ئاپتاپتا كۆيگەن تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى 8خىل يەرلىك ئۇسۇللار

旅行   2024-11-19 08:02   新疆  

ئاپتاپتا كۆيگەن تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى 8خىل يەرلىك ئۇسۇللار

1. قىزىل چاي. يازدا قۇياش نۇرى كۈچلۈك بولغاچقا، ئاپتاپتا بىردەمدىلا كۆيۈپ قىزىرىپ كېتىمىز. بۇ ۋاقىتتا قىزىل چاينى مۇۋاپىق مىقداردا چىلاپ، لۆڭگىنى ھۆل قىلىپ يۈزىگە تەگكۈزسەكمۇ بولىدۇ، چوقۇم تەگكۈزۈپ تۇرۇڭ، سۈرتۈشكە بولمايدۇ. يۈزدىكى چاي قۇرىغاندا يەنە قايتا تەگكۈزۈپ ھۆل قىلىمىز. چاي تەركىبىدىكى كىكى ئىشقارى ئىسسىقنى سۈمۈرۈپ، تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، ئەگەر كۆيۈپ يارىلانغان بولسا، چاي يوپۇرمىقىنى بىۋاسىتە يۈزگە چاپلىساق بولىدۇ.

 2. ھەسەل-ئالوي شىرنىسى. بىر قوشۇق ھەسەلنى بىر قوشۇق ئالۇي شىرنىسىگە ئارىلاشتۇرۇپ، كۆيگەن تېرىگە تەكشى سۈرىمىز. ئالۇي تېرە كېسەللىكىگە تاقابىل تۇرۇپ، كۆيۈپ قىزىرىشنى داۋالايدۇ. ھەسەل تېرىگە سۇ تولۇقلاپ، تەبىئىي ھالەتكە ئەكىلىدۇ.

 3. يېڭى ئالوي. يېڭى ئالوينىڭ پوستىنى ئاقلاپ توغراپ توڭلاتقۇدا مۇزلىتىمىز. ئاندىن كۆيۈپ يارىلانغان ئورۇنغا قويساق بولىدۇ.


 4. سۇلۇ(燕麦)-سودا. بىر ئىستاكان سۇلۇ بىلەن بىر ئىستاكان ئالما ئاچچىقسۈيىنى ئارىلاشتۇرۇپ، يېرىم ئىستاكان سودانى قوشۇپ ۋاننىغا ياكى چوڭراق داسقا تۆكۈپ، سۇنى مۇۋاپىق تېمپىراتۇرىدا تەڭشەپ، يېرىم سائەت چىلانسا بولىدۇ.


 5. ئاچچىقسۇ. ئاچچىقسۇ تەركىبىدىكى سىركە كىسلاتاسى كۆيۈپ يارىلىنىش ۋە ياللۇغنى ئۈنۈملۈك داۋالايدۇ. پەلكۈچنى ئاچچىقسۇ بىلەن نەمدەپ، كۆيۈپ يارىلانغان يەرگە قايتا-قايتا تەگكۈزسەك بولىدۇ.



 6. قېتىق تەركىبىدىكى پايدىلىق زەمبۇرۇغلار تەبىئىي قالقان بولۇپ، كۆيگەن تېرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. مۇزلىتىلغان قېتىقنى تېرىگە سۈرۈپ، 10 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن لۆڭگە بىلەن سۈرتۈۋەتسەكلا ئاپتاپتا كۆيگەن

تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.



 7. تەرخەمەك. يېڭى تەرخەمەكنى توغراپ، كۆيگەن تېرىگە چاپلىغاندا تېرىگە سۇ تولۇقلاپ، كۆيۈپ زەخىملەنگەن ئورۇننىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ياكى تەرخەمەك شىرنىسىنى چىقىرىپ توڭلىتىپ، پەلكۈچ بىلەن يۈزگە سۈرسەكمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.


 8. يالپۇز 薄荷). يالپۇز يوپۇرمىقى ئاپتاپتا كۆيۈپ زەخىملەنگەن تېرىگە مەنپەئەت قىلىدىغان بولۇپ، زەخىملەنگەن ئورۇندىكى باكتېرىيەگە تاقابىل تۇرىدۇ. يالپۇز يوپۇرمىقىنى ئېزىپ، كۆيۈپ زەخىملەنگەن ئورۇنغا قويساق، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ، تېرىمۇ تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىدۇ.

تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق بىلىملىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئاستىدىكى ئۈندىدارنى قوشۇپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ


ShongQar机票
雄喀热航空服务中心,机票, 火车票, 旅游 。 24小时服务热线:0991-2305050
 最新文章