بەزىدە باشقىلار قولتۇقىمىزنى قىچىقلىسا قىچىقىمىز كېلىپ تېلىقىپ كۈلۈپ كېتىمىز، ئەمما ئۆزىمىز قولتۇقىمىزنى قىچىقلىساق ئۇنچە بەك قىچىقىمىز كەلمەيدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟
ئالدى بىلەن قولتۇقىنى قىچىقلىسا نېمىشقا قىچىقى كېلىدىغانلىقىنى، قىچىقى كەلگەندىن كېيىن نېمىشقا تېلىقىپ كۈلۈپ كېتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەيلى. نۇرغۇن ئالىملار قولتۇقىنى قىچىقلاشنى تېرىگە بولغان بىر خىل يېقىملىق سىلاش ھەرىكىتى دەپ قارايدۇ. چوڭ مېڭىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تۇيغۇسى خۇددى مەلۇم خېيىم-خەتەر يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغاندەك بولىدۇ، مەسىلەن، زەھەرلىك قۇرت ياكى زەھەرلىك يىلان تېرە ئۈستىدە ئۆمىلەپ ماڭغانغا ئوخشايدۇ. ئۇنداق ئىش ئەمەسلىكىنى بايقىغان ھامان، مېڭىدىكى پەيتلىك ھاسىل بولغان رېفلېكسلىق ۋەھىمە يوقايدۇ، شۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم ھالدا ئىختىيارىسىز كۈلۈپ كېتىدۇ. قانچە كۈچلۈك قىچىلىغانسېرى، ۋەھىمە تۇيغۇسى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ، ۋەھىمە تۇيغۇسى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، كۈلكىسىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ.
ئۇنداقتا ئۆزىنىڭ قولتۇقىنى قىچىقلىسا نېمىشقا قىچىقى كەلمەيدۇ؟ چۈنكى قولتۇقىنى ئۆزى قىچىقلىغاندا، ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق كۆرۈپ قويغان بولىدۇ، يەنى چوڭ مېڭە قول بارمىقىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈش بىلەن بىرگە، سىلىغاندا خەتەرگە ئۇچرىمايدىغانلىقىدەك بىر خىل سىگنالنى تارقىتىدۇ. خەۋپ-خەتەر يوقلىقىنى بۇرۇنلا بىلگەچكە، نېرۋا جىددىيلەشمەيدۇ، شۇڭا تېلىقىپ كۈلىدىغان ئىشمۇ بولمايدۇ.