بۇ يىلدىكى ئەڭ ئاخىرىقى نەچچە كۈنلۈك ئىللىق كۈنلەرنى قولدىن بەرمەڭ
شەرقىي جەنۇب شامىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە ئۈرۈمچىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃8 ئەتراپىدا ئۆرلەيدۇ، بىز پات ئارىدا 2024-يىلىنىڭ ئاخىرقى بىر نەچچە كۈنىنى ئىللىق تېمپېراتۇرىدا ئۆتكۈزىمىز. ئۈرۈمچىنىڭ كەلگۈسى نەچچە كۈنلۈك ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات.
بۇ ئىككى كۈندە ئۈرۈمچىدە قۇياش پارلاپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما سوغۇق ئازراقمۇ پەسەيمىدى. مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋال سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 12-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن ℃4 ئەتراپىدا بولىدىكەن، بۇنداق ھاۋارايى تۆت كۈن داۋاملاشقاندىن كېيىن، 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن ℃10 ئەتراپىغا چۈشىدىكەن.
تارماقلار تېمپېراتۇرا ئاستا-ئاستا ئۆرلەۋاتقان بولسىمۇ، ھازىر «توققۇز چىللە»گە قەدەم قويغان ئەھۋالدا، سىرتقا چىققاندا يەنىلا ئىسسىق ساقلاش، زۇكامدىن ئېھتىيات قىلىشنى ئەسكەرتتى.
12-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق باغچىسىنىڭ مەنزىرىسى.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، 12-ئاينىڭ 27-كۈنى كۈندۈزى شىمالىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ، قىسمەن جايلاردا شامال كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك بولۇپ شىۋىرغانغا ئايلىنىدۇ.
12-ئاينىڭ 27-كۈنى كېچىدىن، 12-ئاينىڭ 28-كۈنى كېچىگىچە شىمالىي شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدا قار يېغىپ بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، شامال ئېغىزلىرىدا قارا بوران ياكى شىۋىرغان چىقىدۇ. كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدە داۋاملىق تۇمانلىق (قار) ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، يۇقىرىقى ھاۋارايى ئەھۋالى قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە كۆرۈش دەرىجىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يول قاتنىشىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئالدىنى ئېلىشنى قاتتىق كۈچەيتىش كېرەك.
مەزمۇن «شىنجاڭ گېزىتى»دىن تەرجىمە قىلىندى
تەرجىمە قىلىپ تەھرىرلىگۈچى: دىلمۇرات دىلشات
ھەمبەھىرلىنىڭ