1. كۆڭۈلنى ئازادە تۇتۇش، ئاچچىقلىنىشتىن ساقلىنىش لازىم. غەمكىنلىك، چۈشكۈنلۈك، ئاچچىقلىنىش، روھىي كەيپىياتنىڭ نورمال بولماسلىقى ئاشقازان-ئۈچەي ھەركىتىنى ئاستىلىتىپ، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجىرىلىشىنى ئازايتىپ، ئۆت سۇيۇقلىقىنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئەھۋال سالامەتلىككە زىيانلىق.
2. يېمەكلىكلەرنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا قاتتىق دىققەت قىلىش لازىم. تاماقنى بەك تۇيۇنۇپ يېمەسلىك، سوغوق يېمەكلىكلەر، ماي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك، ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەردىن بېلىق، مايسىز گۆش قاتارلىقلارنى، مىۋە-چىۋە، كۆكتاتلارنى كۆپ يىيىش كېرەك.
3. تۇرمۇشنىڭ رىتىملىق بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئۆي تازلىقىنىڭ ياخشى، ھاۋاسىنىڭ ساپ بۇلۇشىغا دىققەت قىلىش لازىم.
4. پارازىت قۇرت بىلەن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. كۆكتاتلارنى خام پېتى يېگەندە تازلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى پارازىت قۇرت بىلەن يۇقۇملىنىش ئۆت يولىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۆت ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن بىئاراملىق كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك
تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق بىلىملىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئاستىدىكى ئۈندىدارنى قوشۇپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ