بۇنىڭدىن 400 مىليون يىل ئىلگىرى ئۇ يەر شارىدىكى ئەڭ زومىگەر ئىدى

文摘   其他   2024-11-27 19:01   新疆  

ھازىر يەر شارىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر يۇلتۇز ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان ، ئىنسانلاردىن باشقا يەنە يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ تۈرلىرى ئىنتايىن كۆپ ، ئەمما نەچچە يۈز مىليون يىل ئىلگىرىكى يەر شارى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، يەنىلا ناھايىتى زور پەرق بار مەسىلەن ، بۇنىڭدىن 400 مىليون يىل ئىلگىرى يەر شارىنىڭ مۇھىتى ھازىرقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ھەر خىل ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياشىشىغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ ، ھەتتا ئوكسىگېن مىقدارىمۇ ھازىرقىدىن %20 يۇقىرى بولۇپ نۇرغۇن ھايۋانلارنىڭ تەن شەكلى ئىنتايىن چوڭ ئىدى ، مەسىلەن ھازىرقى ئەتراپىمىزدا ياشاۋاتقان كىچىك سەكسەنپۇتنىڭمۇ ئەينى چاغدىكى ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 34 مېتىر كېلەتتى .

ئەينى چاغدا سەكسەنپۇتنىڭ يەر شارىنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇپ قالغانلىقىنى ھېچكىم ئويلاپ يېتەلمەسلىكى مۇمكىن چۈنكى ئۇنىڭ تېنى ناھايىتى ئۇزۇن ، يەنە كېلىپ ئىككى ئۇچلۇق چىشى بار ، بىر تال ئوۋ ئوۋلىسىلا ئاغزىنى چىڭ بۇزۇلۇپ كېتىدۇ ، شۇڭا كۆپىنچە سەكسەنپۇت ئوۋ ئوۋلىغاندا ئۇنى چىشلەپ تۇرىدۇ قارشى تەرەپ تېخى نىمىش بولغىنىنى بايقىماستىنلا سەكسەنپۇتنىڭ گېلىدىن ئۆتۈپ بولىدۇ . ئەينى چاغدا دىنازاۋۇرلار تېخى تولۇق تەرەققىي قىلىپ يىتىلىپ بولالمىغان ، شۇڭا سەكسەنپۇتنىڭ ئالدىدا خۇددى موزاي چۈمۈلىدەك ئىدى .

پەقەت يەر شارى مۇھىتىنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ، سەكسەنپۇتنىڭ بەدەن شەكلى بارغانسېرى كىچىكلەپ ، ھۇجۇم قىلىش كۈچى تەدرىجىي ئاجىزلاپ كەتكەن ، مەيلى قەدىمكى سەكسەنپۇت بولسۇن ياكى ھازىرقى سەكسەنپۇت بولسۇن ، ھەممىسى ئىنتايىن قاراڭغۇ نەم جاينى ياخشى كۆرىدۇ . سەكسەنپۇت بىر خىل ئىنتايىن سەت ھايۋان بولۇپ ، ئادەم كۆرسە قورقۇپ يىراق تۇرغۇسى كېلىدۇ ، ھازىر يېزىلاردا سەكسەنپۇتنى كۆرگەندىن باشقا ، شەھەردە سەكسەنپۇتنىڭ سىماسىنى كۆرۈش ناھايىتى تەس بولۇپ قالدى ، يېزىلاردا بولسۇن ياكى شەھەرلەردە بولسۇن سەكسەنپۇتنى بىر دەسسەپ ئۆلتۈرۋەتكىلى بولىدۇ ، لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ، نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا سەكسەنپۇتنى كۆرۈپ قورقۇپ يىراقراق تۇرۇشنى ئويلايدۇ ، سەكسەنپۇتقا يېقىنلىشىشتىن قورقۇش بەلكىم ھەر خىل تەبىئىي جانلىقلار تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا ، بىر خىل گېن ۋە قان سېستىمىسىنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىش سەۋەبىدىن بولغان بولىشى مومكىن ، خۇددى ئەمدىلا تۇغۇلغان يولۋاسقا ئوخشاش ناھايىتى كۈچلۈك سۈرلۈك بىرخىل كۈچى بولۇشى مۇمكىن .

بىراق سەكسەنپۇتنىڭ بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىدىن ھەقىقەتەن ھەيران قالماي تۇرالمايمىز ، بۇ ھەم دۇنيادا ئۆزگەرمەيدىغان نەرسىنىڭ يوقلۇقىنى چۈشەندۈرىدۇ . ئىنسانلار ھازىر گەرچە يەر شارىدىكى ھۆكۈمرانى بولۇپ قالغان بولسىمۇ ، لېكىن ئىنسانلار داۋاملىق كەمتەرلىك بىلەن تىرىشىپ يەرشارىنى ئاسرىغان ھالەتتە ئالغا ئىلگىرلىمىسە تەبىئەت تەرپىدىن شاللىنىپ ئورنىغا يېڭى بىر خىل تۈر ھۆكۈمران بولۇشى مومكىن . سىلەرچۇ قانداق ئويلايسىلەر ؟ ئاستىدىكى ئىنكاس رايۇنىغا ئىنكاس يېزىپ ئۆزۈڭلارنىڭ ئويلىغانلىرىنى يېزىپ بېقىڭلار ، ھەرخىل كۆز قاراشلاردىن كۆپچىلىك تەڭ بەھىرلىنىمىز . سىرلار سالۇنى ھەر ۋاقىت سىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ ، مەزمۇن يارىغان بولسا چەمبىرەككە چىقىرىپ دوسلىرىڭىز بىلەن ئورتاق بەھىرلىنىڭ .

Sirlar
سىرلىق ئىشلار ، ئالەمدىكى يىشىلمىگەن سىرلار ، سىرلىق تەبىئەت ھادىسىلىرى ، ئەڭ يېڭى بايقاشلار سىرلار سالۇنىمىزدا
 最新文章