پەمىدۇر ئاددىي يېمەكلىك، ئەمما ئۇنىڭ كېسەل داۋالاش رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.
1. تېرە كېسەللىرىنى داۋالاش- قىزىرىپ پىشقان پەمىدۇرنىڭ پوستى ۋە ئۇرۇقىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئېزىپ يارا ئېغىزىغا كۈندە 3-2 قېتىم سۈرتكەندە يۇقۇملانغان، ياللۇغلانغان تېرە كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
2. ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- قىزىرىپ پىشقان پەمىدۇرنى ئېزىپ مەلھەم قىلىپ، ئۇنىڭغا ئاز مىقداردا ئاق شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ، ھەر كۈنى يۈزگە سۈرتۈپ بەرگەندە،
تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇش، گۈزەللەشتۈرۈش، قېرىلىقنى كېچىكتۈرۈش ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ.
3. راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش- پەمىدۇرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرۇش، كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش رولى ئىنتايىن يۇقىرى. ھەر كۈنى قىزىرىپ پىشقان 2-1 پەمىدۇرنى خام يەپ بەرگەندە راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە راكنى قوشۇمچە داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ.
4. يۇقىرى قان بېسىمنى داۋالاش- ھەر كۈنى ئەتىگەندە قىزىرىپ پىشقان2-1 پەمىدۇرغا ئاق شېكەر سېپىپ، ئاچ قورساق يېگەندە قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ.
5. قان ئازلىقنى داۋالاش- پەمىدۇر بىلەن ئالمىنىڭ ھەرقايسىسىدىن بىر تالدىن ئېلىپ، 15 گىرام كۈنجۈت بىلەن بىللە بىر قېتىمدىلا كۈندە 2-1 قېتىم يېيىشنى ئۈزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرغاندا قان ئازلىقنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
6. يارىنى داۋالاش- ھەزىم قىلىش ئەزالىرىدا يېنىك يارا بار كىشىلەر ئېزىلگەن پەمىدۇر بىلەن ياڭيۇ قىيامىنى تەڭ مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ، ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر قېتىمدىن ئۇدا 10 قېتىم ئىستېمال قىلغاندا يارىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
7. ئىسسىق ئۆتۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- 2-1 تال پەمىدۇرنى توغراپ، ئازراق تۇز ياكى شېكەر سېلىپ، شورپا قىلىپ ئىچكەندە ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
8. قىزىتمىنى قايتۇرۇش- پەمىدۇر سۈيى بىلەن تاۋۇز سۈيىنى تەڭ نىسبەتتە ئارىلاشتۇرۇپ، بىر سائەتتە بىر قېتىم ئىچكەندە قىزىتما چۈشىدۇ.
9. چىش قاناشنى داۋالاش- پەمىدۇرنى پاكىز يۇيۇپ مېۋە ئورنىدا ئۇدا يېرىم ئاي يېگەندە چىش قاناشنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق بىلىملىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئاستىدىكى ئۈندىدارنى قوشۇپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ