سىز مەڭگۈ ئاياغ باسالمايدىغان 7 چوڭ گۈزەل جاي .

文摘   其他   2024-12-19 19:00   新疆  

تەبىئەت دۇنياسى نۇرغۇنلىغان سىرلارغا ھەم گۈزەللىككە تولغان ، گەرچە ئۇ جايلار ئىنتايىن گۈزەل بولسىمۇ ئەممە بەزى يەرلەرگە بىز بىر ئۆمۈر قەدەم باسالمايمىز .

1-بىرازىلىيە يىلان ئارىلى

يىلان ئارىلى برازىلىيەنىڭ دېڭىز قىرغىقىغا ئانچە يىراق بولمىغان بىر كىچىك ئارال بولۇپ ، بۇ يەردە ياشايدىغان يىلانلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن باشلىق بەلباغقا تەۋە ، زەھەرلىك سۇيۇقلۇقى ئىنتايىن كۈچلۈك . ئىگىلىنىشىچە ، بۇ يەردىكى يىلانلار باشقا جايلاردىكى يىلانلارغا قارىغاندا ئادەمنى تېخىمۇ كۆپ ئۆلتۈرەلەيدۇ . شۇڭا ، باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ، يىلان ئارىلىغا ئاممىنىڭ كىرىشى مەنئى قىلىنغان ، ئالىملار ۋە تەتقىقاتچىلار بۇنىڭ سىرتىدا . 

2-فىرانسىيە لاسكو ئۆڭكۈرى

لاسكونىڭ 600 پارچىدىن ئارتۇق كونا تاش قورال دەۋرىدىكى تام رەسىملىرى بار ، بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا ، بۇ تام رەسىملىرى 20 مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە . بۇ تام رەسىملىرىدە ئەركەك بۇغا ، ياۋا كالا قاتارلىق چوڭ ھايۋانلار تەسۋىرلەنگەن . 

1953 - يىلى ھەر كۈنى مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالاتتى ، ساياھەتچىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرەپ 1963 - يىلى ئۆڭكۈرىنى تاقىۋەتكەن ، پەقەت ئاز ساندىكى تەتقىقاتچىلارلا بۇ يەرگە كىرەلەيدۇ . 

3-ئامېرىكىنىڭ شىمالىي قېرىنداشلار ئارىلى

ئامېرىكا مانخاتتاننىڭ ئانچە يىراق بولمىغان يېرىدە بىر سىرلىق ئارال بار بولۇپ ، تاشلىنىپ قالغىنىغا 60 يىلغا يېقىن بولغان ، ئۇ بولسىمۇ شىمالىي قېرىنداشلار ئارىلى .

شىمالىي قېرىنداشلار ئارىلى ئىلگىرى خېبىن دوختۇرخانىسى تۇرۇشلۇق جاي بولۇپ ، كۆپ يىللاردىن بۇيان بۇ دوختۇرخانا نۇرغۇن ئۆلۈم ، ھالاكەتكە شاھىت بولغان . 19 - ئەسىردە سېرىق قىزىتما ۋە سۇ چېچىكى بىمارلىرى ئايرىۋېتىلگەن جاي قىلىنغان . 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنىڭ تۇرالغۇسى قىلىنغان ، كېيىن يەنە زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ داۋالاش مەركىزى قىلىنغان . كېيىن بۇ دوختۇرخانا قۇشلارنى قوغداش رايونىغا ئايلاندى ، پەقەت شەھەر باغچىسى ۋە كۆڭۈل ئېچىش تارماقلىرىنىڭ ئىنتايىن قاتتىق يازما ئىجازىتىگە ئېرىشكەندىلا ، ئاندىن بۇ ئارالغا كىرەلەيسىز . 

4-ئامېرىكىلىق نىخاۋ

ھاۋايغا جايلاشقان نىخاۋ ئارىلى سىرلىق « چەكلەنگەن ئارال » ھېسابلىنىدۇ . قۇياش ئولتۇرغاندا ، بۇ ئارالنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى ئاستا ـ ئاستا نامايان بولىدۇ . 19 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدىن باشلاپ ، بۇ ئارالنى روبىنسون جەمەتى سېتىۋالغان ، بۇ ئارالغا پەقەت ھاۋايدىكى ئەسلىدىكى ئاھالىلەرلا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ ، ساياھەتچىلەرنىڭ كىرىشى مەنى قىلىنغان .

5-ئەنگلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ ياتاق ئۆيى

بۇككىنخام ئوردىسى 1837- يىلىدىن باشلاپ ئەنگلىيىنىڭ تۇرۇشلۇق جايىغا ئايلانغان ، ئادەتتە ئۇنىڭ ئۆيى ۋە گۈللۈكى جامائەتكە ئېچىۋېتىلىدۇ ، ساياھەتچىلەر ئەركىن ساياھەت قىلالايدۇ ، لېكىن ئەنگلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ ياتاق ئۆيىنى مەڭگۈ ئېكسكۇرسىيە قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ . 

6-ئامېرىكا كوكاكولا رېتسىپى سۇغۇرتا ئامبىرى

كوكاكولا رېتسېپىنى دۇنيادىكى ئەڭ مۇتەئەسسىپ سىرلارنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ . ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، پەقەت ئىككىلا ئادەم بۇ رېتسېپنى بىلىدىكەن ھەمدە بۇ ئىككى ئادەم بىر ئايروپىلاندا مەڭگۈ بىرلا ۋاقىتتا ئولتۇرمايدىكەن ، ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن قورقىدىكەن . 

ئاپەت يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، رىۋايەتلەردىكى سىرلىق رېتسىپ ئاتلانتادىكى بىر سۇغۇرتا ئامبىرىدا ساقلانغان . بۇ رايوندا 24 سائەت قوراللىق مۇھاپىزەت قىلىدىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش كامېراسى بار بولۇپ ، پەقەت قولدا سكاننېرلاش ۋە مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزگەندىلا ئاندىن دەرۋازىنى ئاچقىلى بولىدۇ .

7-نورۋېگىيە خەلقارا ئۇرۇق ئامبىرى

خەلقارا ئۇرۇق ئامبىرى دەپ ئاتالغان بۇ جايغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 4000 خىل ئۇرۇقتىن 890 مىڭ نۇسخا ئەۋرىشكە يىغىلغان . بۇ سۇغۇرتا ئامبىرىنىڭ لايىھىلىنىشى بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان ئاپەتلەر يۈز بەرگەندە ، سۇغۇرتا بىلەن تەمىنلەش ، تېخىمۇ مۇھىمى ئاساسلىق يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت . بۇمۇ چەكلەنگەن رايۇن .

سىرلار سالۇن

Sirlar
سىرلىق ئىشلار ، ئالەمدىكى يىشىلمىگەن سىرلار ، سىرلىق تەبىئەت ھادىسىلىرى ، ئەڭ يېڭى بايقاشلار سىرلار سالۇنىمىزدا
 最新文章