تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 48 ياشقا كىرگەن راچېل ئېۋانس ئەنگلىيەدىكى يېشى ئەڭ چوڭ «راست باربى» بولۇپ، ئۇ باربى قونچاق ئوبرازىنى ساقلاش ئۈچۈن 105 قېتىم ھۆسن تۈزەتكەن، شۇنداقلا بۇنىڭ ئۈچۈن 32 مىڭ فوندستېرلىڭ (280 مىڭ يۈەن) سەرپ قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، ئۇ ھۆسن تۈزىتىشتە رېكورت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ، 50 ياشتىن بۇرۇن ئەنگلىيەدىكى ھۆسن تۈزىتىش سانى ئەڭ كۆپ ئادەمگە ئايلانماقچى بولغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «يۈزۈمنىڭ باربى قونچاقتەك كۆرۈنۈشى ئۈچۈن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ھۆسن تۈزىتىپ كەلدىم، بۇ مېنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلۇم. گەرچە 50 ياشقا كىرەي دەپ قالغان بولساممۇ، لېكىن ئىزچىل 30 ياشلىق ھالىتىمنى ساقلىيالايمەن، نىشانىم دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل ھۆسن تۈزەتكەن چىراينىڭ بىرىگە ئايلىنىش ھەمدە ئەڭ مۇكەممەل راست باربىغا ئايلىنىش.»