شىنجاڭنىڭ تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ھەربىر ئادەمنىڭ يىلىغا 10 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ
12-ئاينىڭ 31-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2024-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ ياردەم بېرىش ئۆلچىمى يەنە ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرسنىڭ دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئۆلچىمى ھەربىر ئادەمنىڭ يىلىغا 8000 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدىكەن.
2024-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مالىيە مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار ئېلان قىلغان «ئالىي مائارىپ باسقۇچى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش ياردەم پۇلى سىياسىتىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»قا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئالىي مائارىپ باسقۇچى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش ياردەم پۇلى سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرغان، 2024-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرستىكى دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئالىدىغانلارنىڭ سانى 581 دىن 1162 گە كۆپىيىپ، مۇكاپاتلاش ئۆلچىمى ھەربىر ئادەمگە يىلىغا 8000 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى؛ ماگىستىر ئاسپىرانتلاردىن دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالىدىغانلارنىڭ سانى 404 كىشىدىن 808 كىشىگە كۆپەيدى، دوكتور ئاسپىرانتلاردىن دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالىدىغانلارنىڭ سانى 56 كىشىدىن 112 كىشىگە كۆپەيدى، مۇكاپاتلاش ئۆلچىمى دوكتورلارنىڭ ھەربىرىگە يىلىغا 30 مىڭ يۈەن، ماگىستىرلارنىڭ ھەربىرىگە يىلىغا 20 مىڭ يۈەن بولدى؛ تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىدىن دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن مۇكاپاتلىنىدىغانلارنىڭ سانى 29 مىڭ 360 كىشى بولۇپ، مۇكاپاتلاش ئۆلچىمى ھەربىر ئادەمگە يىلىغا 5000 يۈەندىن 6000 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى؛ تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس بويىچە دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ قاپلاش دائىرىسى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ%28، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ %30.8 بولۇپ، ئوتتۇرىچە ياردەم بېرىش ئۆلچىمى ھەربىر ئادەمگە يىلىغا 3300 يۈەندىن 3700 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، 2024-يىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئالىي مائارىپ باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 1 مىليارد 276 مىليون يۈەن سېلىنغان، تۈرلۈك سىياسەتلەر ئارقىلىق نەپ يەتكۈزۈلگەن ئوقۇغۇچى 831 مىڭ 200 ئادەم قېتىم بولۇپ، تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرسنىڭ دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى، ھەربىيدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ مائارىپىغا ياردەم بېرىش پۇلى، ئالىي مەكتەپ تاماق ياردەم پۇلى ۋە ئاسپىرانتلار دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى قاتارلىق 16 مەخسۇس تۈرگە چېتىلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى