يېقىندا ئىككى ئەر ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان ئاق رەڭلىك شىر يولۋاس (ئىزاھ: ئەركەك شىر بىلەن چىشى يولۋاستىن تۇغۇلغان شالغۇت تۈر) نى يېتىلىگەن ھالدا ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتىدىكى دېڭىز ساھىلى ئەتراپىدا پەيدا بولغان بولۇپ، بۇ شىر يولۋاسنىڭ يەڭگىل قەدەم تاشلاپ يۈرگەن سۈرلۈك ھالىتى تورداشلارنىڭ قىزغىن بەس-مۇنازىرىسىنى قوزغىغان. تونۇشتۇرۇلۇشىچە،بۇ ئاق شىر يولۋاسنىڭ ئىسمى «ئاپوللو» بولۇپ، گەرچە ئېغىرلىقى 320 كىلوگىرام كېلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىككى ئەرنىڭ ئالدىدا خۇددى مۈشۈكتەك ناھايىتى رايىش ھەم مۇلايىم ھالەتتە يۈرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل بەش ياشقا كىرگەن ئاپوللو ئاق رەڭلىك ئەركەك شىر بىلەن ئاق رەڭلىك چىشى يولۋاستىن تۇغۇلغان شالغۇت بولۇپ، 2013-يىلى 12-ئايدا ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتىدا تۇغۇلغان. ئىگىلىنىشىچە، ئەينى چاغدا ئەركەك شىر بىلەن چىشى يولۋاستىن تۇغۇلغان تۆتكېزەكلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كىچىكى بولغان ئاپوللونىڭ مىجەز-خۇلقى ناھايىتى رايىش ھەم مۇلايىم بولۇپ، ئۇ خۇددى مۈشۈكتەك خورۇلدىغان ئاۋاز چىقىرىشنى شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ دۈمبىسىنى سىيلاپ ئەركىلىتىشىنى ياخشى كۆرىدىكەن.
تورغا چىقىرىلغان ۋېدىئودا ھايۋاناتلارنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ھايۋانات كۆندۈرگۈچى مايك بىلەن كېدنىڭ ئاپوللونى چىملىقتا يېتىلەپ ئايلىنىپ يۈرگەنلىكى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، گەرچە ئاپوللونىڭ جۇغى شۇنچە چوڭ بولسىمۇ، لېكىن يۇۋاش-يۇمشاق ۋە رايىش كەلگەن ئاپوللو مايك بىلەن كېدنىڭ كەينىدىن چىقماي ئەگىشىپ يۈرەتتى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىر يولۋاس 19-ئەسىرلەردە پەيدا بولغان شالغۇت تۈر بولۇپ، تەبىئەت دۇنياسىدا شىر بىلەن يولۋاسنىڭ قونالغۇسى ئادەتتە ئاسانلىقچە بىر يەرگە كېلىپ قالمايدىغان بولغاچقا، كۆپ ساندىكى شىر يولۋاسلار ئىنسانلارنىڭ سۈنئىي كۆپەيتىشى ۋە قەپەزدە بېقىشى ئارقىلىق تۇغۇلغان. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 1000 غا يېقىن شىر يولۋاس بار بولۇپ، ئاق رەڭلىك شىر يولۋاس ناھايىتى كەم ئۇچرايدىكەن. مايك بىلەن كېدنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپوللو كۈنىگە توققۇز كىلوگىرامدىن جىقراق گۆش يەيدىكەن.