بىمارلىرىمۇ بېسىمنى يېنىكلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىشى، مۇزىكا ئاڭلاش، ھەرىكەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى، ھەرگىز تۈنىمەسلىكى كېرەك.
تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق بىلىملىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئاستىدىكى ئۈندىدارنى قوشۇپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ