سىز بەلكىم بۇ خەۋەرنىڭ تېمىسىنى ئوقۇپ قاتتىق ھەيران قالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، لېكىن بۇ راستىنلا يۈز بەرگەن ھەقىقىي ۋەقە.
ھىندىستاننىڭ كارناتاكا ئىشتاتى (Karnataka) ئۇدۇپى (Udupi) دېگەن جايدا كىشىلەر «يامغۇر شاھى»نى خۇش قىلىش ئۈچۈن ئىككى پاقىنىڭ تويىنى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.
«بۈگۈنكى ھىندىستان»تورىنىڭ 10-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ خىل مۇراسىم موندوكا پارىنايا (Mandooka Parinaya) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، يەرلىك كىشىلەر مۇشۇنداق قىلغاندا يامغۇر ياغدۇرغىلى بولىدۇ دەپ قارايدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كارناتاكا ئىشتاتىنىڭ ئۇدۇپى دېگەن يېرىدىكى كىشىلەر ئۆتكەن نەچچە ئايدىن بۇيان قۇرغاقچىلىق دەردىنى يەتكۈچە تارتىپ سۇ قىس بولۇپ كىرىزىسىدىن ئېغىر ھالسىراپ كەتكەن، ئىگىلىنىشىچە، يېقىندىن بۇيان كۆرۈلگەن يۇقىرى تېمپىراتۇرىلىق ھاۋارايىدا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەن.
شۇ جايدىكى كىشىلەر بىر ئەركەك پاقا بىلەن يەنە بىر چىشى پاقىنى ئوخشىمىغان كەنتلەردىن ئەكەلدۈرۈپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى توي مۇراسىمىغا 100دىن ئارتۇق مېھمان قاتناشقان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ بىر جۈپ پاقىغا ئالاھىدە بۇيرۇتۇلغان «كىيىم» كىيدۈرۈلگەن بولۇپ، توي مۇراسىمىنىڭ بارلىق باسقۇچلىرى ھىندىستانلىقلارنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان.
تويغا قاتناشقان بىرەيلەن مۇنداق دېگەن:«كارسانكادىن كەلتۈرۈلگەن ئەركەك پاقىنىڭ ئىسمى ۋارۇن (Varun) بولۇپ، كىلاجىرىدىن كەلتۈرۈلگەن چىشى پاقىنىڭ ئىسمى ۋارشا (Varsha) ئىدى، بۇ ئىككى پاقىنىڭ تويى ھىندىستان ئەنئەنىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلدى».
تويدىن كېيىن، بۇ بىر جۈپ پاقا مانىپارا ئەتراپىغا «شېرىن ئاي» ئۆتكۈزۈشكە قويۇۋىتىلگەن.