ئەگەر ئاق شېكەرنى يېيىشكىلا ئىشلەتكەن بولسىڭىز بەك ئارقىدا قاپسىز.
ئاق شېكەرنىڭ رولى توغرىسىدا گەپ ئاچقاندا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىرىنچى ئىنكاسى تاتلىق قىلىدۇ دەپ ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئاق شېكەرنىڭ نۇرغۇن باشقا ئىشلىتىلىشلىرى بار، بىلەمسىز؟
يىپەك رەختلەرنى يۇيغاندا، سۇغا ئازراق شېكەر سېلىۋىتىپ، 10-5 مىنۇت چىلاپ قويسىڭىز پارقىراقلىقىنى ساقلايدۇ.
لوڭقىغا ئازراق شېكەر سېلىپ قويسىڭىز گۈلنىڭ ئۆمرى تېخىمۇ ئۇزاق بولىدۇ. چۈنكى گۈل ئېچىلغاندا ئادەتتىكىدىن كۆپرەك قەنت مىقدارىغا مۇھتاج بولىدۇ.
قورۇۋالغان شېكەرنى قەغەز خالتىغا سالسىڭىز نەملىكنى سۈمۈرىدۇ؛ توڭلاتقۇغا سالسىڭىز غەيرىي پۇراقنى ئالىدۇ.
بۇس تارتقۇنى تازىلىغاندا قولىڭىز ماي بولۇپ كېتىدۇ، سوپۇن بىلەنمۇ چىقارماق تەس. ئالدى بىلەن مايلىشىپ كەتكەن قولىڭىزغا ئازراق شېكەر تۆكۈپ يېنىك ئۇۋىلىۋىتىپ، ئاخىرىدا ئادەتتىكىنىڭ يېرىمىچە قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن يۇيسىڭىز پاكپاكىز چىقىپ كېتىدۇ.
جىياڭيۇ، ئوت-چۆپلەرنىڭ دېغىنى چىقىرىدۇ. ئالدى بىلەن داغ يەرنى نەمدەپ، ئاندىن شېكەر، سودانى قوشۇپ يېنىك ئۇۋىلاپ سۇدا چايقىۋەتسىڭىز چىقىپ كېتىدۇ.
قازانغا چاپلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بېلىق پىشۇرغاندا، قازانغا ماينى قۇيۇپ، ماي قىزىغاندا ئازراق شېكەرنى قوشىسىز، ئاندىن شېكەر سېرىق بولغاندا بېلىقنى قازانغا سالىسىز، بۇنىڭدا بېلىق قازانغا چاپلىشىپ قالمايدۇ، ھەمدە رەڭگى، تەمى ئەڭ ياخشى ھالەتتە بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق بىلىملىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئاستىدىكى ئۈندىدارنى قوشۇپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ