چوقۇم كۆرۈڭ: كاناي ياللۇغى، زۇكام، يۆتەل، ئانگىناغا مەخسۇس رېتسىپلار.
1. ئاچچىقسۇدىن 25 گرام، قارا شېكەردىن 90 گرامنى ئارلاشتۇرۇپ، ئاچچىقسۇ – شېكەر قىيامى تەييارلاپ، سامساقنى ئېزىپ ئېرىتمىگە سېلىپ بىر ھەپتە تۇرغۇزۇپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم بىر قۇشۇقتىن ئىچىپ بەرسە، كاناي ياللۇغىغا شىپا بۇلىدۇ.
2. 15 گرام تەكىيە كاۋىنىڭ ئۇرۇقىغا مۇۋاپىق مىقداردا قارا شېكەر قۇشۇپ، ئۇندەك سۇقۇپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، سۇزۇلما خاراكتىرلىك كاناۇ ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. بىر دانە ئامۇتنىڭ بۇرنى تەرىپىنى كېسىپ، ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، ئامۇتنىڭ ئىچىگە ناۋاتنى سوقۇپ سېلىپ، كەسكەن ئېغىزنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئامۇتنى قاسقاندا پىشۇرۇپ، ھەر كۈنى ئاخشىمى بىر ۋاخ يەپ بەرسە، سۇزۇلما خاراكتىرلىك خاراكتىرلىك كاناي ياللۇ غىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
4. 2 كىلو500 گىرام ئەتىراپىدىكى تاۋۇزنىڭ بېغى تەرىپىنى كىسىۋىلىپ، ئېتى مۇۋاپىق ئويۇپ ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئىچىگە ئۇرۇقى ئېلىۋىتىلگەن 10 دانە چىلان، 250 گىرام خام زەنجىۋىل، 200 گىرام ھەسەل، 200 گىرام كەندىر يېغى، خالتىغا ئېزىپ 30 گىرام ئاق قىچا، 50 گىرام ئاقمۇچ قاچىلنىپ، تاۋۇزنى قاسقاندا 90 مىنۇت دۈملەنگەندىن كېيىن، سوزۇلما خاراكتىرلىك كاناي ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان كىشى تاۋۇزنىڭ ئىچىدىكى دورا سۇيۇقلۇقىنى بىرلا قېتىمدا ئىچىۋىتىپ ھەمدە پىشقان زەنجىۋىلدىن بىر قانچىنى يەپ بۇلۇپ تەرلەنسە، ياخشى مەنپەت قىلىدۇ.
5. بالىلاردىكى كاناي ياللۇغىنى داۋالاشتا، يىڭى زەنجىۋىل، ھەسەل ۋە كۈنجۈت يېغىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىنىدۇ ۋە 2-4 تال ئەمەن يۇپۇرمىقى تەييارلىنىدۇ. يىڭى زەنجىۋىلنى ئېزىپ نېپىز داكىغا ئېلىپ سىقىپ، زەنجىۋىلنىڭ سۈيى چىقىرىلىدۇ. زەنجىۋىلنىڭ سۈيى بىر ئۈلۈشتىن ھەسەل ۋە كۈنجۈت يېغى بىلەن قۇشۇلۇپ كۇرۇشكىغا سېلىنىدۇ ھەمدە سۇس ئوتتا قاينىتىدۇ، قاينىتىلغاندا ئارىلاشتۇرۇپ تۇرۇلىدۇ. ئاخىرىدا كۇرۇشكىغا ئەمەن يوپۇرمىقى (يۆتەل ئېغىر بولسا 3-4 تال، يەڭگىلرەك بولسا ئىككى تال)سېلىنىدۇ. كۇرۇشكا يەنە بىر ئاز قاينىتىلىپ، ئوتتىن ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن، كۇرۇشكىدىكى دورا ئىسىق پېتى ياكى سوۋىغاندا ئېچىپ بېرىلسە بۇلىدۇ. كۇرۇشكىدىكى دورىنى ئىچىشتىن بۇرۇن ئەمەن يۇپۇرمىقىنى ئېلىۋېتىش لازىم. بۇ دورا كۈنىگە بىر قانچە قېتىم ھەمدە ئۇخلاش ئالدىدا ئىچلىدۇ.
6. بالەنگۇدىن 30 گرام، زۇپا، پىرسىياۋشان، سوغا گۈلنىڭ ھەر بىرىدن 15 گرامدىن، ئاقلانغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، كۆكنار پوستىنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ، دەملەپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما كاناي ياللۇغىغا شىپا بۇلىدۇ.
7. چامغۇرنى تۇغراپ قاينىتىپ، سۇيىنى قۇيۇقلاشقاندا مۇۋىپىق مىقدراردا چامغۇر ئۇرۇقى تالقىنىنى ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم 16 گرامدىن ئىستمال قىلنسا، بەدەن ئاجىزلىقى، كۆز تۇرلىشىش، سوزۇلما خاراكتىرلىك كانايچە ياللۇغىغا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە مەنپەئەت قىلىدۇ.
8. سوزۇلما خاراكتىرلىك كاناي ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان كىشىلەر كالا سۈتىنى ئىستىمال قىلسا، ئۈنۈمى ياخشى بۇلىدۇ.
9. سوزۇلما خارەكتىرلىك كانايچە ياللۇغىنى داۋالاشتا 500 چاقما كاۋىنى توغراپ، مۇۋاپىق مىقداردا قارا شېكەر قۇشۇپ، ئېزىلگۈچە قاينىتىپ ئىستىمال قىلسا بۇلىدۇ.
10. بالىلارنىڭ كېكىردەك ئاغىرقىنى داۋالاشتا، چاقما كاۋا ئۇرۇقىنى ناۋاتقا قۇشۇپ سۇدا قاينىتىپ، كۈنىگە 6-15 گرامغىچە ئىچۈرۈپ بەرسە بۇلىدۇ.
11. 0.5 گرام شاتۇت قېقى، 0.2 كىلوگرام قىزىل زىرىق، 0.25 كىلوگرام قارىئۆرۇك قېقى، 0.2 كىلوگرام يەرلىك سېرىق چىلاننى تازىلاپ ئۇرۇقسىزلاندۇرۇپ، 1 كىلوگرام سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ سۇس ئوتتا 15 مىنۇت قايناتقاندىن كىيىن 0.25 كىلوگرام شېكەر بىلەن قىيام بۇلغۇچە قاينىتىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 مىللىلىتىر ئىستىمال قىلسا، كاناي ياللۇغىغا شىپا بۇلىدۇ.
12. ئىككى تۇخۇمنى 50 گرام كۈنجۈت يېغىدا قورۇغاچ مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاچچىقسۇ بىلەن ئارلاشتۇرۇپ پىشۇرۇپ، ئەتىگەن ۋە كەچتە مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلسا، سوزۇلما خاراكتىرلىك كاناي ياللۇغىنى داۋالاشتا ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
13. شەبنەم يېگەن مۇۋاپىق مىقداردىكى تۇرۇپنى تۇغراپ قاينىتىپ، چاي ئورنىدا ئىچسە، سوزۇلما خاراكتىرلىك كاناي ياللۇغىغا شىپا بولىدۇ.
14. 10 چىش سامساقنى پوستىدىن ئايرىۋېتىپ، 100 گىرام قارا شېكەر بىلەن ئارلاشتۇرپ سوقۇپ، 200 گرام ئاچچىقسۇغا چىلاپ، 3 كۈندىن كىيىن ھەر قېتىمدا يېرىم قۇشۇقتىن، كۈنىگە 3 قېتىم ئىستىمال قىلسا، سوزۇلما خاراكتىرلىك كاناي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
15. 3 چىنە سوغا 10 گرام قارا چاي سېلىپ، 1 چىنە قالغۇچە قاينىتىپ، داكا بىلەن سۈزگەندىن كېيىن ئۈستىگە 20 گرام ساپ ھەسەل سېقىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىچىۋەتسە، كاناي ياللۇغى ۋە ئانگىناغا شىپا بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق بىلىملىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئاستىدىكى ئۈندىدارنى قوشۇپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ