روزا ھېيت، قۇربان ھېيتتا مۇنداق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ
2025-يىللىق ئەڭ يېڭى دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشى كەلدى!
12ـ ئاينىڭ 25ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتى 2025ـ يىللىق بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئېلان قىلدى.
ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2025-يىللىق بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ۋاقتىنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشى تۆۋەندىكىچە:
1. يېڭى يىل: 1-ئاينىڭ 1-كۈنى (چارشەنبە) بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، دەم ئېلىش ۋاقتى تەڭشەلمەيدۇ.
2. باھار بايرىمى: 1-ئاينىڭ 28-كۈنى (دېھقانلار كالېندارى بويىچە باھار بايرىمىنىڭ ھارپا كۈنى، سەيشەنبە)دىن 2-ئاينىڭ 4-كۈنى (دېھقانلار كالېندارى بويىچە باھار بايرىمىنىڭ 7-كۈنى، سەيشەنبە)گىچە جەمئىي سەككىز كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 1-ئاينىڭ 26-كۈنى (يەكشەنبە)، 2-ئاينىڭ 8-كۈنى (شەنبە) خىزمەت كۈنى بولىدۇ.
3. روزا ھېيت: 3-ئاينىڭ 31-كۈنى (دۈشەنبە) روزا ھېيت بولۇپ، 3-ئاينىڭ 29-كۈنى (شەنبە)دىن 3-ئاينىڭ 31-كۈنى (دۈشەنبە)گىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.
4. چىڭمىڭ بايرىمى: 4-ئاينىڭ 4-كۈنى (جۈمە)دىن 6-كۈنى (يەكشەنبە)گىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.
5. ئەمگەكچىلەر بايرىمى: 5-ئاينىڭ 1-كۈنى (پەيشەنبە)دىن 5-كۈنى (دۈشەنبە)گىچە جەمئىي بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 4-ئاينىڭ 27-كۈنى (يەكشەنبە) خىزمەت كۈنى بولىدۇ.
6. دۈەنۋۇ بايرىمى: 5-ئاينىڭ 31-كۈنى (شەنبە)دىن 6-ئاينىڭ 2-كۈنى (دۈشەنبە)گىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.
7. قۇربان ھېيت: 6-ئاينىڭ 6-كۈنى (جۈمە) قۇربان ھېيت، 6-ئاينىڭ 6-كۈنى (جۈمە)دىن 10-كۈنى (سەيشەنبە)گىچە جەمئىي بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.
8. دۆلەت بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمى: 10-ئاينىڭ 1-كۈنى (چارشەنبە)دىن 8-كۈنى (چارشەنبە)گىچە جەمئىي سەككىز كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 9-ئاينىڭ 28-كۈنى (يەكشەنبە)، 10-ئاينىڭ 11-كۈنى (شەنبە) خىزمەت كۈنى بولىدۇ.
مەنبە: تىيانشان تورى