دۇنيادا ھەر خىل ھەر ياڭزا غەلىتە ئىشلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئەنگلىيە «ئەينەك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدىكى كەيتى ئىسىملىك ئايال كىشىلەر تەرىپىدىن «نەس باسقان كېلىنچەك»دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ ئايال ناھايىتى غەلىتە ئىشقا ئۇچرىغان، كەيتى ئىسىملىك ئايال ھاياجان ئىلكىدە توي قىلىۋاتقاندا، دادىسى بىلەن ئوغلى ئويلىمىغان يەردىن تەڭلا قازاغا ئۇچرىغان، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بۇ ئايالنى تىللاپ-ھاقارەتلەپ، ئۇنىڭغا «نەس باسقان كېلىنچەك» دەپ لەقەم قويۇپ قويغان.
بۇ غەلىتە ئىش 2012-يىلى 11-ئايدا يۈز بەرگەن بولۇپ، كەيتى ھاياجان ۋە بەخت ئىلكىدە تويىنى قىلغان. ئۇ تويىغا ئالدىراپ ئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولغان بوۋىقىنى 62 ياشقا كىرگەن دادىسى كولىننىڭ قاراپ قويۇشىغا تاشلاپ قويۇپ كەتكەن. نەتىجىدە، كولىن بوۋاقلار ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ كېتىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ يىقىلىپ چۈشكەن، نەتىجىدە، كولىن بوۋاقلار ھارۋىسىنى تۇتۇۋالماقچى بولغاندا، ھارۋىمۇ ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ بوۋاقمۇ ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ئاخىرىدا، كەيتىنىڭ دادىسى بىلەن ئالتە ئايلىق ئوغلى تەڭلا ئۆلۈپ كەتكەن، شۇ جايدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەر دەرھال ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان، ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ بوۋاي بىلەن بوۋاقنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئىزدەشكە باشلىغان. كەيتىمۇ دادىسىنىڭ تويغا ئۈلگۈرۈپ كېلەلمىگەنلىكىنى بايقاپ دەرھال ئۇلارنى ئىزدەشكە باشلىغان، نەتىجىدە، دادىسى بىلەن ئوغلىنىڭ كۈتۈلمىگەن قازاغا ئۇچراپ ئاللىقاچان جان ئۈزگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.
كىشىلەر بۇ ئىشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كەيتىنى شۇملۇق ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارىغان، نەتىجىدە، ئۇنىڭ لايىقى توم سۇتتېرمۇ خۇراپاتلىققا ئىشىنىپ كەيتىدىن ئايرىلىپ كەتكەن. بۇ ئىشلاردىن كۆڭلى سۇنغان كەيتى چەتئەللەردە ساياھەت قىلىش سەپىرىنى باشلىغان، كېيىن ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىنى كىتاب قىلىپ يېزىپ چىققان، ئويلىمىغان يەردىن، ئۇنىڭ كىتابى ناھايىتى بازارلىق كىتابقا ئايلانغان، كېيىن جون ئىسىملىك مۇخبىر كەيتىنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، ھازىر بۇ ئىككىسى ناھايىتى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.