ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئوزۇقلۇق تولۇقلاشتا ئۈچ «ئالتە» پىرىنسىپىنى ئۇنتۇماڭ
ئوزۇقلۇق ئېشىپ كېتىش ۋە يېتىشمەسلىكنىڭ ھامىلىدار ئاياللارغا بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئوزۇقلۇق ئېشىپ كەتكەندە بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە ئارتىپ كېتىش، ھامىلىدارلىققا يانداشقان يۇقىرى قان بېسىم ئۇنىۋېرسال كېسىلى، ھامىلىدارلىققا يانداشقان دېئابېت، تۇغۇت قىيىن بولۇش، تۇغۇتتىن كېيىن بەدەن شەكلى ئەسلىگە كەلمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەندە تۆمۈر كەملىك ۋە تۆمۈر كەملىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق؛ كالىتسىي ۋە ۋىتامېن D نىڭ كەمچىللىكىدىن بولغان سۆڭەك يۇمشاش (سۆڭەك شالاڭشىشنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى)، قاندىكى ئاقسىل تۆۋەنلەش، قان شېكىرى تۆۋەنلەش قاتارلىق كېسەللەر؛ قوزغاتقۇچى ھامىلىدارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلىرىدىن ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى يۇقىرى قان بېسىم ئۇنىۋېرسال كېسىلى، بالدۇر تۇغۇپ قويۇش، ھامىلە پەردىسى بالدۇر يېرىلىش، يۇقۇملىنىش قاتارلىق كېسەللەر پەيدا بولىدۇ؛ بوشانغاندا بالياتقۇنىڭ قىسقىرىشى توسالغۇغا ئۇچراش، تۇغۇت قىيىن بولۇش، تۇغۇتتىن كېيىن قان چىقىش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ؛ بوشانغاندىن كېيىن چىللە ياللۇغى، سۈت ئاز بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە: مايسىز تاماق يېيىش، ئاز يېيىش، يوپۇرماق كىسلاتاسى تولۇقلاش
ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىگىلەشكە تېگىشلىك ئالتا پىرىنسىپ: بىرىنچىدىن، ئوزۇقلىنىش مۇۋاپىق، كۆپ خىل بولۇش؛ ئىككىنچىدىن، مۇۋاپىق مىقداردا ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ئىستېمال قىلىش؛ ئۈچىنچىدىن، مۇۋاپىق مىقداردىكى ئېنېرگىيەنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كېتون جىسمىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ تۆتىنچىدىن، مىنېرال ماددا تەركىبلىك يېمەكلىكلەرنى، بولۇپمۇ تەركىبىدە كالىتسىي، فوسفور، سىنىك كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ بەشىنچىدىن، مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامېن ئىستېمال قىلىش، بولۇپمۇ Bتۈردىكى ۋىتامېننى ئىستېمال قىلىش؛ ئالتىنچىدىن، يېڭى، بۇلغانمىغان كۆكتات ۋە مېۋە – چېۋىلەرنى تاللاپ يەپ، قورساق كۆپۈش ۋە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە: ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل يېيىشنى كۆپەيتىش
ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە ئىگىلەشكە تېگىشلىك ئالتا پىرىنسىپ: بىرىنچىدىن، قوبۇل قىلىنىدىغان كۈندىلىك ئېنېرگىيە مىقدارىنى ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكىدىن كۆپەيتىش؛ ئىككىنچىدىن، يېتەرلىك مىقداردىكى ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئۈچىنچىدىن، مۇۋاپىق مىقداردىكى ماينىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كۆپەيتىش، قوبۇل قىلىنغان ماي مىقدارى پۈتۈن كۈنلۈك ئېنېرگىيە مىقدارىنىڭ 25 - 30 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىش؛ تۆتىنچىدىن، ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا مىنېرال ماددا قوبۇل قىلىش، بولۇپمۇ كالىتسىي، فوسفور تەركىبى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش؛ بەشىنچىدىن، ۋىتامېننىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش، بولۇپمۇ تەركىبىدە يوپۇرماق كىسلاتاسى ۋە ۋىتامىن B12 بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش؛ ئالتىنچىدىن، مايسىز تاماق يېيىش، ناترىي سۇيۇقلۇقى يىغىلىپ قېلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان سۇلۇق ئىششىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يۈرەكنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىش.
ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە: دانلىق زىرائەت، تاتلىق ياڭيۇ، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئازايتىش، قۇش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپەيتىش
ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئىگىلەشكە تېگىشلىك ئالتا پىرىنسىپ: بىرىنچىدىن، بۇ ئانا ۋە ھامىلە ئاقسىلغا ئەڭ كۆپ ئېھتىياجلىق بولىدىغان دەۋر بولغاچقا ئاقسىلنىڭ بولۇپمۇ ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش؛ ئىككىنچىدىن، بەدەننى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، ماي، شېكەر قاتارلىق يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق چەكلەش؛ ئۈچىنچىدىن، ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى بولغان ۋە ئاقسىلنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش؛ تۆتىنچىدىن، تەركىبىدە تۆمۈر بولغان قۇش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپەيتىپ، تۆمۈرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ بەشىنچىدىن، يېتەرلىك مىقداردىكى سۇدا ئېرىشچان ۋىتامېننىڭ، بولۇپمۇ ۋىتامېنB1 نىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يەڭگىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈش؛ ئالتىنچىدىن، يېتەرلىك مىقداردا تويۇنمىغان ماي كىسلاتاسى سۈمۈرۈپ، ھامىلە چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش.
تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق بىلىملىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئاستىدىكى ئۈندىدارنى قوشۇپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ