ھاۋا بارغانچە ئىسسىپ كېتىۋاتىدۇ، كىيىملىرىمىزمۇ بۇرۇنقىدىن نېپىزلىدى، بوللىۋودنىڭ ئايال چولپانلىرى بۇنداق ئىسسىقتا قانداق سالقىندايدۇ، بىللە كۆرۈپ باقايلى، لىسا ھايدون بىزگە ئۆيدە ئولتۇرماي، دولقۇن تېيىلسىڭىزمۇ بولىدۇ دېگەننى ئەسكەرتىدۇ.
كىرىتى سانوننىڭ قارىشىچە سۇغا شۇڭغۇشمۇ بولىدىغان سالقىنداش ئۇسۇلى.
سۇغا شۇڭغۇيدىغان ئۈسكۈنە ئاۋارىچىلىقكەن دېسىڭىز سوناكشى سىنھادەك سۇغا چۈشسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن ئاپتاپتىن ساقلاش مېيى سۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
پارىنتى چوپرادەك تەملىك مۇز چوكا يېسىڭىزمۇ ئىچىڭىزدىن سالقىندايسىز.
ئېيمىي جېكسوندەك مۇز قوشۇلغان كوكۇسمۇ ياخشى تاللاش بولىدۇ.
ئېسىڭىزدە بولسۇن، مەيلى نەگە بېرىڭ، چوقۇم ئاپتاپ توسۇش كۈنلۈكىڭىز بولسۇن، سۈرەتتىكىدەك بېشىڭىزدىن چۈشۈرۈۋېتىپ قالماڭ.
كۈنلۈك بولمىسا سۇشمىتا سېندەك شارپىڭىزنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
بۇلار ھەممىسى بەك كارغا كەلمەيدۇ دېسىڭىز، تېخىمۇ چوڭراقنى سىناپ كۆرۈڭ، كاجال ئاگارۋالدەك مۇز ۋاننىسى ياسىسىڭىزمۇ بولىدۇ.