نۇر تورى تەرجىمىسى:
بازاردا ھەسەلنىڭ %60-%70ى ساختا
ھەسەل قەدىمدىن تارتىپ كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان ساغلاملىق يېمەكلىكى بولۇپ كەلگەن، لېكىن دەل بۇ خىل ئىشەنچىلىك يېمەكلىكنىڭ كەڭ كۆلەملىك سودا پۇرسىتى بولغاچقا، ساختىلىق بۇ ساھەدىكى ئاشكارا مەخپىيەتلىككە ئايلانغان. ھازىر ھەسەلچىلىك ساختىسىنى راست قىلىپ كۆرسىتىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى، كەسپى بىلىمى كەمچىل ئىستىمالچىلار ئاساسەن پەرىقلەندۈرەلمەيدۇ.
ساختا ھەسەل سۈزۈك، ئارىلاشما ماددا يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەڭگۈ كىرىستاللاشمايدۇ، ئىستېمالچىلارنى سىرتقى ئورالمىسى ۋە سىرتقى كۆرۈنۈشى ئارقىلىق جەلپ قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل «ھەسەل»نىڭ تەننەرخى يۇقىرى ئىنتايىن تۆۋەن، باھاسى ئەرزان، سېتىلىشى ناھايىتى ياخشى.
ئاز ئۇچرايدىغان «ھەسەل سورتى»دىن ھوشيار بولۇش كېرەك
تۆۋەندىكى ھەسەللەرگە ساختىلىق ئىشلىتىلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ، چۈنكى بۇ تۈردىكى ھەسەللەرنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىش تەس.
1. ئۇچقات ھەسىلى (金银花蜜): ئۇچقاتنىڭ گۈل تاجىسى ھەم ئۇزۇن ھەم ئىنچىكە، ھەسەل ھەرىسىنىڭ تۇمشۇقى ناھايىتى قىسقا بولۇپ، گۈل غۇنچىسىغا چوڭقۇر كىرەلمەيدۇ، پەقەت گۈل تەتۈر ئايلانغاندا ئېقىپ چىققان گۈل شىرنىسىنى ھەسەل ھەرىلىرى ئۈزۈۋالىدۇ. شۇڭا، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى بەك كىچىك، بازاردا ئۇچرىتىش تەس، باھاسىمۇ قىممەت.
2. ئالما ھەسىلى: ئالما چېچىكىنىڭ گۈل شىرنىسى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، ئۈزۈلگەن ھەسەل بىلەن ئۆزىنى تويۇندۇرغىلى بولمايدۇ.
3. ياۋا جۇخار گۈلى ھەسىلى: مەھسۇلات مىقدارى ناھايىتى ئاز، بەزىدە ھاۋا ياخشى بولغاندا ئاندىن يىغىۋېلىنىدۇ، سودىگەرلەرگە مۇقىم تەمىنلەپ بەرگىلى بولمايدۇ.
4. ئانا گىياھ ھەسىلى (益母草蜜): ئانا گىياھ بىر خىل ياردەمچى ھەسەل مەنبەسى بولۇپ، ھاسىل بولىدىغان ھەسەلنىڭ مىقدارى ناھايىتى ئاز، ساپ ئانا گىياھ ھەسىلىنىڭ كۆپلەپ سېتىلىشى مۇمكىن ئەمەس.
(يۇقارقى باھاردا سېتىلىۋاتقان ئاز ئۇچرايدىغان ھەسەللەردىن باشقا بەزى ھەسەل سورتلىرى ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس، مەسىلەن:)
5. ئالوي ھەسىلى: سىز ئالوينىڭ چېچەكلىگەنلىكىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ كىچىك ھەسەل ھەرىسى ئالوي شەربىتىدىن ھەسەل چىقىرالامدۇ؟
6. ئۈزۈم ھەسىلى، شاپتۇل چېچىكى ھەسىلى: پەقەت گۈل چېڭى بار، گۈل شىرنىسى يوق.
7. قار لەيلىسى ھەسىلى: قار لەيلىسى ئادەتتە ئېگىز تاغ، قارلىق چوققىلاردا ئۆسىدۇ، ھەسەل ھەرىسىنىڭ پائالىيەت تېمپېراتۇرىسى 13 ئەتراپىدا يۇقىرى بولىدۇ.
8. ئەتىرگۈل ھەسىلى: ھەقىقىي ئەتىرگۈلنىڭ گۈل شىرنىسى بولمايدۇ، پەقەت ياۋا ئەتىرگۈل دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىلى بار، بۇ خىل گۈلنىڭ گۈل شىرنىسىمۇ ناھايىتى ئاز.
قانداق قىلغاندا ئىشەنچلىك ھەسەل سېتىۋالغىلى بولىدۇ؟
رەڭ جەھەتتىن پەرقلەندۈرۈش
ساپ ھەسەلنىڭ رەڭگى ئوخشاش بولمايدۇ، رەڭگى سۇس، پارقىراق، پارقىراق، سۈزۈكلۈك دەرىجىسى ياخشى، ئارىلاشما ماددا يوق بولغىنى ياخشى. مەسىلەن، شېكەر تۈرىدىكى ئارىلاشمىلار ئارىلاشتۇرۇلغان ھەسەلنىڭ رەڭگى قېنىقلىشىدۇ، سۈزۈكلۈكى ناچارلىشىدۇ، دۇغلىشىدۇ، دائىم چۆكمە بولۇپ تۇرىدۇ. ئېچىتىلغان ھەسەلنىڭ سىرتقى قەۋىتىدە كۆپ مىقداردا كۆپۈكچىلەر پەيدا بولىدۇ، ھەتتا ھەسەل سۇيۇقلۇقى كۆپۈپ، شىرنىسى ئەتراپقا ئېقىپ كېتىدۇ.
قۇيۇقلۇق دەرىجىسىگە قاراپ پەرقلەندۈرۈش
بىر تال بامبۇك چوكىنى ھەسەلگە سانجىپ، تىك كۆتۈرۈپ قويساق بولىدۇ، ساپ ھەسەلنى تېمىتقاندا سۈرئىتى ئاستا، يېپىشقاقلىقى يۇقىرى، تارتىشىپ قالىدۇ؛ شېكەر ئارىلاشتۇرۇلغان ساختا ھەسەل ياكى قۇيۇقلۇقى تۆۋەن ھەسەل تامچىسىنىڭ چۈشۈش سۈرئىتى تېز بولۇپ، سوزۇلمايدۇ.
تەم جەھەتتىن پەرقلەندۈرۈش
ساپ ھەسەلنىڭ تەمى تاتلىق، قويۇق بولۇپ، ھەسەلنىڭ ئۆزگىچە پۇرىقى بار، تەمى يۇمشاق ۋە نازۇك، تېتىغاندا كېكىردەك سەل ئاچچىق بولۇپ، تەمى ئۇزۇن تۇرىدۇ. قومۇش شېكىرى ئارىلاشتۇرۇلغان ھەسەلنىڭ گەرچە تەمى تاتلىق بولسىمۇ، لېكىن پۇرىقى ناچار، تەمى قىسقا تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قومۇش شېكىرىنىڭ تەمى بار؛ ساخارىن قوشۇلسا، تەمى ئۇزاقراق بولىدۇ، ئەمما قىرتاق بولىدۇ؛ ئېچىتىپ سۈپىتى ئۆزگەرگەن، چۈچۈمەل پۇراق قاتارلىق غەيرىي پۇراقلار بار.
پۇراققا قاراپ سېلىشتۇرۇش
ھەر بىر خىل ھەسەلنىڭ ئۆزىگە خاس پۇرىقى بولىدۇ، ساپ بىر خىل گۈل شىرنىسى بولۇپ، كۆپىنچە ئۇنىڭ گۈل پۇرىقى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ئەگەر ئېچىتىپ سۈپىتى ئۆزگەرگەن بولسا، ئېچىتقۇ كىسلاتا پۇرىقى ياكى ئىسپىرت پۇرىقىنى پۇرىغىلى بولىدۇ؛ ئەگەر ئۇنىڭغا كۆپرەك ئاق شېكەر، سولۇر شېكىرى ياكى كراخمال ئارىلاشتۇرۇلسا، گۈل شىرنىسىنىڭ ئۆزىگە خاس خۇش پۇرىقى يوقىلىدۇ.
بارماق بىلەن ئېلىپ پەرقلەندۈرۈش
بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق سۇيۇق ھالەتتىكى ھەسەلنىڭ قۇيۇقلۇق دەرىجىسى ۋە كىرىستال ھالەتتىكى ھەسەلنىڭ راست-يالغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. ئازراق ھەسەل ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ باش بارماق بىلەن كۆرسەتكۈچ بارماقنىڭ ئارىسىغا قويۇپ، ئۇۋۇلاپ ئۇۋىلايمىز، ئەگەر تەبىئىي كرىستال ھەسەل بولسا، قول سېزىمى ياخشى بولىدۇ ھەمدە كرىستال دانچىلىرىنى ناھايىتى تېزلا ئېرىتىدۇ؛ ئەگەر شېكەر ئارىلاشتۇرۇلغان «كرىستال ھەسەل» بولسا، قول سېزىمى قوپال بولۇپ، كرىستال دانچىلىرى ئاسان ئېرىمەيدۇ.
ياخشى ھەسەلنىڭ سۇ تەركىبى تۆۋەن ھەم پارقىراق بولىدۇ، ئىستىمالچىلار ياخشىراق ھەسەلنى تاللىغاندا، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئۇنى پۇراپ تېتىپ بېقىش كېرەك.
باھاغا قاراپ پەرقلەندۈرۈش
ئادەتتە ھەسەلنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى 40-60 يۈەن / كىلوگىرام، ئورگانىك ساپ تەبىئىي ھەسەل ۋە ئىپتىدائىي ئورمان تۇپرىقى ھەسىلىنىڭ باھاسى 100 يۈەن / كىلوگىرام ئەتراپىدا بولىدۇ. توشۇش ھەققى، تاۋار ئوراش-قاچىلاش، ئارىلىق يول قاتارلىقلارنى قوشقاندا، 500 گىراملىق بىر بوتۇلكا تەبىئىي ھەسەلنى سېتىش ئورنىدا ساتسا، ئادەتتە 30 يۈەندىن تۆۋەن بولمايدۇ.
دىيابىت بىمارلىرنىڭ ئەڭگۈشتەرى شاقاقۇل ئالىقات ئۆسۈملۈك ئىچىملىكى
تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق بىلىملىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئاستىدىكى ئۈندىدارنى قوشۇپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ