يەرشارىدىكى جانلىقلار ئىچىدە ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسى ئەڭ تەرەققىي قىلغان بولۇپ بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلار چوڭ مېڭە بىلەن ئەقىل-پاراسەتنىڭ ئوخشاش بىر ئىش ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدۇ ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەر خىل ھايۋاننىڭ چوڭ مېڭىسى بار ، ئەمما پەقەت ئىنسانلارلا ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە ، ئۇ قانداق پەيدا بولغان ، ھەرىكەت مېخانىزمىنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى ھازىرچە ھېچكىم ئېنىق بىلمەيدۇ ئەمما ياشاش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت بولمىسا بولمايدۇ ، بىراق بىر قىسىم ھايۋانلاردا ھەتتا چوڭ مېڭىمۇ بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ھايات كەچۈرۋاتىدۇ .
320 مىليون يىل ئىلگىرى ، بىر خىل ئاجايىپ ھاشارات دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ھاياتىي كۈچى مۇتلەق كۆپ ساندىكى تۈرلەردىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن ، بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر كىشىلەر سۈۋەرەك ئەڭ ئۆزگىچە ئۇسۇل بىلەن دۇنيادا ياشايدۇ ، ئۇلار ھەر بىر مىللەت ، ھەر بىر دۆلەت ۋە رايوندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ، سۈۋەرەك چوڭ مېڭىگە موھتاج ئەمەس ، پەقەت تاماق يەپ نەپەس ئالسىلا كۇپايە قىلىدۇ .
دېڭىزدا ياشايدىغان بىر خىل جانلىق بولۇپ مەيلى تېيىز ساھىل ياكى ئون مىڭ مېتىر دېڭىز جىلغىسى بولسۇن ، ھەممىلا يەردە ھايات كەچۈرەلەيدۇ ، قەدىمكى ئوكيان دەۋرىدىلا پۈتكۈل سۇ رايونىغا تارقالغان بولۇپ ، ھازىرغىچە 600 مىليون يىلدىن ئاشتى ، بۇ خىل جانلىق دېڭىز ئادەمگىياھى بولۇپ ، ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسى يوق ، ئەمما نېرۋا توقۇلمىلىرى بار ، تۆۋەن دەرىجىلىك جانلىقلار تەپەككۇر قىلمىسىمۇ بولىدۇ ، ياشاش پۈتۈنلەي شەرتلىك رېفلېكسكە تايىنىدۇ دېڭىز ئاستىدا لەيلىمە جانلىقلار ۋە يۈسۈنلەرنى يېيىش ئارقىلىق ھايات كەچۈرسىلا بولىدۇ ، بۇ يەردە رىقابەت بېسىمى يوق ، شۇڭا ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ بولۇش بولماسلىقى ئانچە چوڭ مەسىلە ئەمەس .
650 مىليون يىل ئىلگىرى مېدۇزا دۇنياغا كەلگەن ، ھازىرغىچە نەچچە يۈز خىل مېدۇزا بار بولۇپ ، تېنى ئاساسەن سۈزۈك ، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى بىر قاراپلا ئېنىق كۆرەلەيدۇ ، ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ تۈزۈلۈشى ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ ، چوڭ مېڭىنىڭ سىغدۇرالايدىغان يېرى يوق ، مېدۇزا پۈتكۈل سۇ دائىرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە شاھىت بولغان ، ھەتتا دىنازاۋۇرلار كۆرۈنمەي تۇرۇپلا ، مېدۇزا دېڭىز - ئوكيانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان .
سەككىز ئاياقلىق سىياھ بېلىققا كەلسەك ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسى بار ، ئالىملار يەنە چوڭ مېڭىدە ئاز دېگەندە 500 مىليون نېۋرون بارلىقىنى ھېسابلاپ چىققان ، بىراق ئۇلار كاللىسىنى تەپەككۇر قىلىشقا ئىشلەتمەيدۇ ،بەلكى نۇرغۇن ئالدىن بىلىش ئىقتىدارىغا ئىشلىتىدۇ ، شۇڭا نۇرغۇن ھايۋانلار ئۇنىڭغا مەڭگۈ يىتەممەيدۇ ، بىراق ، سەككىز ئاياقلىق سىياھ بېلىق پەقەت سۇ تېمپېراتۇرىسى بەش گرادۇستىن ئېشىپ كەتكەن دېڭىز - ئوكيانلاردىلا ياشايدۇ ، تېمپېراتۇرا بەك تۆۋەن ياكى تۇزلۇق دەرىجىسى بەك تۆۋەن بولسا نەسلى قۇرۇپ كېتىدۇ ، نۇرغۇن كىشىلەر سەككىز ئاياقلىق سىياھ بېلىق يەر شارىدىكى جانلىقلار ئەمەس ، چۈنكى ئۇنىڭ كۆپ ساندىكى ھايۋانلار بىلەن بولغان پەرقى بەك چوڭ . نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار بەلكىم ئۇنى تاشقى پىلانېت ئادەملىرى يەر شارىغا سالغان ئىلمىي ئىزدىنىش تۈرى بولىشى مومكىن دەپ گۇمان قىلىدۇ .