ئىسلاندىيەنىڭ غەربىدىكى بىر دېڭىز ساھىلىدا 50 نەچچە كىتنىڭ جەسىتى بايقالدى .
ئەنگىلىيە « ئەينەك گېزىتى » نىڭ 21 - ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، 18 - ئىيۇلدا تىك ئۇچار ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلغان ساياھەتچىلەر بۇ جەسەتلەرنى بايقىغان .
بۇيەردە تەخمىنەن 50 دانە كىت جەسىتى بايقالغان بولۇپ شۇنچە كۆپ كىتنىڭ بۇيەردە ئۆلۈپ قالغانلىقى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرىدۇ .
ئىگىلىنىشىچە بۇ كىتلار دېڭىز قىرغىقىغا يېقىنلاشقاندا دېڭىز سۈيى ئۇلارنى قىرغاققا چىقىرىپ قويغان .
يول باشلىغۇچى كىت يەنە « يوغان باش كىت » دەپمۇ ئاتىلىدۇ . يول باشلىغۇچى كىتنىڭ ھازىرقى سانى ئېنىق ئەمەس ، لېكىن نەسلى قۇرۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرماقتا دەپ قارىلىپ كەلمەكتە ، ھازىر تەخمىنەن 1 مىليون دانە ئۇزۇن پۇتلۇق يول باشلىغۇچى كىت ۋە 200 مىڭ دانە قىسقا پۇتلۇق يول باشلىغۇچى كىت بار ، ئۇلار ئاساسلىقى تىنچ ئوكيان ، ھىندى ئوكيان ، ئاتلانتىك ئوكيان قاتارلىق ئىسسىق بەلباغ ، مۆتىدىل بەلباغ دېڭىز تەۋەسىدە ناھايىتى ئاز ھەرىكەت قىلىدۇ ، جۇڭگودا پەقەت شەرقىي دېڭىز ۋە تەيۋەن ئۆلكىسى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدىلا ياشايدۇ .
سىرلار سالۇن