دائىم بەزى بىمارلار مۇنداق مەسلىھەت سورايدۇ: بۆرەككە تاش چۈشسە تۇخۇم يېسە بولامدۇ؟ مەسىلە گەرچە ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن تەپسىلىي ئويلاپ باقساق، بىر قېتىم تەھلىل قىلغاندىن كېيىن ئاندىن جاۋاب بەرگىلى بولىدۇ.
بۆرەككە تاش چۈشۈش دائىم كۆرۈلىدىغان سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى كېسەللىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۇرغۇن دوستلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ. ئۇ بىر قەدەر كىچىك بولغان ياكى بىر قەدەر ئازادە ئورۇندا بولغاندا، بىز ھېچقانداق بىئاراملىق ھېس قىلماسلىقىمىز مۇمكىن. كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان تەقدىردىمۇ، بىز يەنىلا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. بەزىلەر بۆرەككە تاش چۈشۈش كېسىلىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تۇخۇمنى ئاز يېيىش كېرەك دەيدۇ، ئۇنداقتا ئەمەلىيەت راستتىنلا شۇنداقمۇ؟
بۆرەكتە تاش بولسا تۇخۇم يېسە بولامدۇ؟
بۆرەككە تاش چۈشسە تۇخۇم يېيىشكە بولمايدۇ دەپ بىۋاسىتە ئاددىي، قوپال ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ.
ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن تەھلىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ :
1) كالتسىي ئوكسالات تېشى، كالتسىي فوسفات تېشى ياكى سۈيدۈك كىسلاتاسى تېشى
كۆپ ھاللاردا بۆرەككە چۈشكەن تاش كالتسىي ئوكسالات تېشى، كالتسىي فوسفات تېشى ياكى سۈيدۈك كىسلاتاسى تېشى بولۇپ، بۇنداق تاش چۈشۈش ئاساسلىقى بىمارنىڭ ئادەتتە سۇنى ئاز ئىچىشى ياكى ئىچىملىكنى كۆپ ئىچىشى، تەركىبىدە كالتسىي بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئەھۋالغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر كۈنى بىر تال ئەتراپىدا تۇخۇم يېسە، ئانچە چوڭ تەسىرى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە بەك كۆپ يېسە، تۇخۇم تەركىبىدىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
شۇڭا بۇنداق بىمارلار ئىستېمال قىلىدىغان تۇخۇم مىقدارىغا دىققەت قىلىشى كېرەك، ئاندا-ساندا ئىستېمال قىلىپ قويسىلا بولىدۇ، تۇخۇمدىنمۇ مۇھىمى سۇ ئىچىش مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش كېرەك.
2) سىستىن تېشى
يەنە بىر خىل تاش سىستىن تېشى بولۇپ، يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەك-ئىچمەكتىن كېلىپ چىققان، شۇڭا يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى چەكلەش كېرەك، چۈنكى تۇخۇم تەركىبىدىكى ئاقسىل قاندىكى خولېستېرىننى ئۆرلىتىۋېتىدۇ، بۇ بەدەندىكى سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، باشقا تاشلارنىڭ پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. پەقەت بىر چوڭ تۇخۇم تەركىبىدىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارى 186 مىللىگىرامغا يېتىدۇ. شۇڭا بۆرەككە تاش چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار تۇخۇم ئىشلەتكەندە قاتتىق ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. تۇخۇمنى ئاز يېيىش كېرەك. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ قانداق تاش ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ؟ دوختۇرخانىغا بېرىپ مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ۋە تاش تەركىبىنى ئانالىز قىلىش كېرەك.
بۆرەككە تاش چۈشكەن بىمارلار تۆۋەندىكى 3 خىل يېمەكلىكنى ئاز يېيىشى كېرەك
1) تۇز تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر
تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېمەكلىكتىكى تۇزنى ئازايتىش يەنە بۆرەككە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ تېنىدىكى ئوكسالات قويۇقلۇقى (تەبىئىي مەۋجۇت بولغان مولېكۇلا بولۇپ، زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىنسا بۆرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ) غا ياردەم بېرىدىكەن. شۇڭا، بۆرەك زەئىپلەشكەن بىمارلار كۈندىلىك تۇز قوبۇل قىلىش مىقدارىنى مۇۋاپىق تەڭشىشى كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۇز تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقىرى قان بېسىم يەنە بۆرەكنى زەخىملەندۈرۈپ، بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2) كالىي ۋە فوسفور تەركىبى مول يېمەكلىكلەر
بۆرەك قاندىكى كالىي ۋە فوسفورنىڭ توغرا مىقدارىنى ساقلاشقا مەسئۇل بولۇپ، ئارتۇق كالىي ۋە فوسفورنى چىقىرىپ تاشلايدۇ. ئەگەر بۆرەك زەئىپلەشسە، ئارتۇق فوسفور ۋە كالىينى چىقىرىپ تاشلاش تەسكە توختايدۇ. شۇڭا، تەركىبىدە بۇ ئىككى خىل ماددا بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىشلىتىشكە چەك قويۇش بۆرەكنىڭ خىزمەت بېسىمى ۋە بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى.
بۆرەك كېسىلى بىمارلىرى فوسفور تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك، مەسىلەن: ئىسسىق شاكىلات، پىۋا، يۇمشاق ئىچىملىك، پىشلاق، بانان، قېتىق، خاسىڭ قىيامى قاتارلىقلار.
بۆرەك كېسىلى بىمارلىرى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك كالىي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەردىن ئاپېلسىن، ئاپېلسىن شەربىتى، ئۆرۈك، مايمۇن شاپتۇلى، بانان، تاۋۇز، پەمىدۇر، بەرەڭگە، پىشۇرۇلغان پالەك قاتارلىقلار بار. بانان قاتارلىق مېۋىلەرنى كۆپ يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك: باناننىڭ ناترىي مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، باناننى كۆپ يېسە بۆرەككە ئېغىر يۈك ئېلىپ كېلىدۇ. تاۋۇز: تاۋۇزنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كالىي بار، ساغلام كىشىلەر كۆپ يېسە مەسىلە چىقمايدۇ. لېكىن بۆرەك زەئىپلەشكەن بىمارلار كۆپ مىقداردا ئىشلەتسە، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئاناناس: ئاناناس تەركىبىدىكى ئېنزىم ۋە قەنت مىقدارى سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە، ئەمما، كىشىلەر كۆپ ئىستېمال قىلسا، كازېئىن ۋە ھېموگلوبىننى ئېرىتىپ، بۆرەكنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
3) ئاقسىل تەركىبى مول يېمەكلىكلەر
گەرچە ئاقسىل يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم بولسىمۇ ھەمدە بەدەندىكى توقۇلمىلارنى ۋە باشقا نۇرغۇن ئىقتىدارلارنى ئەسلىگە كەلتۈرسىمۇ، ئەمما ئاقسىل پارچىلانغاندا، قاندا كېرەكسىز ماددىلار پەيدا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بۆرەكنىڭ قاندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى سۈزۈش ۋەزىپىسى كۆپىيىدۇ.
كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئاقسىل قوبۇل قىلىش مىقدارىنى كونترول قىلىش كۆپچىلىكنىڭ بۆرىكىنىڭ تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، بۆرەك كېسىلى بىمارلىرى ئاقسىل تەركىبى مول يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىشتىن ساقلىنىشى كېرەك: چوڭ كامبالا بېلىقى، تۇننۇس بېلىقى، سالمون بېلىقى، توخۇ تۆش گۆشى ۋە كالا گۆشى قاتارلىقلار. ئەكسىچە، بىمارلار راك، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قاتارلىق ئاقسىل تەركىبى تۆۋەنرەك بولغان يېمەكلىكلەرنى قوشسا بولىدۇ.
قىسقىسى، بۆرەككە تاش چۈشكەن بىمارلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىدە ئەمەلىيەتتە مۇتلەق چەكلىمە يوق، تۇخۇم يېسە بولمايدۇ ياكى باشقا يېمەكلىكلەرنى يېسە بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس، مۇھىمى يېمەك-ئىچمەكنىڭ دەرىجىسىنى ئىگىلەش كېرەك، لېكىن ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېسە كېسەللىك خەۋپىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.
تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق بىلىملىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئاستىدىكى ئۈندىدارنى قوشۇپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ