قازاقىستان زۇڭتۇڭى ئاخبارات ئىدارىسى شۇ جاي ۋاقتى 28-دېكابىر ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : شۇ كۈنى قازاقىستان زۇڭتۇڭى توكايېف ئەزەربەيجان ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قازاقىستاننىڭ ئاقتاۋدا چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى توغرىسىدا خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ھۆكۈمەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى، قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بوزۇمبايېف قاتارلىقلارنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىدى.
توكايېف ھۆكۈمەت كومىتېتىغا يارىلانغان چەتئەل پۇقرالىرىنى بارلىق زۆرۈر داۋالاش ۋە پىسخىكىلىق ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى ھەمدە قازا قىلغان قازاقىستان پۇقرالىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا دىققەت قىلىشنى يوليورۇدى. توكايېف يەنە ھۆكۈمەت كومىتېتى ۋە قازاقىستان باش تەپتىش مەھكىمىسى ۋە باشقا مەسئۇل ئورگانلارغا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنى ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ تەكشۈرۈش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى.
بۇنىڭدىن باشقا، ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئۇچۇر ئىغۋاگەرچىلىكى ۋە ساختىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى، ئۇ يەنە قازاقىستاننىڭ ئاۋىئاتسىيە بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنى كۆرسەتتى.
ئۇنداق قىلماي ئىلان بېسىپ قوياڭلا خەلقىم سالوندىن نان تېپ يىمەك تەسلىشىپ كەتتى