10 مىڭى قۇرۇلىدۇ! سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ھۆججەت تارقاتتى
سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى: 2027-يىلىغا بارغاندا 10 مىڭ 5G زاۋۇتى قۇرۇلىدۇ
مۇخبىرنىڭ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنستىرلىقى يېقىندا «< 5G+سانائەت ئالاقە تورى > بەرپا قىلىش بويىچە 512 قۇرۇلۇشنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتقان. لايىھەدە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلغان: 2027-يىلىغا بارغاندا، «5G+سانائەت ئالاقە تورى» ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلىرىگە كەڭ دائىرىدە سىڭىشىپ، تور ئەسلىھەلىرى، تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى، يۇغۇرما ئەمەلىي قوللىنىش، كەسىپ ئېكولوگىيەسى، ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن ئىبارەت بەش جەھەتتىكى ئىقتىدار ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلۈپ، 5G زاۋۇتىدىن 10 مىڭى قۇرۇلىدۇ، ئاز دېگەندە «5G+سانائەت ئالاقە تورى» يۇغۇرما قوللىنىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان 20 شەھەر بەرپا قىلىنىدۇ
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى لايىھە 2019-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «5G+ سانائەت ئالاقە تورى» 512 قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، «5G+سانائەت ئالاقە تورى» كەسىپ تەمىناتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، تىپىك كۆرۈنۈشلەرنى كېڭەيتىپ، كەسىپتە ئەمەلىي قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «5G+سانائەت ئالاقە تورى»نىڭ كۆپەيتكۈچى ئېففېكتىنى قويۇپ بېرىپ، ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
لايىھەدە كەلگۈسى ئۈچ يىلدىكى «5G+سانائەت ئالاقە تورى»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كۆلەملەشتۈرۈپ قوللىنىشنىڭ ئومۇمىي تەپەككۇرى ۋە 18 تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپە ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، كەسىپلەرنىڭ ھەرقايسى تەرەپ سۇبيېكتلىرى تەرەققىيات يېتەكچىلىكى ۋە ھەرىكەت پايدىلانمىسى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.
كېيىنكى قەدەمدە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى «5G+سانائەت ئالاقە تورى»نىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ چوڭقۇر دەرىجە، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ قوشىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
تەۋسىيەلەر
ئىمتىھانغا ئاز قالغاندا پىسخىك ھالىتىنى قانداق تەڭشىشى كېرەك
ئايروپىلان بېلىتىنىڭ يېقىلغۇماي قوشۇمچە ھەققى يەنە تۆۋەنلىتىلىدۇ