سۇ دۇغى بۆرەكتە تاش پەيدا قىلامدۇ؟

旅行   2024-10-31 08:01   新疆  

سۇ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر بەلكىم دائىم چەينەكنىڭ تېگىدە نۇرغۇن سۇ دۇغى بارلىقىنى، ئاپئاق نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرۈشى مۇمكىن، كىچىك ۋاقتىمىزدا بۇ سۇ دۇغىنى ياخشى نەرسە دەپ ئويلايتتۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ دۇغى بار سۇنى ئىچسەك بەدەن تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ دەپ قارايتتۇق. لېكىن چوڭ بولغاندىن كېيىن بۇنداق سۇنى كۆپ ئىچكەندە بۆرەككە تاش چۈشىدىغانلىقىنى بىلدۇق.

چەينەكتىكى سۇ دۇغى زادى قانداق نەرسە، بۇ نەرسىنىڭ بەدەنگە زادى تەسىرى بارمۇ-يوق، دائىم سۇ دۇغى بار سۇ ئىچكەندە چوقۇم بۆرەككە تاش چۈشۈش كېسىلى بولۇپ قالامدۇ؟ كۆپچىلىكنىڭ ھەر خىل گۇمانلىرىغا قارىتا بۈگۈن بىرلىكتە بۇ توغرىسىدا ئورتاقلىشىپ باقايلى:

سۇ دۇغى زادى قانداق نەرسە، نېمە ئۈچۈن سۇ دۇغى پەيدا بولىدۇ؟ سۇ دۇغى يەنە «سۇ دېتى، سۇ ئىشقارى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى كالتسىي كاربونات، ماگنىي سۇلفات، كالتسىي سۇلفات قاتارلىق ماددىلاردىن ئىبارەت. چۈنكى سۇ تەركىبىدە كالتسىي، ماگنىي قاتارلىق ماددىلار بار، بۇ ماددىلار يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىدە رېئاكسىيەلىشىپ چۆكمە ھاسىل قىلىدۇ، يەنى سۇ دۇغى بولۇپ، ئادەتتە پاراشوكسىمان، كاللەكسىمان ھالەتتە بولىدۇ. بۇمۇ نېمە ئۈچۈن سۇ قاينىتىدىغان چەينەكنىڭ ئىچىدە ئاسانلا سۇ دۇغى پەيدا بولۇشىنىڭ سەۋەبى. ئەمما، بارلىق سۇ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن ئۆتسىلا رېئاكسىيە يۈز بېرىپ سۇ دۇغى پەيدا بولۇشى ناتايىن، يەنە سۇ سۈپىتىنىڭ قاتتىق-يۇمشاقلىقىغا قاراش كېرەك.

دەريا سۈيى، قۇدۇق سۈيى، بۇلاق سۈيى، كۆل سۈيى قاتارلىقلار قاتتىق سۇلاردۇر، تۇرۇبا سۈيى زاۋۇتى بىزگە تەمىنلىگەن تۇرۇبا سۈيى مانا مۇشۇ تاتلىق سۇدىن كېلىدۇ. بۇ تاتلىق سۇلار تۇرۇبا سۈيى زاۋۇتلىرىدا ئاساسەن سۈزۈش ۋە مىكروب، مىكرو ئورگانىزملارنى قايتا پىششىقلاش ئارقىلىق ياسىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى مىنېرال ماددىلار (كالتسىي، ماگنىي)غا نىسبەتەن كۆپ ئارىلاشمايدۇ، شۇڭا سۇ دۇغى بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ.

يۇمشاق سۇ ھاسىل قىلغان سۇ دۇغى ئاز بولىدۇ، لېكىن يۇمشاق سۇ يامغۇر سۈيى، قار سۈيى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ، تەركىبىدىكى مىنېرال ماددىلار ناھايىتى ئاز بولىدۇ، شۇڭا ئاسانلىقچە سۇ دۇغى پەيدا بولمايدۇ.

مۇنداقچە ئېيتقاندا، چەينەكنىڭ ئىچىدە سۇ دۇغى بولسا بۇ سىزنىڭ سۈيىڭىزنىڭ تەركىبىدە يەنىلا مول مىنېرال ماددىلارنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ تۇرۇبا سۈيىنى خاتىرجەم ئىچسىڭىز بولىدۇ، سۇ تەركىبىدىكى ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ قىممىتى نورمال دائىرىدە بولۇپ، يەنە بەدەنگە بەزى ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرىنى تولۇقلايدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرۇبا سۈيىنى قاينىتىش جەريانى ئەمەلىيەتتە قاتتىق سۇنى يۇمشىتىش جەريانى بولۇپ، سۇدىكى باكتېرىيەلەرنى يەنە بىر قېتىم يوقاتقىلى بولىدۇ، سۇ دۇغى سىزنىڭ سۈيىڭىزنىڭ قاينىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ئۇنداقتا دائىم سۇ دۇغى بار سۇنى ئىچكەندە ئاسانلا بۆرەككە تاش چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالامدۇ؟ سۇ دۇغى بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن ئاشقازان ئاجرىتىپ چىقارغان ئاشقازان كىسلاتاسى ئارقىلىق پارچىلىنىپ، ئاشقازان-ئۈچەيگە سۈمۈرۈلىدۇ. گەرچە قان، سۈيدۈكتىكى ئىئوننىڭ مىقدارىغا تەسىر كۆرسەتسىمۇ لېكىن بۇ تاش چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب ئەمەس.

ياۋروپانىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا تاش پەيدا بولۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگلىيەنىڭ سۇ سۈپىتى قاتتىق، گوللاندىيەنىڭ سۇ سۈپىتى يۇمشاق بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا تاش پەيدا بولۇش نىسبىتىدە روشەن پەرق يوق ئىكەن.

سۇ دۇغى بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن ئاشقازان كىسلاتاسى ئارقىلىق پارچىلىنىدۇ، پارچىلانمىغان ھالەتتىمۇ ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ، بەدەنگە بولغان پايدىسىز تەسىرىنى ئاساسەن نۆل دەپ قاراشقا بولىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش ئادەم بەدىنىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ھادىسىسى، سۇ دۇغى بولسا بىر خىل فىزىكىلىق ھادىسە، ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ ناھايىتى تېز بولىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىك سۇدا سۇ دۇغى بارلىقىنى كۆرگەندە ئارتۇقچە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ھاجىتى يوق.

ئەگەر چەينەكتىكى سۇ دۇغى كۆزىڭىزگە كىرىپ كەتسە، سۇ قايناتقاندا ئىچىگە ئازراق ئاق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ، ئىككى-ئۈچ تامچە تېمىتسىڭىز بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا سۇ دۇغىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتىپ، سۇنىڭ كىسلاتا-ئىشقارلىق دەرىجىسىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. ياكى ئازراق لىمون سۈيى قۇيۇپ، يېرىم سائەت تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئاندىن ئىچىگە ئازراق سۇ قۇيۇپ قاينىتىمىز، ئاندىن ئىچىدىكى سۇ دۇغى ئاسانلا چىقىپ كېتىدۇ.

ئەگەر سىز قاتتىق سۇ ئىچىشنى ياخشى كۆرمىسىڭىز، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىڭىز بولسا، ئۆيىڭىزگە سۇ تازىلىغۇچ ئورناتسىڭىز بولىدۇ، يەنى سۈزگۈچنى قەرەللىك ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش بىر قەدەر ئاۋارىچىلىق، ئەگەر تازىلاشقا دىققەت قىلمىسىڭىز، سۇ تازىلىغۇچنىڭ ئىچىدىمۇ ئەمەلىيەتتە ئاسانلا باكتېرىيە پەيدا بولىدۇ، شۇڭا ھۇرۇنلۇق ھېس قىلىدىغان كىشىلەر قارىغۇلارچە سېتىۋالماسلىقى كېرەك.

ئۇنداقتا بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش نېمە بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟

بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىدا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادا بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش نىسبىتى ئېشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە. ئۇنىڭ شەكىللىنىشى ئىرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ، يەنە ياش، جىنس، ياشاش مۇھىتى (دورا، ئورۇن، يېمەك-ئىچمەك، كىلىمات قاتارلىقلار) بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.

مەسىلەن، ئادەم زىيادە سەمىرىپ كەتسە، ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىم، جىگەرنى ماي قاپلاشتىن باشقا، يەنە بۆرەككە تاش چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنى ياغنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشى بەدەندىكى كالتسىي ماددىسىنىڭ بىرىكىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بەدەن تەركىبىدە ئوكسالات بولغان يېمەكلىكلەرنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىدۇ، بۇ ئىككىسى بىرلەشسە ئاسانلا تاش پەيدا بولىدۇ.

يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە، ئەگەر دائىم يۇقىرى قەنتلىك يېمەكلىكلەرنى يېگەندە نۇرغۇن قەنتلەر بەدەننىڭ مېتابولىزم يۈكىنى ئاشۇرۇپ، سۈيدۈكتىكى كالتسىينىڭ چىقىرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، بۆرەككە تاش چۈشۈش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

بۆرەككە تاش چۈشۈشنى سۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېيىشكە توغرا كېلىدۇ، يەنى سۇنى ئاز ئىچكەندە بەدەندىكى سۈيدۈكنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سۈيدۈك بەك قويۇقلىشىپ كەتسە ئاسانلا تاش پەيدا بولىدۇ. دائىم سۇ ئىچىپ بەرگەندە بۆرەكنىڭ چىقىرىلىشىغا ياردەم بېرىپ، بەدەندىكى ئارتۇقچە كېرەكسىز ماددىلار ۋە زەھەرلىك ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلايدۇ. بۇ يەردىكى سۇنىڭ تەكلىپى قايناقسۇ بولۇپ، بىر كۈندە 1700 مىللىلىتىردىن يۇقىرى بولسا، بەزىلەر سۈت ۋە مېۋە شەربىتىمۇ سۇ تولۇقلاش ئۈنۈمىگە ئىگە دەپ قارايدۇ.

سۈت، مېۋە شەربىتىدە گەرچە سۇ بولسىمۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ھەر خىل ماددىلارمۇ بار، بۇنداق بولغاندا بەدەننىڭ سۈمۈرۈشى ئاستا بولىدۇ، بىر كۈندە كۆپ ئىچسە بەدەننىڭ مېتابولىزم يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئەگەر قان سىيىش، بەل ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بايقالسا، دوختۇرخانىغا بېرىپ سۈيدۈك نەيچىسى يولىنى تەكشۈرىتىپ بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاش تەكلىپىنى بېرىمىز.

يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، چەينەكنىڭ ئىچىدە سۇ دۇغى بولۇش ياخشى ئىش، ھېچ بولمىغاندا بۇ سۇنىڭ تەركىبىدە مىنېرال ماددىلارنىڭ بارلىقىنى، بەدەنگە ھېچقانداق ماھىيەتلىك زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەر تەمىگە تەسىر يەتكۈزگەندەك ھېس قىلسىڭىز، ئەپچىل چارىلەر بىلەن تازىلىسىڭىز بولىدۇ، ئادەتتە قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچىپ بېرىڭ.

تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق بىلىملىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئاستىدىكى ئۈندىدارنى قوشۇپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ


ShongQar机票
雄喀热航空服务中心,机票, 火车票, 旅游 。 24小时服务热线:0991-2305050
 最新文章