يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بىمارلىرى قايسى 8 خىل يېمەكلىكتىن يىراق تۇرۇشى كېرەك؟
نۇر تورى تەرجىمىسى:
نۇرغۇن دوستلار ياش ۋاقتىدا بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىغا دىققەت قىلمايدۇ، خىزمەت ۋە تۇرمۇشنىڭ قوش بېسىمى ئاستىدا، ياش ۋاقتىدا بەدىنىدە ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ. لېكىن 40 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن بىر قىسىم كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ، مەسىلەن، دىيابېت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، بۈگۈن بىز ئاساسلىقى يەللىك بوغۇم ئاغرىقى توغرىسىدا توختىلىمىز.
يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنى نۇرغۇن كىشىلەر ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە يەللىك بوغۇم ئاغرىقى ئىنتايىن خەتەرلىك كېسەللىك بولۇپ، بىمارنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنى چۈشىنىش لازىم.
يەللىك بوغۇم ئاغرىقى دېگەن نېمە؟
يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى: دۆلىتىمىزدە يەللىك بوغۇم ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى 80 مىليونغا يېتىدۇ، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى ئادەم بەدىنىدىكى قان سۈيدۈك كىسلاتاسى (ئادەم بەدىنىدىكى مېتابولىزم ئەخلەتلىرىنىڭ بىرى) نىڭ قويۇقلۇقى بەك يۇقىرى بولغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەمنىڭ بوغۇمىدا سۈيدۈك كىسلاتاسى كىرىستالى پەيدا بولۇپ، سۈيدۈك كىسلاتاسى كىرىستالى بوغۇمغا چۆكىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پەيدا بولغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، چۆكمە كىرىستالى بوغۇم ئىچى ۋە بوغۇم ئەتراپىدا ئاغرىش خاراكتېرلىك ياللۇغنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنىڭ ئالامەتلىرى: ① يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بىمارلىرىدا دائىم تۇيۇقسىز بىر ياكى بىر نەچچە بوغۇم قاتتىق ئاغرىيدۇ، ئاساسەن كېچىدە كۆپ قوزغىلىدۇ. ② ئاساسلىقى بوغۇملارنىڭ ئاغرىشىدا ئىپادىلىنىدۇ، ئاساسلىقى چوڭ بارماق، تاپان ③ ھەتتا بەزىدە بوغۇملارنىڭ قىسمەن جايلىرى ئىششىش، تېرە قىزىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بىمارلىرى يېسە بولمايدىغان 8 خىل يېمەكلىك
1. پىۋا: پىۋىدىن چوقۇم ساقلىنىش لازىم، پىۋا يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بىمارلىرىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى.
2. دېڭىز مەھسۇلاتلىرى: يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بىمارلىرى ئادەتتە پۇرىن مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى، بولۇپمۇ دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئاز يېيىشى لازىم. دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى يېگەندە قاندىكى سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ قويۇقلۇقى ئېشىپ كېتىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى: يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بىمارلىرى تۇرمۇشتا ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يېسە بولمايدۇ، چۈنكى ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئوزۇقلۇق ماددىلار بار بولۇپ، پۇرىن مىقدارىمۇ تۆۋەن ئەمەس.
4. باكتېرىيە تۈرىدىكىلەر: باكتېرىيە تۈرىدىكىلەرنىڭ پۇرىن مىقدارى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ خىل پۇرىن مىقدارىدەك يۇقىرى ئەمەس، لېكىن ئاغرىقنى ھېس قىلىشقىمۇ يېتىدۇ، شۇڭا باكتېرىيە تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىمۇ چوقۇم كونترول قىلىش لازىم.
5. پالەك: پالەكتە يەنە ئوكسالىك كىسلاتا تەركىبى بار بولۇپ، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بىمارلىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بىمارلىرى چوقۇم پالەكنى كۆپ يېمەسلىك لازىم.
6. ئىچىملىك: قەنت تەركىبى يۇقىرى ئىچىملىكلەر، قەنت تەركىبى يۇقىرى ئىچىملىكلەر بەدەندىكى سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ بىرىكىشىنى تېزلىتىدۇ، ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، بەدەندىكى سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۆرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7. قارا ئاشلىق: يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بىمارلىرى ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ، ئىنچىكە، يىرىك يېيىشى لازىم، چۈنكى قارا ئاشلىق تەركىبىدىكى پۇرىن مىقدارى ئاق ئاشلىقتىن يۇقىرى بولىدۇ. (قارا ئاشلىق: ئاق قوناق، كۆممىقوناق، تېرىق، ئارپا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. )
8. قەھۋە ۋە قېنىق چاي: قەھۋە قېنىق چاينىڭ ئۆزى پۇرىن مىقدارىنى ئاشۇرمايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئاۋتونومىك نېرۋىنى روھلاندۇرۇش رولى بار بولۇپ، يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، يەنە يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنىڭ جىددىي قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بىمارلىرى ئۇنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشى لازىم.
يەللىك بوغۇم ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغاندا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا يېگەندىن باشقا، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. يۇقىرىقى ماقالىدە سەككىز خىل يېمەكلىك تونۇشتۇرۇلغان، بۇ سەككىز خىل يېمەكلىكنى يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بىمارلىرى ھەرگىز ئىشلەتمەسلىكى لازىم، ئەگەر ئىشلەتسە جانغا زامىن بولغانغا باراۋەر، شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىز چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ يېمەك-ئىچمىكىگە مۇۋاپىق دىققەت قىلىشىمىز لازىم.
تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق بىلىملىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئاستىدىكى ئۈندىدارنى قوشۇپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ