ئوغۇللار ھەر قانچە قىلسىمۇ كۆڭۈل بەرمەيدىغان تۆت تۈرلۈك قىز

文摘   2024-12-13 21:04   新疆  

بەزىلەر ھاياتىڭىزغا كىرگەندە سىزگە بەخت ئاتا قىلسىمۇ، ئاخىرىدا سىزنى ئېغىر ئازابغا قويۇپ ھاياتىڭىزدىن چىقىپ كېتىدۇ، ئادەم ئازابلىنىپ باققاندىن كېيىن ھەقىقىي چوڭ بولىدۇ، تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل قىز دەل سىزنى ئازابلايدىغانلاردۇر، سىز ئۇلار ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلىگەن بىلەنمۇ ئۇلار سىزنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرمەيدۇ.

1.مال-دۇنياغا ھېرىسمەنلەر

شۆھرەتپەرەسلىك ھېسسىياتى ھەربىر ئىنساندا بولىدۇ، ئىنسانلار ئارىسىدا ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇش بولىدىكەن ئەلۋەتتە شۆھرەتپەرەسلىك بولىدۇ، ئادەتتە ئاياللارنىڭ شۆھرەتپەرەسلىك تۇيغۇسى ئەرلەرنىڭكىدىن كۈچلۈكرەك بولىدۇ، ئاياللار شۆھرەتپەرەس بولسا بولىدۇ لېكىن مال-دۇنياغا ھېرىسمەن بولۇپ قالسا بولمايدۇ، مال-دۇنياغا ھېرىسمەن ئاياللار ھەممە ئىشنى مال-دۇنيا بىلەن ئۆلچەيدۇ، مۇھەببەتلەشكەندىمۇ مال-دۇنيانىلا كۆرۈپ قارشى تەرەپكە ھەقىقىي سۆيگۈسىنى بەرمەيدۇ.

2. ئالا كۆڭۈللەر

مۇھەببەت ئىككى ئادەمنىڭ ئىشى، ئۈچىنچى ئادەم پەيدا بولغاندىن باشلاپ مۇھەببەت بۇزۇلىدۇ، ئەگەر قىزلار ئالا كۆڭۈل بولۇپ كۆڭلىدە سىزدىن باشقا ئادەم بولسا، سىزگە باشتا قىزىققاندەك قىلغان بىلەن لېكىن سىز بىلەن بىر ئۆمۈر ئۆتەلمەيدۇ، ئۆزىنىڭ ئالا كۆڭۈللىكى كۆزىگە كۆرۈنمەي باشقا ھەر خىل باھانىلەرنى تېپىپ سىزدىن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولىدۇ، بۇنداق ناچار قىزلار سىزنى ھەرگىزمۇ چىن دىلىدىن سۆيمەيدۇ.

3. شەخسىيەتچىلەر

مۇھەببەت ئادەمنى شەخسىيەتچى قىلىپ قويىدۇ، مۇھەببەت ئىككەيلەننىڭ بىر-بىرىگە كۆيىنىشى ئاستىدا داۋاملىشىدۇ، سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان قىز سىز ئۈچۈن بەدەل تۆلەشتىن يانمايدۇ، پەقەت مۇھەببىتىڭىزگە ئېرىشىشنى ئويلايدۇ، لېكىن سىزنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرمەيدىغان قىز بولسا ھەممە ئىشتا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى ئويلايدۇ، ئۆزىنىڭ نېمىلەرگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى، نېمىلەردىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ، ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنى پەقەت ئۆزى ھەرگىزمۇ سىز ئەمەس.

4. گۇمانخورلار

ئوغۇللار قىزلارنىڭ ئەتتىگەندىن-كەچكىچە كىچىك ئىشلار سەۋەبىدىن جېدەل چىقىرىشىدىن بەكلا بىزار بولىدۇ، گۇمانخور قىزلار بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ئوغۇللار بەكلا چارچاپ كېتىدۇ، پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تەرەپكە مۇھەببىتىنى بەرسىمۇ قىزنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.

ئوغۇللار ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەيمەن، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن دەيدىكەن جۈپتىنى چوقۇم توغرا تاللىشى كېرەك، جۈپتىڭىز چىرايلىق بولمىسىمۇ بولىدۇ لېكىن چوقۇم سىزنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدىغان بولۇشى كېرەك.

Sirlar
سىرلىق ئىشلار ، ئالەمدىكى يىشىلمىگەن سىرلار ، سىرلىق تەبىئەت ھادىسىلىرى ، ئەڭ يېڭى بايقاشلار سىرلار سالۇنىمىزدا
 最新文章