بۇ ئەرنىڭ ئۈچىيىدە 200 دەك مۇنچاق گۆش ئۆسۈپ قالغان
قۇرامىغا يەتكەن بىر ئادەمنىڭ ئۈچەي يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن بوي ئېگىزلىكىنىڭ 4 ~ 5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە %80 تى كىچىك ئۈچەي، %20 تى چوڭ ئۈچەي، كېيىنكىسىنىڭ لۆمۈلدىشى بىرقەدەر كۈچلۈك، چوڭ تەرەت شەكىللەنگەچكە، ئاسانلا مەسىلە كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: چوڭ ئۈچەي مونچاق گۆشى بوغماق تۈز ئۈچەي مونچاق گۆشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ دائىم كۆرۈلىدىغان ئۈچەي يولىدىكى ياخشى سۈپەتلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنىڭ بىرى.
يېقىندا، نەنجىڭدىكى 37 ياشلىق بىر ئەرنىڭ بوغماق ئۈچىيىدە 200 دىن ئارتۇق مونچاق گۆش بارلىقى ئېنىقلانغان، دوختۇر تەخمىنەن 3 سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋەتكەن.
مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى ماقالىسى، ئەلداۋا تەرجىمىسى:
ئەڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان «جۇڭگو بوغماق تۈز ئۈچەي مونچاق گۆشىنى سوغۇق كېسىش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشى» دا كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ قىسىم تارقاق بوغماق تۈز ئۈچەي راكى بوغماق تۈز ئۈچەي مونچاق گۆشىدىن تەرەققىي قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بوغماق ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرۈپ بايقاش ۋە كېسىپ ئېلىۋېتىش تۈز ئۈچەي راكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە ئىكەن.
قانداق ئۈچەي مونچاق گۆشى راكقا ئۆزگىرىدۇ؟ مونچاق گۆشنى چوقۇم كېسىپ ئېلىۋېتىش كېرەكمۇ؟ «ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، قانائەتلىك جاۋابقا ئېرىشتى.
بىر ئوبدان ئۈچەيگە نېمە ئۈچۈن مۇنچاق گۆش ئۆسۈپ قالىدۇ؟
ھازىرقى زامان تېبابىتىدە ئادەم بەدىنىدىكى شىللىق پەردە يۈزىدىكى سۆگەلسىمان ماددا مونچاق گۆش دەپ ئاتىلىدۇ، ئادەتتە ئۇنىڭ ئورنىغا قاراپ نام بېرىلىدۇ، ئۈچەيدە پەيدا بولسا «ئۈچەي مونچاق گۆشى» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇ ئادەتتە بىر خىل ياخشى سۈپەتلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇپ، كىچىكى بىر نەچچە مىللىمېتىردىن، چوڭى بىر نەچچە سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ؛ بەزىلىرى موگۇغا، بەزىلىرى ئۈجمىگە، بەزىلىرى كىچىك تاغلارغا ئوخشايدۇ؛ سانى بىردىن نەچچىگىچە بولىدۇ، ھەتتا پۈتۈن ئۈچىيىدىمۇ بولىدۇ، ئەگەر مەلۇم بىر ئورۇندا ئىككىدىن ئارتۇق مونچاق گۆش بولسا، «كۆپ پەيدا بولىدىغان مونچاق گۆش» بولىدۇ.
جەنۇب تېببىي داشۆسى جەنۇب دوختۇرخانىسى ھەزىم قىلىش ئىچكى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ليۇ سىدې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىرقى زامان مېدىتسىناسىدا ئۇنىڭ كېسەللىك سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس، تۆۋەندىكى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
يېمەك - ئىچمەك ئامىلى
ياغ تەركىبى يۇقىرى، ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى، سېللۇلوزا تەركىبى تۆۋەن يېمەكلىكلەرنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغانلارنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، كۆكتات، ۋىتامىن C يېتەرلىك قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ بولسا بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ.
يېمەك - ئىچمەك ئامىلى
ياغ تەركىبى يۇقىرى، ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى، سېللۇلوزا تەركىبى تۆۋەن يېمەكلىكلەرنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغانلارنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، كۆكتات، ۋىتامىن C يېتەرلىك قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ.
تاماق تەركىبىدىكى ياغنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %40 تىن ئېشىپ كېتىش ئۈچەي يولى مونچاق گۆشىنى شەكىللەندۈرىدىغان مۇھىم ئامىل، ئەگەر ياغنىڭ قوبۇل قىلىنىشى تاماقنىڭ %15دىن ئېشىپ كەتمىسە، كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇزلانغان يېمەكلىك قاتارلىقلارمۇ بەز ئۆسمىسى خاراكتېرلىك مونچاق گۆشنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
كېسەللىك ئامىلى
ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەن، ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، دىئابېت كېسىلى، ئۆت خالتىسىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش، راك كېسىلىنى رادىئاتسىيىلىك داۋالاشنى قوبۇل قىلغان بىمارلار ۋە سېمىز كىشىلەرنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ.
ياللۇغنىڭ غىدىقلىشى
ئۇزاق مۇددەت ياللۇغلىنىش ئۈچەي شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ مونچاق گۆش پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن: سوزۇلما بوغماق ئۈچەي ياللۇغى، سوزۇلما يارىلىق بوغماق ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىقلار.
غەيرىي ماددىلاردىن زەخىملىنىش
چوڭ تەرەت داشقاللىرى ۋە يات ماددىلار ئۈچەي شىللىق پەردىسى ئېپىتېلىيىسىنى ئۇزاق مۇددەت غىدىقلىسا، شۇنىڭدەك باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۈچەي شىللىق پەردىسى زەخىملەنسە، ئاسانلا ھۈجەيرىلەردە بىنورمال ئۆسۈش كۆرۈلۈپ، مۇنچاق گۆش شەكىللىنىدۇ.
ئۇزۇن مۇددەت قەۋزىيەتكە دائىم سۈرگە دورىسى ئىشلىتىشمۇ ئۈچەي دىۋارىنى غىدىقلاپ مۇنچاق گۆش ھاسىل قىلىدۇ.
ئىرسىيەت ئامىلى
مونچاق گۆشنىڭ شەكىللىنىشى گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، توساتتىن ئۆزگەرگەن گېن يەنە كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئىرسىيەت قالىدۇ.
قانداق ئۈچەي مونچاق گۆشى «يامان سۈپەتلىك» ئۆزگىرىدۇ؟
ئادەم بەدىنىدىكى ھەرقانداق شىللىق پەردىنىڭ سىرتقى يۈزىدە مۇنچاق گۆشكە ئوخشاپ كېتىدىغان ئارتۇقچە ئۆسمە پەيدا بولۇشى مۇمكىن، ئۈچەي مونچاق گۆشى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، چۈنكى ئۇ تۈز ئۈچەي راكىغا تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن.
چۇڭچىڭ داشۆسى قارمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ھەزىم قىلىش ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چېن ۋېيچىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:
ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ساپاقلىق، دىئامېتىرى 2 سانتىمېتىردىن كىچىك، يۈزى سىلىق، ھەرىكەتچانلىقى ياخشى مونچاق گۆش ياخشى سۈپەتلىك بولىدۇ؛
شىللىق پەردە ئاستى ياپىلاق، دىئامېتىرى 2 سانتىمېتىردىن چوڭ، يۈزىدە قاناش ياكى يارا بولسا، كۆپ ھاللاردا مونچاق گۆشنىڭ يامان سۈپەتلىك ئۆزگەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
مونچاق گۆشنىڭ يامان سۈپەتلىك ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقى مونچاق گۆشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دىيامېتىرى بىر سانتىمېتىردىن كىچىك مونچاق گۆشنىڭ يامان سۈپەتلىك ئۆزگىرىش نىسبىتى ئاران %1، 1~2 سانتىمېتىرغىچە بولغانلىرىنىڭ تەخمىنەن %10، 2 سانتىمېتىردىن چوڭ بولغانلىرىنىڭ %46 تى يامان سۈپەتلىك ئىكەن.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر مۇنچاق گۆش بەز ئۆسمىسى باسقۇچىدا يىلتىزدىن كېسىپ ئېلىۋېتىلسە، ئۈچەي راكىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. ئەگەر ئۈچەي يولى مونچاق گۆشى ئېلىۋېتىلمىسە، بوغماق ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆت ھەسسە ئەتراپىدا ئاشىدۇ.
رەسىم
ليۇ سىدېنىڭ قارىشىچە، ئۈچەي مونچاق گۆشى بەدەندىكى بىر «قەرەللىك بومبا» غا ئوخشايدۇ، ئۇنى بالدۇرراق «ئېلىۋېتىش» كېرەك.
ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، دىئامېتىرى بىر سانتىمېتىردىن كىچىك مونچاق گۆشىدىن تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈپ، پاتولوگىيەلىك نەتىجىگە ئاساسەن ئاندىن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؛
دىئامېتىرى بىر سانتىمېتىردىن چوڭ مونچاق گۆشنى تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش ھاجەتسىز، بىۋاسىتە كېسىپ ئېلىۋېتىش كېرەك؛
ئەگەر مونچاق گۆش ب تىپلىق بوغماق ئۈچەي ئەينىكىدە بايقىلىپ، بىئوپسىيەدە بەز ئۆسمىسى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانسا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ، يېقىن ئۈچەي يولىدا مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن بولغان باشقا بەز ئۆسمىسى ياكى ئۆسۈپ يېتىلىش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرۈش زادى قانچىلىك مۇھىم؟
ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرگەندە پاتولوگىيەلىك توقۇلمىلارنى ئالغىلى بولغاچقا، ئۇ يەنە ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرىگە دىئاگنوز قويۇشتىكى «ئالتۇن ئۆلچەم» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى تۈز ئۈچەي تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ليۇ جېڭ مۇنداق دېگەن: ئۇ پىتنە - ئىغۋا ياكى توردا دېيىلگەندەك ئۇنداق ئازابلىق ئەمەس.
تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىچكى بوشلۇق ئەينىكى بارغانسېرى يۇمشاق، ئىنچىكە بولۇپ، ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرۈش ۋاقتىمۇ ئىنتايىن قىسقا بولۇپ، ئادەتتە 15 ~ 20 مىنۇت ئەتراپىدا بولىدۇ.
كۆپچىلىكنىڭ 45 ياش ئەتراپىدا بىر قېتىم ئاشقازان ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرتۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئۈچەي مونچاق گۆشى جەمەت تارىخى ۋە بىرىنچى دەرىجىلىك تۇغقىنى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان خەتەرلىك كىشىلەر توپى يوقلار، كېيىن ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرتىدۇ.
ئۆزىدە ئۈچەي مونچاق گۆشى بار، جەمەت كېسەللىك تارىخى بار كىشىلەر دەسلەپكى تەكشۈرۈش ۋاقتىنى 10 يىل ئەتراپىدا ئالدىغا سۈرۈپ، 25 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرتۈشى كېرەك.
ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرگەندىن كېيىن ئەگەر ئۈچەي مونچاق گۆشى بايقالسا، تەكشۈرۈش قېتىم سانى تېخىمۇ زىچ بولۇشى كېرەك، كېيىنكى 3 يىلدا ھەر يىلى ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، مونچاق گۆشنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن كېيىنكى قېتىملىق تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى بېكىتىش كېرەك.
ئۇزاق مۇددەت يۇقىرى ھايۋانات ئاقسىلى، يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغان، سېللۇلوزىنى قوبۇل قىلىشى ئاز بولغانلار دەرھال يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، يېمەك - ئىچمەكنىڭ سۇيۇق - سەلەڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، كۆكتات، مېۋە - چېۋە قاتارلىق سېللۇلوزا مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى، قەۋزىيەتتىن ساقلىنىشى، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش مەھسۇلاتلىرىنى ئاز ئىستېمال قىلىشى، تاماكا ۋە ھاراققا چەك قويۇشى كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش ئاشقازان - ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىپ، چوڭ تەرەتنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىغا ياردەم بېرىپ، مونچاق گۆش شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
قوللاش شۇنچىلىك ئاددى ئەڭ ئاستىدىكى بەلگىسىنى بېسىپ قويارسىز، رەھمەت!
قان تىپىڭىزغا يوشۇرۇنغان بۇ سىرلارنى بىلەمسىز؟
قان تىپى ئادەتتە A ، B، AB، O دەپ، تۆت خىل تىپقا ئايرىلىدۇ. قان تىپى ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنىڭ ھەر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
سىز ئەلداۋا ساغلاملىق ئۈندىدار سالونىنى قوشۇپ، قان تىپىڭىزغا ماس بولغان ھەرپلەر A ، B، AB، O دىن تاللاپ سالونغا يوللىسىڭىز، ئەلداۋا سىزگە شۇ خىل قان تىپىدىكى كىشىلەر ئوڭاي گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىكلەر، ئۇلارنىڭ خاراكتېرى، دىققەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش كۆرسەتمىسى، ئورۇقلاش ئۇسۇلى، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش يېتەكچىسىنى يوللاپ بېرىدۇ.
سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ تەرەقىياتىمىز
ئۇيغۇرچە ئەڭ نوپۇزلۇق ساغلاملىق تورى
ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئورگان ئۈندىدار سالونى
روھىي، جىسمانىي، جىنسىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئەلداۋادىن تاپالايسىز...
ئېلان مۇلازىمەت ئۈندىدارى
kedirle55