ئەينى يىللاردىكى ئافرىقىدىكى ئورۇق بالا ھازىرمۇ ئېسىڭىزدىمۇ؟

文摘   2024-12-14 20:37   新疆  

ئافرىقا تىلغا ئېلىنسىلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا نامراتلىق كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەمىشە نۇرغۇن بالىلار ئافرىقىنىڭ كوچىلىرىغا تاشلىۋېتىلىدۇ ياكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇلارنى بېقىشقا قۇربى يەتمەيدۇ، ۋە ياكى باشقىلار تەرىپىدىن بالا پېرىخون دەپ قارىلىپ ئىگە چاقىسىز قالىدۇ، ئىلگىرى توردا نام چىقارغان سۇ ئىچىۋاتقان ئورۇق ئوغۇل بالىمۇ شۇلارنىڭ بىر ئەزاسى ئىدى، ئۇنداقتا ئارىدىن شۇنچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئۇ ھازىر قانداقراق تۇرۇۋاتقاندۇ؟

بۇ بالىنى ئەينى يىللاردا ئائىلىسىدىكىلەر بالا پېرىخون دەپ قاراپ جىن قوغلاش مەغلۇپ بولدى دەپ تاشلىۋەتكەن ئىدى، بۇ سۈرەتكە چۈشۈشتىن ئىلگىرى ئۇ كوچىدا سەككىز ئايدىن ئارتۇق سەرسان بولۇپ يۈردى، ئۇ پەقەت يولدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلىرى ۋە كوچا بويىدىكى ئەخلەتلەرگە تايىنىپلا ھايات ساقلاپ كەلدى، ھېچكىم ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشنى خالىمايتتى، بۇ «پېرىخون بالا» نىڭ بەختسىزلىك ئېلىپ كېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى.

لېكىن ئاخىرىدا بۇ ئوغۇل بالا بىر ياخشى ئادەمگە ئۇچرىدى، ئۇ دەل دانىيەلىك لوۋىن ئىدى. شۇ چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسلىگىنىدە لوۋېننىڭ كۆڭلى يەنىلا ئىنتايىن يېرىم بولاتتى، ئۇ ماشىنىدىن چۈشۈپلا ئورۇقلاپ كەتكەن بىر ئوغۇل بالىنى كۆردى، ئىككى ياشلىق بۇ بالىنىڭ تۇرقى مۇشۇنداق ھالەتتە ئىدى، يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى بۇ «پېرىخون بالا» غا يېقىنلاشماسلىققا ئاگاھلاندۇردى، لېكىن لوۋېن بۇلارغا ئىشەنمەي بالىنى كۆتۈرۈپ يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاتتى.

لوۋېن يەنە بۇ بالىغا «ئۈمىدHOPE» دەپ ئىسىم قويدى. ئارىدىن ئالتە يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئەلۋەتتە بۇ ئورۇق بالا ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى بىلەن سالامەتلىكى تېز ئەسلىگە كەلدى، يەنە كېلىپ بارا-بارا سەمىرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە لوۋېن يەنە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەينى يىلدىكىگە ئوخشاش سۇ ئىچكۈزۈپ سۈرەتكە چۈشتى. بۇ سۈرەت ھەقىقەتەن ئادەمنى قاتتىق ئويغا سالىدۇ.

بۇنىڭغا قارىتا تورداشلارمۇ بەس-بەستە غۇلغۇلا قىلىشتى، نۇرغۇن تورداشلار لوۋېننىڭ ئاق كۆڭۈللۈكىدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى، ئورۇقلاپ كەتكەن بۇ ئوغۇل بالىنىڭ ئەينى چاغدىكى قىياپىتى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىدۇ. يەنە بەزى تورداشلار مۇنداق دېدى: بۇ ئوغۇل بالا ناھايىتى تەلەيلىك ئىكەن، ئۇنىڭ ساغلام چوڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

Sirlar
سىرلىق ئىشلار ، ئالەمدىكى يىشىلمىگەن سىرلار ، سىرلىق تەبىئەت ھادىسىلىرى ، ئەڭ يېڭى بايقاشلار سىرلار سالۇنىمىزدا
 最新文章