ئەر قوڭۇر ئېيىقنىڭ تىلىنى چىشلەپ ئۈزۈۋېلىپ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالدى

文摘   2024-12-16 20:59   新疆  


رۇسىيىلىك بىر ئەر يېقىندا سىبىرىيىنىڭ چەت يېرىگە جايلاشقان ئورمانلىقتا قوڭۇر ئېيىقنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، بۇ ئەر جىددىي پەيتتە ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ، قوڭۇر ئېيىقنىڭ تىلىنى چىشلەپ ئۈزۈۋەتكەن ھەم پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قوڭۇر ئېيىقنىڭ ئالقىنىدىن قېچىپ قۇتۇلغان.

«بۈگۈنكى رۇسىيە» گېزىتى ۋە رۇسىيە سۈنئىي ھەمرا ئاگېنتلىقى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ ئۇنۋېرسال خەۋىرىگە قارىغاندا، سىبىرىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان تۇۋا جۇمھۇرىيىتىدىكى بىر ئەر ئۆزىگە ھۇجۇم قىلغان قوڭۇر ئېيىقنى قورقۇتۇپ قاچۇرۇۋەتكەن شۇنداقلا قوڭۇر ئېيىقنىڭ تىلىنىڭ بىر قىسمىنى چىشلەپ ئۈزۈۋالغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ۋەقە 6-ئاينىڭ 2-كۈنى يۈز بەرگەن بولۇپ، 30 ياشقا كىرگەن نىكولا (Nikola) ئىسىملىك ئەر 10 كۈن ئىلگىرى دوستلىرى بىلەن بىللە سىبىرىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئورمانلىققا بۇغا مۈڭگۈزى يىغقىلى بارغان. نىكولا شۇ كۈنى چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن دوستى بىلەن بۆلۈنۈپ يولغا چىققان ھەم ئۆزى يالغۇز ھالدا يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ ماڭغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نىكولا مۇشۇ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمانلىقتا ئويلىمىغان يەردىن يىرتقۇچ ھايۋان-قوڭۇر ئېيىققا ئۇچراپ قالغان.

سىبىرىيە قوڭۇر ئېيىقىنىڭ ئېغىرلىقى ئادەتتە 600 كىلوگىرام ئەتراپىدا كېلىدىغان بولۇپ، ئۇ قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنى خۇددى لاتىنى يىرتقاندەك يىرتىپ پارە-پارە قىلىۋىتەلەيدىغان يىرتقۇچ ھايۋان، شۇڭلاشقا كىشىلەر ئادەتتە سىبىرىيە قوڭۇر ئېيىقىنىڭ ھۇجۇمىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. نىكولا ئەينى چاغدا بۇ قوڭۇر ئېيىقنى كۆرگەندىن كېيىن قاتتىق چىرقىراپ ئۇنى قورقۇتۇپ قاچۇرۇۋەتمەكچى بولغان، لېكىن ئۇنىڭ بۇ «ئامالى» ئويلىغاندەك ئۈنۈم بەرمەي ئەكسىچە ئۈنۈم بەرگەن، قوڭۇر ئېيىق نىكولانىڭ چىرقىراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ ئۇچقاندەك ئېتىلىپ كېلىشكە باشلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نىكولا قوڭۇر ئېيىق بىلەن ئېلىشىش جەريانىدا پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئېيىقنىڭ تىلىنى چىشلەپ ئۈزۈۋەتكەن، قوڭۇر ئېيىق نىكولانىڭ قورقۇپ قالماستىن ئەكسىچە ئۆزىگە قايتۇرما ھۇجۇم قىلغانلىقىنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتكەن ھەم كەينىگە چېكىنىپ قېچىپ كەتكەن.

نىكولا قوڭۇر ئېيىق قېچىپ كەتكەندىن كېيىن ئىككى دوستىغا تېلىفون قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلغان. دوستلىرى پۈتۈن بەدىنى يارىلانغان نىكولانى قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا سېلىپ دوختۇرخانىغا ئاپارغان، دوختۇرلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، نىكولانىڭ ھاياتى قۇتقۇزۇۋىلىنغان. نىكولا نۆۋەتتە دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانماقتا.

لېكىن ئىش بۇنىڭلىق بىلەن تۈگەپ قالمىغان، نىكولا گەرچە قوڭۇر ئېيىقنىڭ ئالقىنىدىن قېچىپ قۇتۇلغان بولسىمۇ، لېكىن قانۇننىڭ جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. ئىگىلىنىشىچە، نىكولا بىلەن دوستلىرى ئورمانلىقتا تاماق ئېتىپ يېيىش جەريانىدا ئورمانلىققا ئوت قويۇۋەتكەن، ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلارنىڭ ئورمانلىقتا بۇغا مۈڭگۈزى يىغىش قىلمىشى قانۇنسىز قىلمىش بولۇپ ھېساپلىنىدىكەن. تۇۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش قانۇنىغا ئاساسەن، نىكولا بىلەن دوستلىرىغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 5000 رۇبلى (تەخمىنەن 535 يۈەنگە تەڭ) جەرىمانە قويۇلىدىكەن.

نۆۋەتتە ساقچى تارماقلىرى بىكولا بىلەن دوستلىرىنىڭ ئورمانلىقتا قانۇنسىز بۇغا مۈڭگۈز يىغىش قىلمىشىنى ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئەرز سۇنغان.

بۇ ئىش ئالاقە تورىغا چىقىرىلغاندىن كېيىن تورداشلارنىڭ كۈچلۈك غۇلغۇلىسىنى قوزغىغان. بەزى تورداشلار نىكولا ئىسىملىك ئەرنىڭ جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇغان، يەنە بەزى تورداشلار تىلى چىشلەپ ئۈزۈۋىتىلگەن قوڭۇر ئېيىققا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سىز بۇ ئىشقا قانداق قارايسىز؟

Sirlar
سىرلىق ئىشلار ، ئالەمدىكى يىشىلمىگەن سىرلار ، سىرلىق تەبىئەت ھادىسىلىرى ، ئەڭ يېڭى بايقاشلار سىرلار سالۇنىمىزدا
 最新文章